بايلىق دېڭىزىدا تۇنجۇقۇۋاتقان ئۇيغۇرلار

ئۇيغۇر ئېلىدىن تېپىلىۋاتقان تەبىئىي بايلىقلار ئۇيغۇر مىللىتىگە بەخت-سائادەت ئېلىپ كېلىۋاتامدۇ ياكى بالايىئاپەتمۇ دېگەن سوئالغا، بۈگۈن ھەممىلا ئادەم جاۋاب بېرەلەيدىغان بولۇپ قالدى.

0:00 / 0:00

خىتايدىكى ئەڭ چوڭ نېفىت، تەبىئىي گاز، كۆمۈر، ئالتۇن، ئۇران، پاختا قاتارلىق سانسىزلىغان بايلىقلارنىڭ بازىسى ھېسابلانغان ئۇيغۇر ۋەتىنىدىكى خەلقلەر دۇنيادىكى ئەڭ نامرات، ئىشسىزلىرى ئەڭ كۆپ، تەبىئىي مۇھىتى ئەڭ بۇلغانغان، كىشىلىك ھەق-ھوقۇقلىرى ئەڭ ئېغىر دەپسەندە قىلىنىۋاتقان خەلققە ئايلىنىپ قالغانلىقى يىللاردىن بۇيان تىلغا ئېلىنماقتا.

خىتاينىڭ زۇۋانى بولغان شىنخۇا ئاگېنتلىقى 3-ئاينىڭ 2-كۈنى «شىنجاڭنىڭ ئىچكى قاتلاملىرىدىن كان ئىزدەشنىڭ نەتىجىسى مول، يەر ئاستى خەزىنىلەر تەرەپ-تەرەپتىن ئۆزىنى كۆرسەتمەكتە» ناملىق بىر خەۋەرنى ئېلان قىلدى. خەۋەردە خىتاي ھۆكۈمىتى 2009-يىلىدىن باشلاپ ئۇيغۇر ۋەتىنىنىڭ يەر ئاستى بايلىقلىرىنى ئىچكىرىلەپ ئىزدەش قۇرۇلۇشىغا 100 مىليون يۈەن پۇل ئاجراتقانلىقى، بۇنىڭ نەتىجىسىدە، بۇ يىل 2-ئايغىچە يېڭىدىن تۆمۈر، مىس، سېنك، قوغۇشۇن، كۈمۈش، ئالتۇن، ئاليۇمىن قاتارلىق مول تەبىئىي بايلىقلار زاپىسىنى بايقىغانلىقى يېزىلدى.

يېڭىدىن بايقالغان بۇ تەبىئىي بايلىقلار زاپىسى ئاساسەن قۇمۇل، تۇرپان، ئالتاي ۋىلايەتلىرى تەۋەسىدە كۆرۈلگەن بولۇپ، خىتاي تەرەپ نۇقتىلىق ھالدا 52مىڭ مېتىر دائىرىدە 500 مېتىر چوڭقۇرلۇققىچە قېزىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. ئۇيغۇر دىيارىدىكى بۇ بايلىقلارنىڭ ئومۇمى زاپىسى ئاز دېگەندە 31 توننا ئالتۇن، 5مىليون 100مىڭ توننا سېنك، 300 مىليون توننا تۆمۈر دەرىجىسىگە يەتكەن. يېڭىدىن بايقالغان بۇ بايلىقلارنى قېزىشقا تاپشۇرماقچى بولغان. كۈمۈش، مىس، ئاليۇمىن قاتارلىق تەبىئىي بايلىقلار زاپىسىمۇ قانچە ئونمىڭ توننىدىن ئارتۇق بايقالغان. بۇلار ئۇيغۇر ۋەتىنىدىكى ئەڭ چوڭ ۋە پەۋقۇلئاددە چوڭ كانلارغا ئايلانغان.

خەۋەردە يېزىلىشىچە، ئالتاي، كۇئىنلۇن، جۇڭغار تاغ تىزمىلىرىدىن بايقالغان تەبىئىي بايلىقلارغا بىنائەن 10 دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ كان رايونى قۇرۇش مۇمكىن ئىكەن.

بۇ بايلىقلاردىن ئۇيغۇرلارنىڭ زادىلا بەھرىمەن بولالمىغانلىقى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان كۆپ تەكىتلەندى. «ئالتۇن تاۋاق كۆتۈرۈپ يۈرگەن تىلەمچىلەر» نەقىلىسىمۇ كونا گەپ بولۇپ قالدى. خىتاي ھۆكۈمىتى تېخى 2010-يىلىغا كەلگەندىلا ئۇيغۇر ۋەتىنىدىن چىققان تەبىئىي بايلىقلارنىڭ 3% ئىنى يەرلىككە قالدۇرۇش سىياسىتىنى يولغا قويدى. بۇ 3 % بايلىق ئۇيغۇر ۋەتىنىگە قالدۇرۇلغان تەقدىردىمۇ، ئۇنىڭ كىملەرگە، نېمىلەرگە سەرپ قىلىنىدىغانلىقى ئېنىق ئەمەس.

ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغىر قورساق كۆپۈكى، كۈچلۈك غەزەپ ئىچىدە ياشاۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالغان د ئۇ ق تەشۋىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى، ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ مەسئۇللىرىدىن پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى بۇ توغرىسىدا توختىلىپ ئۆتتى.

پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى بۇ تەبىئىي بايلىقلارنى قېزىش ئۈچۈن چىققان خىتاي كۆچمەنلىرى بىلەن بۇ زېمىننىڭ ئىگىسى بولغان ئۇيغۇرلار ئارىسىدا مىللىي توقۇنۇشنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى. ئۇ سۆزىدە، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ تەبىئىي بايلىقلىرىغا بېقىندى ھالەتكە كەلگەنلىكىنى تەكىتلىدى.

پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى، ئەگەر خىتاينىڭ بۇ خىل مۇستەبىت سىياسىتى ئۆزگەرمىسە، شەرقىي تۈركىستاندا 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىگە ئوخشاش ۋەقەلەرنىڭ يەنىمۇ كۆپلەپ يۈز بېرىشىگە سەۋەب بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.