0:00 / 0:00
زەيدىن يۈسۈپ بارىن يېزىسىدىكى 200 دىن ئارتۇق ياشنى يېتەكلەپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى، ئۇيغۇر دېھقانلىرى ئۈستىدىن يۈرگۈزۈلىۋاتقان ھاشار ئەمگىكى سىياسىتىگە قارشى ۋە خىتاي مىللەتچىلىكى ئاستىدا خورلىنىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق - ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن كۈرەشكە ئاتلانغان ئۇيغۇر ياش.
گېرمانىيىدىكى زەيدىن يۈسۈپنى يېقىندىن تونۇيدىغان ئۇيغۇر پائالىيەتچىسى ئابدۇرېھىمجان ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بارىن ئەزىمەتلىرى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ خورلۇققا، باستۇرۇشقا چىداپ تۇرمايدىغانلىقىنى دۇنياغا جاكارلىغان.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتە ئۇيغۇر پائالىيەتچىسى ئابدۇرېھىمجان ئەپەندى بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.