بارىن يېزىسىنىڭ 21 - ئەسىرنىڭ دەسلەپكى ئون يىلىنىمۇ جىنچىراغدا ئۆتكۈزۈشى نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟
2012.09.14
كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتايدىكى ئەڭ چوڭ ئېنېرگىيە بازىسى بولغان ئۇيغۇر ئېلىدە يەر تەۋرەش، قۇرغاقچىلىققا ئوخشاش تۈرلۈك تەبىئەت ئاپەتلەر، ساقال، بۇرۇت قويۇش، رومال ئارتىشنى چەكلەشكە ئوخشاش مەدەنىي ئاپەتلەر، تىل، يېزىقلىرىدىن مەھرۇم قالدۇرۇش، دىنىي ئېتىقادىنى سۇسلاشتۇرۇش، نامراتلاشتۇرۇشقا ئوخشاش مىللىي ئاپەتلەر كەڭ ھۆكۈم سۈرمەكتە.
«تەڭرىتاغ تورى» 14 - سېنتەبىر «غەربنىڭ گازىنى شەرققە يۆتكەش 3 - لىنىيىسى» نىڭ ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى. غۇلجا - قورغاستىن باشلانغان بۇ تۇرۇبا يولىدا يىلىغا 30 مىليون كۈپ مېتىردىن ئارتۇق تەبىئىي گاز توشۇلىدىكەن. تېخى بىر ئاي ئىلگىرىلا، خىتاي دائىرىلىرى «غەربنىڭ توكىنى شەرققە يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى» توغرىسىدا مەلۇماتلارنى ئاشكارىلىغان ئىدى. «خەلق گېزىتى» 14 - سېنتەبىر ئۇيغۇر دىيارىدىكى 19 مىليون 963 مىڭ ئادەم قېتىم تەبىئىي ئاپەتنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان خەلقنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن 10 يىلدىن بۇيان 3 مىليارد 200 مىليون سوم پۇل ئاجراتقانلىقىنى ئالاھىدە خەۋەر سۈپىتىدە باش سەھىپىسىگە باستى.
يېقىنقى خەۋەرلەردە يەنە، ئۇيغۇر ئىلىدىن بايقالغان نېفىت ۋە تەبىئىي گازغا ئوخشاش يېڭى بايلىق مەنبەلىرىگە ئائىت ئۇچۇرلار دائىم كۆزگە چېلىقىپ تۇرۇۋاتىدۇ. خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرى، ئۇيغۇر دىيارىدا كەم ئۇچرايدىغان «ھالقىما تەرەققىيات» نىڭ نەتىجىسىگە دائىر مەلۇماتلارنى ئۈزمەي ئېلان قىلماقتا. دەل بۇنىڭ قارشىسىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچىملىك سۇ مەسىلىسى، توك مەسىلىسى، ئىسسىنىش مەسىلىسىنىڭ تېخى ھەل بولمىغانلىقىغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارمۇ ئوتتۇرىغا چىقماقتا.
14 - سېنتەبىر خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ئاخبارات قورالى - «خەلق تورىدا» ئاقتۇ ناھىيىسىنىڭ بارىن يېزىسىدا توك مەسىلىسىنىڭ ھەل بولغانلىقى ئېلان قىلىندى. «جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، ئوبلاست توك قىسىنچىلىقى دەۋرىگە خاتىمە بەردى» ناملىق بۇ ئاتالمىش «خۇش خەۋەر» دە، بارىن يېزىسىدىكى خەلقنىڭ تۇنجى قېتىم ئېلېكتردىن تولۇق بەھرىمەن بولۇش باسقۇچىغا قەدەم قويغانلىقى تەنتەنە بىلەن جاكارلاندى.
خىتاي ھۆكۈمىتى بۇندىن ئىككى ئاي ئىلگىرى، ئۇيغۇر ئىلىدىكى بىر يېرىم مىليون خەلقنىڭ پاكىز سۇ مەسىلىسىنى ھەل قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغاندا، يەنە 3.5 مىليون خەلقنىڭ مەينەت سۇ ئىچىدىغانلىقى ئاشكارىلانغان ئىدى.
ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ قارىشىچە، 21 - ئەسىرنىڭ بۈگۈنكى كۈنىدە، ئۆزلىرىنى «ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىپ ئىقتىسادىي مۆجىزە يارىتىۋاتقان چوڭ دۆلەت» دەپ قاراۋاتقان خىتايدا، ئۆزلىرىنىڭ ئېنېرگىيە بازىسى بولغان ئۇيغۇر رايونىنىڭ توك، سۇ مەسىلىسىنىڭ ئەمدى بۈگۈن ھەل بولۇۋاتقانلىقىنى جاكارلىشى، ئەسلىدە نومۇس قىلارلىق ئىش ئىدى. باش شتابى گېرمانىيىنىڭ فرانكفورت شەھىرىدە بولغان شەرقىي تۈركىستان كۈلتۈر مەركىزىنىڭ رەئىسى كۈرەش ئاتاخان ئەپەندى بۇ توغرىسىدا كۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
بارىن يېزىسىدا توك مەسىلىسى نېمە ئۈچۈن بۈگۈنگە كەلگەندە ھەل بولدى؟ بارىن يېزىسى قانداق جاي؟ نېمە ئۈچۈن ئېلېكتر ئىستانسىسى قۇرۇش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان يېقىلغۇ ۋە شارائىتقا يېتەرلىك دەرىجىدە ئىگە بىر ئەلدە، پۇقرالارنىڭ بۇ قىيىنچىلىقى تارىختىن بۇيان ھەل قىلىنماي كەلدى؟ ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ دەرىجىدە نامرات، بىچارە ھالدا قېلىشىغا سەۋەب بولغان ئامىللار قايسى؟
د ئۇ ق تەشۋىقات - نەشرىيات كومىتېتىنىڭ مۇدىرى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى يۇقىرىقى سوئاللار ئۈستىدە توختىلىشتىن ئىلگىرى، بارىن يېزىسى ۋە «بارىن روھى» توغرىسىدا قىسقىچە چۈشەنچە بېرىپ ئۆتتى. ئۇيغۇر زىيالىيسى كۈرەش ئاتاخان ئەپەندى يەنە، بارىن خەلقى ۋە بارىن ئىنقىلابى توغرىسىدا توختالدى.