بەشار ئەسەد خىتاي بىلەن رۇسىيىگە تايىنىپ ئۆزىنى ساقلاپ قالالامدۇ؟

پەيشەنبە كۈنىدىكى ب د ت يىغىنىدا، ئەرەب بىرلىكىنىڭ سۈرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خەلققە قىرغىنچىلىق قىلىۋاتقانلىقىنى ئەيىبلەش تەكلىپ لايىھىسى قاراردىن ئۆتتى. بۇ قارارغا يەنە خىتاي بىلەن رۇسىيە قارشى تۇردى.

0:00 / 0:00

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، 16 - فېۋرال كۈنىدىكى ب د ت يىغىنىدا، ئەرەب بىرلىكىنىڭ سۈرىيە مەسىلىسىنى ھەل قىلىش تەكلىپ لايىھىسىنى قوللايدىغان يەنە بىر قارار ماقۇللاندى. بۇ قارادا سۈرىيە پرېزىدېنتى بەشار ئەسەد دەرھال تەختتىن چۈشۈپ كېتىش كېرەك دەپ كۈرسىتىلدى. بۇ، ب د ت نىڭ سۈرىيە مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن يەنە بىر قېتىم كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقى بولۇپ ھېسابلىندۇ.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ب د ت يىغىندا 193 ئەزا دۆلەتنىڭ 137 سى ئەرەب بىرلىكىنىڭ تەكلىپىنى قوللاپ ئاۋاز بەرگەن، 17 سى ئاۋازىدىن ۋاز كەچكەن. ئەپسۇسكى، رۇسىيە، خىتاي، شىمالىي كورىيە، ئىران، كۇبا، ۋېنسۇئىلا قاتارلىق 12 دۆلەت قارشى ئاۋاز بەرگەن.

تۈنۈگۈن ب د ت دا ماقۇللانغان بۇ قارارنىڭ ئاساسى مەزمۇنى ئەرەب بىرلىكىنىڭ سۈرىيە مەسىلىسىنى ھەل قىلىش تەكلىپىنى قوللاش، سۈرىيە پرېزىدېنتى بەشار ئەسەدنىڭ سۈرىيە خەلقنى باستۇرغان جىنايى قىلمىشىلىرىنى ئەيىبلەشتىن ئىبارەت. بۇ قاراردا يەنە، سۈرىيە قىسىملىرى دەرھال مەھەللىلەردىن چېكىنىپ چىقىش، تۇتقۇنلارنى قويۇپ بېرىش، خەلقنىڭ پىكىر ئەركىنلىكى ۋە خەلقئارا ئۇچۇر ۋاستىلىرىنىڭ ئەركىن كىرىپ - چىقىشىغا كاپالەتلىك قىلىش لازىم دەپ كۆرسىتىلگەن.

ب د ت باش كاتىبى بانكىمۇن بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ، ب د ت سۈرىيە مەسىىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن پەۋقۇلئاددە ئەلچى تەسىس قىلىدىغانلىقىنى، بۇ پەۋقۇلئاددە ئەلچى ئەرەب بىرلىكى بىلەن مەسلىھەتلىشىپ ئىش كۆرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، ب د ت دا سۈرىيە مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ھەققىدە يىغىن ئېچىلغان پەيشەنبە كۈنى، سۈرىيىدە ئەسەد قىسىملىرىنىڭ ھۇجۇمىدا ئۆلگەن ئادەم سانى 40 تىن ئاشقان.

تەيۋەن ئۇچۇر ۋاستىلىرىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاينىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى ۋاڭ مىن قارارغا قارشى تۇرغاندا، سۈرىيىنى جازالاش بىلەن مەسىلە ھەل بولمايدۇ، دەپ جاكارلىغان. ئۇ سۆزىدە، خىتاي ھۆكۈمىتى يەنە سۈرىيىنى ھۆكۈمەت ئالماشتۇرۇشقا مەجبۇرلاشقا قوشۇلمايدۇ، پەقەت سۈرىيىدە قارشىلىق توختىغاندا ئاندىن سۈرىيە تىنچ بولىدۇ، دېگەن. دېمەك بۇ كۆز قاراشتىن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەقسىتى سۈرىيىدە ئەركىنلىك، دېموكراتىك ھەرىكەتلەرنى توختىتىشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكى ئېنىق.

خىتايدىكى «قانۇنشۇناسلىق» تور گېزىتىدە بايان قىلىنىشىچە، سۈرىيە مىللىي كومىتېتى دېگەن تەشكىلات بۇلتۇر 10 - ئايدا ئىستانبۇلدا قۇرۇلغاندىن بۇيان، ئۇنىڭ ئەسەد ھۆكۈمىتىنى ئاغدۇرۇش يولىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەرىكەتلىرى كۈنسېرى كۈچ تېپىۋاتىدۇ. بۇ تەشكىلاتقا «لېۋىيە ئۆتكۈنچى ھۆكۈمىتى» دېگەن تەشكىلات 15 - فېۋرال كۈنى يەنە، تىرىپولى شەھىرىدە )لېۋىيىنىڭ پايتەختىدە( ئەركىن پائالىيەت قىلىشقا ئىجازەت بەرگەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، فرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جۇپپېي تۈنۈگۈن ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشىدە، سۈرىيىدە ئىنسانپەرلىك بەلۋاق تەسىس قىلىش ھەققىدە تەكلىپ قويغان.

ۋاشىنگتوندىكى دۇنيا بىخەتەرلىكى تەتقىقات ئورنىنىڭ مەسئۇلى زىدگوبىننىڭ قارىشىچە، پۇتىننىڭ سۈرىيە مەسىلىسى توغرىسىدا قىلغان سۆزلىرى، رۇسىيىدە داۋاملىشىۋاتقان سايلام بىلەن مۇناسىۋەتلىك. بۇنىڭدىن بۇرۇن پۇتىننىڭ ئامېرىكىغا قارىمۇ - قارشى قىلغان سۆزلىرى ئەمەلىيەتتە ئىجرا قىلىنمىدى، چۈنكى رۇسىيىنىڭ تاشقى سىياسىتى غەربكە قارشى تۇرىدىغان سىياسەت ئەمەس، رۇسىيە دىپلوماتىيىسىدە ئامېرىكىغا قارشى تۇرىدىغان يۈنىلىش تېخىمۇ يوق.

«ۋاشىنگتون پوست» گېزىتىدە بايان قىلىنىشىچە، سۈرىيە مەسىلىسى ئەركىنلىك، دېموكراتىيە تەلەپ قىلىدىغان سىياسىي ئارزۇ مەسىلىسىلا ئەمەس، بۇ مەسىلىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى بىر قەدەر مۇرەككەپ. سۈرىيە مىللىتى ئەرەب بولمىغان ئىران بىلەن ئىتتىپاق تۈزگەن بىردىن - بىر ئەرەب دۈلەت. ئىران بىلەن ئەرەب دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدا مىللىي زىددىيەتكە قارىغاندا، ئۇنىڭدىنمۇ كۈچلۈك دىنىي مەزھەپ زىددىيىتى مەۋجۇت. بەشار ئەسەد ھۆكۈمىتى ئىران بىلەن لىۋان، سۈرىيىلەردىكى شىئە مەزھىپىنىڭ مۇھىم پائالىيەت سەھنىسى. ئەسەد ھۆكۈمىتى گەرچە سادام ھۆسەيىندەك تەلۋىلىك قىلمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ ئىزچىل ھالدىكى رەھىمسىز مۇستەبىت ھۆكۈمەت. ئۇ، «ئەرەب باھارى» نىڭ تەسىرىدە سۈرىيىدە پىكىر ئەركىنلىكى تەلەپ قىلىپ نامايىش قىلغان خەلقتىنلا 5 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنى ئۆلتۈرۈپ بولدى.

بۇ ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، بىر مۇستەبىت پەقەت ئۆزىنىڭ ئۇۋىسىدىن قوغلاپ چىقىرىلغاندىلا، ئاندىن ئۇنىڭ ھاكىمىيىتى تېز گۇمران بولۇشى مۇمكىن. مۇستەبىتلىكنىڭ سىمۋولى بولغان بېرلىن تېمىنىڭ ئۆرۈلۈشى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ گۇمران بولۇشىنى تېزلەتكەنلىكى بۇنىڭ مىسالى، بۇ قانۇنىيەت بۇيىچە ئېيتقاندا، سۈرىيە پرېزىدېنتى بەشار ئەسەدنىڭ تەختتىن چۈشۈرۈلۈشى ئىراندىكى مۇستەبىت ھاكىمىيەتنىڭ گۇمران بولۇشىنىمۇ تېزلىتىدۇ.