بارىن ئىنقىلابىدا تۇتۇلغان ئىبراھىم ئەمەت ھېلىھەم تۈرمىدە ياتماقتا

1990 - يىلى 5 - ئاپرېلدا پارتلىغان بارىن ئىنقىلابىغا بۇ يىل 22 يىل بولدى. شۇ مەزگىلىدە تۇتۇلۇپ تۈرمىگە قامالغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچىدە ھېلىھەم تۈرمىدە يېتىۋاتقانلار يەنە بار.

0:00 / 0:00

بۇلارنىڭ بىرى بارىن يېزىسى قوغان كەنتىدىكى ئىبراھىم ئەمەت. ئۇنىڭ ئايالىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىبراھىم ئەمەتكە ئەسلىدە ئىككى يىل كېچىكتۈرۈلۈپ ئېتىش جازاسى بېرىلىپ، كېيىن بۇ مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ئۆزگەرتىلگەن. ئۇ ئۆتكەن 22 - يىلدىن بېرى ئۈرۈمچى باجاخۇ تۈرمىسىدە ياتماقتا.

ئىبراھىم ئەمەتكە ھۆكۈم ئېلان قىلغاندا ئائىلە تاۋابىئاتلىرى سوتقا قاتناشتۇرۇلمىغان بولغاچقا ئىبراھىم ئەمەتكە نېمە جىنايەت ئارتىلغانلىقى تا ھازىرغىچە ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا قاراڭغۇ.