ئاۋسترالىيىنىڭ ئادېلايد شەھىرىدە بارىن ئىنقىلابىنىڭ 21 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

ئاۋسترالىيە شەرقى تۈركىستان جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئادېلايدتىكى ئۇيغۇرلار 5‏-ئاپرېل كۈنى «بارىن ئىنقىلابى» نىڭ 21 يىللىقىنى خاتىرىلىدى.

0:00 / 0:00

ئاۋسترالىيە شەرقى تۈركىستان جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئادېلايدتىكى ئۇيغۇرلار 5‏-ئاپرېل كۈنى بارىن يېزىسىدا پارتلىغان مەرھۇم زەيدىن يۈسۈپ رەھبەرلىكىدىكى «بارىن ئىنقىلابى» دەپ ئاتالغان، خىتاينىڭ زۇلۇمىغا قارشى قوراللىق ئىنقىلابنىڭ 21 يىللىقىنى جەمئىيەت مەركىزىدە سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈپ خاتىرىلىدى.

بۇ يىغىندا ئالدى بىلەن دىنىي زات ئابدۇسالام ئالىم ھەربىر مۇسۇلماننىڭ ۋەتىنىنى قوغداش، ۋەتىنىنىڭ ئازادلىقى ئۈچۈن جىھاد قىلىش مەجبۇرىيىتىنىڭ بارلىقىنى قۇرئانى كەرىمىدىن مىساللار ئىلىپ چۈشەندۈردى. ئاندىن جەمئىيەت رەئىسى ئابدۇلغوپۇر مۆمىن ئەپەندى، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا، بولۇپمۇ ئاۋسترالىيىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتەن سۆيگۈسىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇپ، بارىن ئىنقىلابىدا قۇربان بولغان شېھىتلەر روھىدىن ئۆگىنىپ ۋەتىنىنىڭ ئازادلىقى، خەلقىنىڭ ئەركىنلىكى يولىدا تىنچلىق بىلەن ئىلىپ بېرىلىۋاتقان بارلىق سىياسىي پائالىيەتلەرگە تولۇق قاتنىشىشىنى، قولىدىن كەلگەن بارلىق ئىمكانىيەتلەر بىلەن ياردەم قىلىشىنى ۋە قوللىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

جەمئىيەت كاتىپى نۇرمۇھەممەت تۈركىستانى يىغىن قاتناشقۇچىلىرىغا بارىن ئىنقىلابى ھەققىدە ئومۇمى مەلۇمات بەردى، ئاخىرىدا ئابدۇسالام قارىم يىغىن قاتناشچىلىرى بىلەن قۇربانلار روھىغا ئاتاپ دۇئا قىلدى.