ئىستانبۇلدا، بارىن ئىنقىلابىنىڭ 21 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى

1990-يىلى 5-ئاپرېل كۈنى قەشقەر ۋىلايىتى ئاقتۇ ناھىيىسىنىڭ بارىن يېزىسىدا 200 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر زەيدىن يۈسۈپنىڭ قوماندانلىقىدا خىتايغا قارشى ھەرىكەت قىلىپ باستۇرۇلۇشقا ئۇچرىغان ئىدى.

0:00 / 0:00

شۇ كۈندىن بۇيان دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار ھەر يىلى 5-ئاپرېل كۈنى بارىن ئىنقىلابىدا شېھىت بولغانلارنى خاتىرىلەپ، يىغىن، مۇراسىم ئۇيۇشتۇرۇپ ۋە خىتايغا قارشى نامايىش قىلىش ئارقىلىق نارازىلىقىنى ئىپادىلەپ كەلمەكتە.

2011-يىلى 4-ئاينىڭ 2-كۈنى ئىستانبۇلدا پائالىيەت قىلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن جەمئىيەت مەركىزىدە، بارىن ئىنقىلابىنىڭ 21‏- يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن خاتىرىلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. مۇراسىم باشلىنىشتىن ئىلگىرى قۇرئان كەرىم ئوقۇلدى ۋە بارىن ئىنقىلابىدا شېھىت بولغان ئۇيغۇر پىدائىيلارنىڭ روھىغا ئاتاپ دۇئا قىلىندى.

مۇراسىمغا ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى. مۇراسىمغا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى دوكتور ئالىمجان ئاتاۋۇللا رىياسەتچىلىك قىلدى. مۇراسىمدا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ئېچىلىش نۇتقى سۆزلىدى. مۇراسىمدا يەنە باش نازىر ئابدۇلھېكىمخان مەخسۇم سۆز قىلدى. مۇراسىمدا يەنە بارىن ئىنقىلابىنىڭ باشلىنىش ۋە ئاخىرلىشىش ۋەقەلىرى، بارىن ئىنقىلابىنىڭ ئەھمىيىتى، ئالاھىدىلىكى، مەقسىتى ۋە بۇ ئىنقىلابتىن ئۇيغۇر خەلقى ئېرىشكەن نەتىجىلەر ھەققىدە تەييارلانغان ئىلمىي ماقالە ئوقۇپ ئۆتۈلدى. مۇراسىم 2 سائەت داۋام قىلدى.