'باشقا بىر تىبەت'

ئامېرىكىدا نەشردىن چىقىدىغان ۋە خەلقئارادىكى داڭلىق ژۇرناللاردىن بىرى بولغان "دۆلەت جۇغراپىيىسى ژۇرنىلى"نىڭ دېكابىر سانىدا ئۇيغۇرلارغا دائىر بىر ماقالە ئېلان قىلىندى. "باشقا بىر تىبەت" ماۋزۇ قويۇلغان بۇ ماقالىدە ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكى ۋە ھازىرقى ۋەزىيىتى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇماتلار بېرىلگەن.

"ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺟﯘﻏﺮﺍﭘﯩﻴﯩﺴﻰ ﮊﯗﺭﻧﯩﻠﻰ"ﻧﯩﯔ ﺩﯦﻜﺎﺑﯩﺮ ﺳﺎﻧﯩﺪﺍ  ﺑﯧﺮﯨﻠﮕﻪﻥ "ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺑﯩﺮ ﺗﯩﺒﻪﺕ" ﻣﺎﯞﺯﯗﻟﯘﻕ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﺪﺍ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﻛﯩﻤﻠﯩﻜﻰ ﯞﻩ ﻫﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﯞﻩﺯﯨﻴﯩﺘﻰ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺗﻪﭘﺴﯩﻠﯩﻲ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺗﻼﺭ ﺑﯧﺮﯨﻠﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﻗﻪﺩﯨﻤﻰ ﺷﻪﻫﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﭼﯧﻘﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ.
"ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺟﯘﻏﺮﺍﭘﯩﻴﯩﺴﻰ ﮊﯗﺭﻧﯩﻠﻰ"ﻧﯩﯔ ﺩﯦﻜﺎﺑﯩﺮ ﺳﺎﻧﯩﺪﺍ ﺑﯧﺮﯨﻠﮕﻪﻥ "ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺑﯩﺮ ﺗﯩﺒﻪﺕ" ﻣﺎﯞﺯﯗﻟﯘﻕ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﺪﺍ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﻛﯩﻤﻠﯩﻜﻰ ﯞﻩ ﻫﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﯞﻩﺯﯨﻴﯩﺘﻰ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺗﻪﭘﺴﯩﻠﯩﻲ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺗﻼﺭ ﺑﯧﺮﯨﻠﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﻗﻪﺩﯨﻤﻰ ﺷﻪﻫﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﭼﯧﻘﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ. (ngm.nationalgeographic.com ﺩﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ.)

0:00 / 0:00

"دۆلەت جۇغراپىيىسى" ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان "

باشقا بىر تىبەتOpens in new window ]

" ماۋزۇلۇق ماقالە مەتتيۋ تىگ تەرىپىدىن يېزىلغان بولۇپ، ماقالە مۇنداق باشلىنىدۇ:

-- ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ غەربىدىكى مول يەر ئاستى بايلىقىغا ئىگە رايوندا ياشايدىغان مۇسۇلمان خەلق. ئۇلار توختىماي ئېقىپ كىرىۋاتقان خىتاي نوپۇسى سەۋەبلىك ئۆز يۇرتىدا يات كىشىلەر ئورنىغا چۈشۈپ قالماقتا. خۇددى تىبەتلەرگە ئوخشاش بېسىملارغا دۇچ كەلمەكتە. ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قىسىمى ئۆزىگە چىقىش يولى ئىزدىسە، بىر قىسىملىرى ھاياتلىق بەدىلىگە مىللىي مەدەنىيىتىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن كۈرەش قىلماقتا.

-- ئىيۇل ئېيىدا ئۈرۈمچىدە خىتايدىكى تيەنئەنمېن ۋەقەسىدىن بۇيانقى ئەڭ زور كۆلەملىك ۋە ئەڭ كۆپ ئادەم چىقىم بولغان بىر قېتىملىق ۋەقە مەيدانغا كەلدى. خىتاي ھۆكۈمىتى رايونغا خىتايلار بىلەن ئۇيغۇرلار ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشنى توختىتىش ئۈچۈن مىڭلىغان ئەسكەر ئەۋەتتى. رايوننى خىتايلار كونترول ئاستىغا ئېلىۋالغان، ئەمما ئۇيغۇرلار بۇ تۇپراقلارنىڭ ئۆزلىرىگە ئاتا - بوۋىلىرىدىن قالغانلىقىنى ئېيىتىشىدۇ.

-- خىتاي ئەسكەرلەر ئۇيغۇرلار مەركەزلەشكەن ھەربىر كوچىدا چارلاپ يۈرۈيدۇ. ئۇلار مەخسۇس دۇبۇلغىلارنى كىيىشىپ پىلىموتلار بىلەن قوراللانغان.

ئاپتور ماقالىسىدە، ئۆزىنىڭ ئۈرۈمچى ۋەقەسى مەزگىلىدە مەسچىتكە قىلىچ كۆتۈرۈپ كىرگەن ۋە كېيىن خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن ئۈچ ئۇيغۇر ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ، ئۆزىنىڭ نەق مەيداندا بارلىقىنى، ئۇ ئۈچ كىشىنىڭ ئۆزىنىڭ يېنىدىن يۈگۈرۈپ ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنىمۇ ماقالىسىدە تەسۋىرلەپ ئۆتىدۇ.

-- مەسچىتنىڭ ئالدىدا تۇرغىنىمدا كىشىلەر تۇيۇقسىزلا يۈگۈرۈپ چىقىشقا باشلىدى ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئاياقلىرىنى كىيىشكىمۇ ئۈلگۈرمىگەن ھالدا پايپاقلىرى بىلەن يۈگۈرۈشۈپ كېتىۋاتاتتى، ئۇلار تەرەپ - تەرەپلەرگە تارقىلىپ كېتىشتى. ئۇچىغا كۆك، ئاق ۋە قارا رەڭلىك مايكا كىيىۋالغان ئۈچ كىشى مەسچىتنىڭ ئالدىدا كىشىلەرگە ۋاقىراپ سۆزلەۋاتاتتى. قوللىرىدا دات بېسىپ كەتكەن قىلىچقا ئوخشاش بىر نەرسە كۆتۈرۈۋالغان. ئۇلار ناھايىتى مەغرۇر بىر قىياپەتتە كىشىلەرگە ۋاقىراپ بىر نېمىلەرنى دەيتتى. كېيىن ئۇلار يۈگۈرۈشكە باشلىدى. ئۇلار مېنىڭ يېنىمدىن ئۆتۈپلا باشقا بىر كوچىغا كىرىپ كەتتى. كېيىن مىلتىق ئاۋازلىرى ئاڭلاندى. بۇ ئۈچ ئۇيغۇر ئۆلۈمدىن قورقمىدى، ئۇلار ھالاكەتكە قاراپ يۈگرەۋاتاتتى.

ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەنلەر، ماقالىدا ئۇيغۇر رايونىنىڭ تارىخى ھەققىدىمۇ قىسقىچە مەلۇمات بېرىلگەن بولۇپ، تارىختا ئۇيغۇر رايونىنىڭ ئاسىيا ۋە ياۋرۇپا مەدەنىيىتىنىڭ ئۇچرىشىش نۇقتىسى بولغانلىقى، شامانىزىم، بۇددىزم، ئىسلام مەدەنىيەتلىرىنىڭ ھەربىرىنىڭ ئىزنالىرىنى ھازىرقى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىدە كۆرۈشكە بولىدىغانلىقى بايان قىلىنغان. ماقالىدا يەنە، ئۇيغۇرلارنىڭ چىراي شەكىللىرىنىڭ بۇنىڭ بىر دەلىلى ئىكەنلىكىنى ئېيىتپ، ئۇيغۇرلاردا بۇغداي ئۆڭ، بادام كۆزلۈكلەرنىمۇ، ئاق يۈزلۈك ۋە سوزۇنچاق كۆزلۈكلەرنىمۇ، ھەتتا كۆك كۆزلۈك، سېرىق چاچلىق كىشىلەرنىمۇ ئۇچراتقىلى بولىدۇ دەپ بايان قىلىدۇ.

ئاپتور مەتتيۋ تىگ ماقالىسىدا، خوتەن ھەققىدىمۇ قىسقىچە مەلۇمات بېرىپ ئۆتكەندىن كېيىن مۇنداق داۋام قىلىدۇ :

-- مەن خوتەندە داۋۇت ئىسىملىك بىر مۇزىكانت بىلەن تونۇشۇپ قالدىم. ئۇ بىر قانچە كىشىگە مۇزىكا دەرسى بېرىدىكەن. ئۇ ماڭا تەمبۇر بىلەن 500 يىللىق تارىخقا ئىگە بولغان ۋە ئورۇنلاش خېلى قېيىن بولغان مۇزىكىدىن بىرنى چېلىپ بەردى.

ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە دائىر مانا مۇشۇنداق پارچە - پارچە ئامىللار شۇنداق بىر نۇقتىنى ئالاھىدە يورۇتۇپ بېرىدۇكى، ياۋرو - ئاسىيادا ئەسىرلەردىن بېرى ياشاپ كېلىۋاتقان بۇ ئۇيغۇرلار ناھايىتىمۇ مول مەدەنىيەتكە ئىگە ۋە ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ھازىرقى ھالىغا ئەسلا رازى ئەمەس ....

-- خىتاي ھۆكۈمىتى تۇنجى قېتىم بۇ يەرگە 1954 - يىلى خىتايلارنى كۆچۈرۈپ كېلىشكە باشلىغاندا، بۇ رايوننى ئارتۇق نوپۇسىنى ئورۇنلاشتۇرىدىغان بوش يەر دەپ قارىغان ئىدى. ئەمما كېيىن خىتايلار بۇ يەرنىڭ ھاياتىي ئەھمىيەتكە ئىگە بايلىقلارغا توشۇپ ياتقانلىقىنى تونۇپ يەتتى. ئۇيغۇر رايونىنىڭ كۆمۈر زاپىسى خىتاينىڭ كۆمۈر زاپىسىنىڭ 40 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدۇ. تېخىمۇ مۇھىمى ئۇيغۇر رايونىدا مول نېفىت ۋە تەبىئىي گاز زاپىسى بار. قالغان ئالتۇن، كالتسىي ۋە باشقا مېنىراللارنىڭ گېپىنى قىلمايلا قويايلى بولدى. يەنى، ئۇيغۇر رايونى ھەرگىزمۇ پەقەتلا بىر بوش تۇپراق ئەمەس، بەلكى ئىستراتېگىيىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بىر تۇپراق. بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇرلار يىقىنقى تارىختا ئىككى قېتىم مۇستەقىل دۆلەت قۇرغان خەلق. 1940 - يىللاردا ئۇيغۇرلار ئىككىنچى قېتىم جۇمھۇرىيەت قۇرغان ۋاقىتتا، رايوندا 220 مىڭ خىتاي نوپۇسى بولۇپ، بۇ، نوپۇسنىڭ ئارانلا بەش پىرسەنتىنى ئىگىلەيتتى، ئۇيغۇرلار بولسا نوپۇسنىڭ 75 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلاتتى. ئەمما 2007 - يىلى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى 9 يېرىم مىليونغا ئۇلاشتى، ئەمما خىتايلارمۇ 8 مىليوندىن ئېشىپ كەتتى.

مەتتيۋ تىگ ئۇيغۇر دىيارىنىڭ كېيىنكى 20 يىلدا ئىقتىسادىي جەھەتتىن تەرەققىي قىلغانلىقىنى، قىسمەن ئۇيغۇرلارنىڭ بۇنىڭدىن نەپ ئالغان بولسىمۇ، ئەمما كۆپ قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ ھېچقانداق نېسىۋە ئالالمىغانلىقىنى بايان قىلىپ ماقالىسىنى مۇنداق داۋام قىلىدۇ :

-- نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ھالى ئىنتايىن خاراب. ئۇيغۇر دىيارىدىكى مۇھىم بىر تىجارەت بولسا نېفىت تىجارىتى، ئەمما بۇنىڭ ھەممىسىنى خىتاي ھۆكۈمىتى ئىگىلىدىكىدىكى شىركەتلەر ئىگىلىۋالغان. ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ ئاجايىپ بايلىقلارغا تولغان بىپايان زېمىنىدا ئىش ئىمكانىغا ئېرىشەلمەي، دېڭىز ياقىسىدىكى شەھەرلەرگە كېتىپ ئىش ئىزدىمەكتە.

-- كېيىنكى ئون يىلدا ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرى ئارتماقتا. 1980- يىلىدىكى ئوقۇغۇچىلار ۋەقەسى، 1990- يىلى قەشقەردە پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىگە قارشى مەيدانغا كەلگەن ۋەقەلەر، 1997 - يىلى غۇلجىدا يۈز بەرگەن ۋەقە ۋە يېقىندا ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنىڭ پەقەتلا ئاشكارىلانغانلىرى. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ۋەقەلەرنى ئاز بىر قىسىم بۇزغۇنچىلار مەيدانغا كەلتۈردى، دەپلا تۈگەتتى.

ئاپتور يەنە قەشقەرگىمۇ زىيارەتكە بارغان بولۇپ، ئۇ قەشقەردە خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن كونا ۋە يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئەمەس دەپ چېقىلىۋاتقان ئۆيلەرنى زىيارەت قىلغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەپ يازىدۇ :

-- ئۇيغۇرلار خىتايغا بولغان نارازىلىق سۆزلىرىنى خىتاينىڭ جازاسىدىن قورقۇپ ئوچۇق - ئاشكارا قىلالمايدۇ. مەن قەشقەردە ئاخۇن ئىسىملىك بىرى بىلەن تونۇشتۇم. ئۇ مەن بىلەن ئۆيىدە سۆزلىشىشنى قوبۇل قىلدى. ئۇ مېنى ئارقىسىغا سېلىپ قەشقەر قەدىمىي شەھەردىكى ئۆيىگە ئېلىپ ماڭدى. مېنى بىر قانچە كۈندىن بېرى خىتاينىڭ خەۋپسزلىك خادىملىرى تەقىب قىلىۋاتقان ئىدى. شۇڭا مەن ئۇنى ئۇزاقتىن تەقىب قىلىپ ماڭدىم. ئاخۇن بوينىنى پۈككەن ھالدا تولىمۇ تېز قەدەملەر بىلەن كېتىۋاتاتتى. كېيىن بىز قەدىمىي شەھەر كوچىلىرىغا كىرگەندىن كېيىن، ئاخۇننىڭ بىردىنلا يېنىكلەپ قالغانلىقىنى، قەدەملىرىنىڭمۇ ئاستىلاپ قالغانلىقىنى ھېس قىلدىم. بۇ قەدىمىي كوچىلاردا بىرىنى تەقىب قىلىش قېيىن ئىكەن. شۇڭا بۇ كوچىلار ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بىر پاناھلىنىدىغان ماكان ئىكەن.

-- ئاخۇننىڭ بىر - بىرىگە تۇتاش ۋە تار كوچىلاردىكى سىرتتىن قارىماققا تولىمۇ ئاددىي كۆرۈنگەن ئۆيىنىڭ ئىچىگە كىرگىنىمدە تولىمۇ ھەيران قالدىم. ئۆينىڭ ئىچىدە تاملار ئاپپاق ھاكلانغان، چىرايلىق گىلەملەر ئېسىلغان بولۇپ، ئۆينىڭ تورۇسىمۇ ئىنتايىن گۈزەل نەقىشلەنگەن ئىدى. ئاخۇن ماڭا پاراڭ ئارىسىدا خىتاينىڭ ئىقتىسادىنىڭ تەرەققى قىلىشى بىلەن سىياسىتىنىڭ ئۆزگىرىپ ئۇيغۇرلارغىمۇ پايدىسى تېگىپ قىلىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى ۋە "خىتاي چوقۇم دېموكراتىيىلىشىشى كېرەك" دېدى.

-- خىتاي ھۆكۈمىتى قەشقەر قەدىمىي شەھىرىدىكى ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقان ئۆيلەرنى "كونا ۋە يەر تەۋرەشكە چىدىمايدۇ" دەپ چاقماقتا. ئەمما ئاخۇننىڭ دېيىشىچە، بۇ ئۆي - زېمىن ئۇنىڭغا ئاتا - بوۋىسىدىن مىراس قالغان بولۇپ، ئۇ ماڭا: "مەن بۇ ئۆيدە تۇغۇلغان. مېنىڭ داداممۇ، دادامنىڭ دادىسىمۇ مۇشۇ ئۆيدە تۇغۇلغان. مېنىڭ ئىككى ئوغلۇم بار. بىز 5 ئەۋلاد مۇشۇ ئۆيدە تۇغۇلۇپ مۇشۇ ئۆيدە ياشاۋاتىمىز. مەن ھازىر نامىزىمدا ئاللاھتىن بۇ ئۆيۈمنى قۇتقۇزۇپ قېلىشىنى تىلەۋاتىمەن،" دېدى.

-- ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: "سەن بىزنىڭ دەردىمىزنى بىلمەيسەن. ئىراقتا كىشىلەر ئۆزىگە بومبا باغلاپ پارتلىتىدىكەن. بىزگە بومبىنىڭمۇ كېرىكى يوق. ئۇيغۇرلار ئاچچىقىمىزدا ئۆزىمىز 'بومبىدەك پارتلاپ كېتەي' دەۋاتىمىز."

ئاپتور ماقالىنىڭ داۋامىدا رابىيە قادىر خانىم بىلەن ئېلىپ بارغان زىيارىتى ھەققىدىمۇ قىسقىچە مەلۇمات بېرىپ ئۆتكەندىن كېيىن ماقالىسىنى مۇنداق دەپ ئاياقلاشتۇرىدۇ :

-- رايوننىڭ ئۆتمۈشى ۋە بۈگۈنىنى قەشقەر ۋە خوتەندىن كۆرۈپ كەلگەندىن كېيىن ئەمدى ئۈرۈمچىنىڭ كەلگۈسىگە بىر نەزەر سېلىپ باقايلى:

ئۈرۈمچى، بارغانسېرى كېڭىيىپ بېرىۋاتقان ۋە رايوننىڭ مول بايلىقلىرى بىلەن خىتاي كۆچمەنلىرىنى بېقىۋاتقان، ئەمما ئۇيغۇرلار بولسا كىچىككىنە دائىرىدە ھەپسىگە ئېلىنغان بىر شەھەر ....

ياكى، كىشىلەرنىڭ غەزىپىگە غەزەپ قوشۇپ، بولۇۋاتقان بېسىمنىڭ دەستىدىن جىمجىت بىر دۈشەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىن مەيدانغا كەلگەن پارتلاشلار بىلەن تولغان بىر شەھەر ....

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.