قېرىندىشى تۈرمىگە قامالغان بىر ئائىلىنىڭ 22 يىللىق كەچمىشلىرى (2)

بىز ئالدىنقى قېتىملىق ئاڭلىتىشىمىزدا 1990-يىلىدىكى بارىن ئىنقىلابى مەزگىلىدە تۈرمىگە تاشلانغان ۋە 22-يىلدىن كېيىن خىتاي تۈرمىسىدە ئۆلۈپ كەتكەن مەخەت ھەسەن ھەققىدە ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەتنىڭ بىر قىسىمنى ئاڭلاتقان ئىدۇق.
مۇخبىرىمىز جۈمە
2012-03-28
Share
Bingtuan-Xitayliri-we-Barin-Inqilapchiliri-tutqunda-305.jpg ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، ﺑﺎﺭﯨﻦ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺑﭽﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﯘﺗﯘﺵ ﯞﻩ ﻗﯩﺮﻏﯩﻦ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻘﺎﻥ ﺑﯩﯖﺘﯘﻩﻥ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﻗﻮﺭﺍﻟﻠﯩﻖ "ﺩﯦﻬﻘﺎﻥ" ﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
File Photo

بۈگۈن مەزكۇر سۆھبەتنىڭ داۋامىنى ئاڭلىتىمىز. سۆھبەتتىن مەلۇم بولدىكى، مەخەت ھەسەت ئورنىدىن قوپالمايدىغان بولۇپ قالغاندا تۈرمە دوختۇرخانىسىغا يۆتكەلگەن، ئەمما ئۇ مەزكۇر دوختۇرخانىدا داۋالاشقا ئېرىشەلمىگەن.

ئۇنداقتا كېسەل ئازابى ۋە ئاچلىق مەخەت ھەسەننىڭ ئادىمىيلىكى ۋە ئەرلىك بۇرچ تۇيغۇسىغا تەسىر كۆرسىتەلىدىمۇ؟

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن سۆھبەتنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.

يۇقىرىدىكىسى بارىن يېزىسى قوغان كەنتى 1-ئەترىتىدىكى پەقەت بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭلا بېشىغا كەلگەن كۈلپەتلەردۇر خالاس. بارىن ئىنقىلابىدا تالاپەتكە ئۇچرىغان يەنە مىڭلىغان ئاھالىلەر ۋە تۈرمىلەردە ئازاب چېكىۋاتقان يەنە نۇرغۇن كىشىلەر بولۇشى مۇمكىن. بۇ ھەقتىكى خەۋەر-ھېكايىلەر ھەر بىرىمىزنىڭ تىرىشچانلىقىدا يورۇق كۆرۈشنى كۈتۈپ ياتماقتا.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت