بۇ نۆۋەتلىك سايلام ئامېرىكىدا بىر تارىخ يارىتىپلا قالماي، دۇنياغا يەنە بىر قېتىم دېموكراتىيە دەرىسى بەردى.
يېڭى ئەۋلاد ئامېرىكىلىقلارنىڭ قىممەت قارىشىدا ئىرق مۇھىم ئامىل ئەمەس
باراك ھۈسەيىن ئوبامانىڭ قارا تەنلىك بولۇشى، كېنىيىلىك بىر كۆچمەن ۋە مۇسۇلمان پەرزەنتى بولۇشى ئۇنىڭ پرېزىدېنت نامزاتلىقىغا توسالغۇ بولمىدى. ئامېرىكا مەتبۇئاتى بۈگۈن بۇ تېما بىلەن مەشغۇل. بەزى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكا بىر پۇرسەتلەر دۆلىتى، ئىقتىدارلىقلار ۋە تالانتلىقلارنىڭ ئادىل رىقابەت سەھنىسى. ئوبامانىڭ نۇتىقى مانا بۇ كۆرۈنۈشنى ئەكس ئەتتۈردى.
ئارىزونا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى Thomas J Davis نىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئوباما بىر تارىخ ياراتتى، ئۇ بولسىمۇ بىر قارا تەنلىكنىڭ تۇنجى قېتىم پرېزىدېنت نامزاتى بولۇشى، بۇ تارىخ ئامېرىكىدا ئىرقچىلىققا تايىنىپ سىياسەت يۈرگۈزۈشنىڭ ۋاقتى ئۆتكەنلىگىدىن بىشارەت. بۇ مۇتەخەسسىسىنىڭ بۈگۈن گېزىتىگە بىلدۈرۈشىچە، يەنە بۇ تارىخ ئامېرىكا سىياسىي مەدەنىيىتىدىكى تەدىرىجىي تەرەققىياتنىڭ بىر باسقۇچى. بۇ باسقۇچ ئامېرىكىدا قارا تەنلىك ۋەتەنداشلارنىڭ قۇللۇقتىن ئازاد بولۇش، ئىرقىي ئايرىمىچىلىقتىن قۇتۇلۇش ۋە باراۋەرلىكنى قولغا كەلتۈرۈش جەريانىدا بېسىپ كەلگەن غالىپ بىر قەدىمى.
پروفېسسور دەيۋىسنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكا جەمئىيىتىدىكى ئىجتىمائىي ئادالەت، جەمئىيەتتىكى ئېتنىك گۇرۇپپىلار ئارىسىدا ئۆز - ئارا سۈركۈلۈشلەرنى ئازايتقان؛ مەدەنىيەت جەھەتتە سىڭىشىش ۋە پۈتۈنلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. شۇڭا يېڭى ئەۋلاد ئامېرىكىلىقلارنىڭ قىممەت قارىشىدا ئىرق مۇھىم ئامىل ئەمەس.
باراك ھۈسەيىن ئوباما ئالىي مەلۇماتلىق، پەۋقۇلئاددە تەشكىلاتچى، مۇستەقىل پىكىر قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە
ئامېرىكىدا قارا تەنلىكلەر نوپۇسى ئومۇمى نوپۇسنىڭ %12.8 نى ئىگىلەيدۇ، ئاق تەنلىكلەر بولسا %80.1 نى ئىگىلەيدۇ. نوپۇس جەھەتتىن ئاز بولۇش ۋە تارىختىن قېپقالغان بىر تۈركۈم ئىقتىسادى ۋە ئىجتىمائىي پەرقلەر، قارا تەنلىكلەرنىڭ دۆلەتنىڭ يۇقىرى ھاكىمىيەت قاتلىمىدا ئورۇن ئېلىشىغا توسالغۇ بولۇپ كەلگەن. قارا تەنلىك سىياسەتچىلەردىن Shirliy Chisholm خانىم تۇنجى قېتىم، 1972 - يىلى، Jesse Jackson ئەپەندى بولسا 1984 - يىلى؛ Al Sharpton ئەپەندى بولسا دېموكراتچىلار پارتىيىسىنىڭ پرېزىدېنت نامزات سايلىمىغا قېتىلغان. جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىدىن Alan Keyes، 1998 - يىلى ؛ Carol Mosely بولسا 2004 - يىلى پرېزىدېنت نامزات سايلىمىغا قاتناشقان. ئەمما بۇلارنىڭ ھېچبىرى سايلامدا ئۇتالمىغان.
كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، كولومبىيە ۋە ھارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قانۇنى پاكۇلتېتىدا ئوقۇغان باراك ھۈسەيىن ئوبامانىڭ ئالىي مەلۇماتلىق بولۇشى، پەۋقۇلئاددە تەشكىلاتچىلىق تالانتى، مۇستەقىل پىكىر قىلىش ئىقتىدارى ۋە يېڭىلىق پىلانى ئۇنىڭ سايلامدا ئۇتۇق قازىنىشىدىكى ئاچقۇچلۇق ئامىللاردۇر.
ھىللارىي كلىنتون، گەرچە، ئوبامانىڭ سايلام غەلىبىسىنى تەبرىكلىگەن بولسىمۇ، پرېزىدېنت سايلىمىدا ئۇنى قوللايدىغان - قوللىمايدىغانلىقى ھەققىدە ئىپادە بىلدۈرمىدى. ئۇ بۇ ھەقتىكى قارارىنى شەنبە كۈنى بىلدۈرمەكچى.
ئامېرىكا جەمئىيىتى ئاقسارايدا يېڭى بىر يولنى كۆرۈشكە تەشنا
ئوبامانىڭ نۆۋەتتىكى رەقىبى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ پرېزىدېنت نامزاتى John Mccain، ئۇ ئامېرىكىنىڭ ۋيېتنام ئۇرۇشى قەھرىمانى. ئىككى رىقابەتچىنىڭ سىياسەت لايىھىسىدىكى ئەڭ چوڭ پەرق ئىراق مەسىلىسىدە. John Mccain بۇش ھۆكۈمىتىنىڭ ئىراق ئىشغالىنى ھارارەتلىك قوللىغۇچى.
باراك ئوباما، ئىراق ئىشغالىغا قارىتا كەسكىن قارشى تۇرغۇچى. ئۇ پرېزىدېنتلىق ئورنىغا ئۆتسە، ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنى ئىراقتىن 18 ئاي ئىچىدە چېكىندۈرۈپ چىقماقچى. John Mccain پرېزىدېنتلىقنى قولىغا ئالسا، ئامېرىكا ئىراقتا ئاخىرقى غەلىبىنى قولغا كەلتۈرگىچە ئەسكەر تۇرغۇزماقچى. ئۇنىڭ پىلانىچە، ئامېرىكا ئىراقتىن 2013 - ئەسكەر چېكىندۈرۈشى مۇمكىن.
كۆزەتكۈچىلەرنىڭ پەرىزىدە، 71 ياشلىق John Mccain نىڭ ئۇرۇش قەھرىمانى بولۇشتەك شان - شەرىپى بىلەن مول تەجرىبىسى باراك ئوباما ئۈستىدىن غەلىبە قىلدۇرۇشى مۇمكىن. ئۇنىڭ ئۈستىگە دېموكراتلار ئارىسىدا توسالغۇ سانالمىغان ئىرق ئامىلىنىڭ ئومۇمى سايلامدا ئوباماغا توسالغۇ بولۇپ قېلىش ئېھتىمالىمۇ بار. يەنە بەزى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دېموكراتچىلار سايلىمىدىن چىقارغان خۇلاسىسى، ئامېرىكا جەمئىيىتى نۆۋەتتە، ئاقسارايدا يېڭى بىر سىما، يېڭى بىر تون، يېڭى بىر يولنى كۆرۈشكە تەشنا، بۇ ئەھۋال، 11 - ئاينىڭ 3 - كۈنى ئاقساراينىڭ ئىشىكىنى ئوباماغا ئېچىپ بېرىشى مۇمكىن.