گوللاندىيىدە بارىن ئىنقىلابىنىڭ 22 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

4‏-ئاينىڭ 6‏-كۈنى گوللاندىيىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئامىستېردامنىڭ دام مەيدانىدا بارىن ئىنقىلابىنىڭ 22‏-يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن نامايىش پائالىيىتى ئېلىپ باردى.

0:00 / 0:00

50 دىن ئارتۇق ئۇيغۇرلار ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقىنى كۆتۈرۈپ، تۈرلۈك شوئارلارنى توۋلىدى. گوللاندچە، ئۇيغۇرچە ۋە خىتايچە باياناتلار ئوقۇدى.

شۇ يەر ۋاقتى چۈش سائەت بىردىن ئۈچكە قەدەر داۋام قىلغان پائالىيەتتە تەشۋىق ۋاراقلىرى تارقىتىلدى. يەرلىك ئامما ۋە ساياھەتچى جاھان كەزدىلەرگە ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنى ۋە ئۆتمۈشىگە ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى يەتكۈزۈلدى.

barin-gollandiye-385.jpg
بارىن ئىنقىلابىنىڭ 22 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن نامايىش ئۆتكۈزۈلدى. 2012-يىلى 6-ئاپرېل، گوللاندىيىدە. (RFA/Pidaiy)

لوزۇنكا ۋە پلاكاتلار بىلەن سەپ بولۇپ تىزىلغان ئۇيغۇرلار قىزغىن ۋە جانلىق بىر كەيپىياتتا نامايىش قىلىپ، بارىن ئىنقىلابىدا شېھىت بولغان قەھرىمانلىرىغا ھۆرمىتىنى بىلدۈردى. پائالىيەت ئاخىرلاشقاندا گوللاندىيە ئۇيغۇر بىرلىكىنىڭ سابىق رەھبىرى پەرھات قادىر ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى.

بىر نەچچە كۈنلۈك ياۋروپا زىيارىتى سەپىرىدە گوللاندىيىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نامايىشىغا پۇرسەت خاراكتېرىدە ئىشتىراك قىلغان تۈركىيىدىكى تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتىنىڭ ساھىبى ، پېشقەدەم ئىنقىلابچى ئابدۇجېلىل تۇران ئەپەندىمۇ، ئۆز ھېس-تۇيغۇلىرىنى بىلدۈردى.