2011-يىلى 4-ئاينىڭ 3-كۈنى تۈركىيە ۋاقتى 14:00 دە ئېچىلغان بۇ يىغىن شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئەنقەرەدىكى شۆبە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، يىغىنغا ئەنقەرەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ۋە تۈركلەردىن بولۇپ كۆپ ساندا كىشى ئىشتىراك قىلدى.
مۇراسىمنىڭ ئاساسى مەقسىتى، بارىن ئىنقىلابىدا شېھىت بولغانلارنى خاتىرىلەش ۋە بارىن ئىنقىلابىدىن دەرس ئېلىش، بارىن ئىنقىلابى ھەققىدە جەمئىيەتتە تارقالغان خاتا پىكىرلەرگە رەددىيە بېرىشتىن ئىبارەت ئىكەن. مۇراسىم باشلىنىشتىن ئىلگىرى قۇرئانى كەرىم ئوقۇپ بارىن ئىنقىلابىدا شېھىت بولغان قەھرىمانلارنىڭ روھىغا ئاتاپ دۇئا قىلىندى.
يىغىنغا شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەتتە ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئەنقەرە شۆبە باشلىقى ھايرۇللاھ ئەفەندىگىل ئەپەندى رىياسەتچىلىك قىلدى ۋە ئېچىلىش نۇتقى سۆزلىدى. يىغىندا ئادۋوكات ھاقان ئىشق، شاھىن ئەپەندىلەر بارىن ئىنقىلابى ۋە بارىن ئىنقىلابىدا شېھىت بولغان قەھرىمانلار ھەققىدە سۆز قىلدى.
كېيىن ئادۋوكات خاقان ئىشق سۆز قىلدى.ئۇ سۆزىدە 5 -ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ بارىن ئىنقىلابىدىن ئېلىنغان روھى ئىلھامنىڭ نەتىجىسىدە زۇلۇمغا قارشى مەيدانغا چىققان قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. يىغىن ئەھلى يىغىنغا قاتنىشىۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى بارىن ئىنقىلابى ھەققىدە سوئال سورىدى. يىغىن 2 سائەتكە يېقىن داۋاملاشتى.
2011-يىلى 4-ئاينىڭ 4-كۈنى تۈركىيىنىڭ قەيسىرى شەھىرىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەتتە ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى بارىن ۋەقەسىنىڭ 21-يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلدى ۋە تەشكىلات مەركىزىدە مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ بارىن ئىنقىلابىنىڭ 21-يىللىقى خاتىرىلىدى.