خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا بايلىق ئېچىش ۋە كارخانا قۇرۇشى ئۇيغۇرلارنىڭ قايسى خىل ھەق-ھوقۇقلىرىغا خىلاپ؟

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان يەر ئاستى ۋە يەر ئۇستى بايلىقلىرىنى ئېچىشقا دائىر سىياسەت بەلگىلىمىلىرى، 2009-يىلى 19 شەھەر ۋە ئۆلكىلەر ئۇيغۇر ئېلىدە نىشانلىق ياردەم بېرىش ئىستراتېگىيىسىنى يولغا قويغاندىن بۇيان تېخىمۇ تېزلەشتى ۋە كۈچەيتىلدى.
مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2012.09.17
tebiiy-bayliq-305.png تەبىئىي بايلىق يۆتكەش
Public Domain

ئۇيغۇر زىيالىيلىرى بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇق مەنپەئەتلىرىنىڭ يەنىمۇ ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتمەكتە. ئۇلار «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئۇيغۇر دىيارىدا داۋام قىلىۋاتقان بايلىق ئېچىش سىياسىتى مەيلى خىتاينىڭ ئاساسىي قانۇنى، مەيلى مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنى ۋە ياكى يەرلىك مىللەتلەر ھوقۇقىغا دائىر خەلقئارالىق قانۇنلارنىڭ ھەممىسىگە خىلاپ» دەپ تەنقىد قىلماقتا.

خىتاينىڭ شىنجاڭ ئۇچۇر تورى 30-ئاۋغۇست خەۋىرىدە، 19 ئۆلكە ۋە شەھەرنىڭ بۇ ئىككى يىلدىكى نىشانلىق ياردەم قۇرۇلۇش پىلانىنىڭ ئەمەلىيلىشىشى 90% تىن ئاشتى دەپ كۆرسىتىلدى. بىر لياۋنىڭ ئۆلكىسىنى مىسالغا ئالغاندا ، مەزكۇر خىتاي ئۆلكىسىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەبلەغ سالغان ئىش تۈرلىرى 107 بولۇپ، بۇنىڭ 86 سى تاماملىنىپ بولغان، يەنە 13 تۈر بۇ يىل ئاخىرىغىچە ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدىكەن.

2012-يىلى بىر يىل ئىچىدە، 19 ئۆلكىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ساھەلەر بويىچە يېڭى ئېچىش تۈرى 1296 گە يىتىدىكەن. گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ئاتالمىش نىشانلىق ياردەم بېرىش تۈرلىرىنىڭ 70% ئىنى يەرلىك خەلقنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا ئىشلىتىلگەنلىكىنى تەشۋىق قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنكاسىدىن مەلۇمكى، بايلىقنىڭ ئىگىسى يەرلىك خەلق بولغان ئۇيغۇرلار بۇ خىل بايلىق ئېچىشتىن ۋە ئۇنىڭدىن كەلگەن مەنپەئەتتىن داۋاملىق يىراق قالدۇرۇلغاندىن باشقا، ئۆزىگە تەئەللۇق بولغان يەر، بايلىق، ھەتتا ياشاش مۇھىتىدىنمۇ ئايرىلىپ قالماقتا ئىكەن.

ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ رايوندا ئېلىپ بېرىۋاتقان بايلىق ئېچىش، كارخانا قۇرۇش ئىشلىرىنىڭ پۈتۈنلەي قانۇنغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى تەنقىد قىلماقتا. ئۇنداقتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى بايلىق ئېچىش سىياسەت تەدبىرلىرىنى خىتاينىڭ ئاساسىي قانۇنى ۋە ئاپتونومىيە قانۇنىغا تەتبىقلاپ باقايلى.

خىتاي جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنى 118-ماددىسىدا «مىللىي ئاپتونوم جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى دۆلەت پىلانىنىڭ يېتەكچىلىكىدە يەرلىك ئىقتىسادى قۇرۇلۇش ئىشلىرىنى ئۆز ئالدىغا ئورۇنلاشتۇرىدۇ ۋە باشقۇرىدۇ . دۆلەت مىللىي ئاپتونوم جايلاردا بايلىق ئېچىش ۋە كارخانا قۇرۇشتا ، مىللىي ئاپتونوم جاينىڭ مەنپەئىتىگە ئېتىبار بېرىشى كېرەك» دېيىلگەن.

ئەمدى خىتاينىڭ مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنىنىڭ 6-باب 65-ماددىسىدا «دۆلەت مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلاردا بايلىق ئاچقاندا ، قۇرۇلۇش قىلغاندا ، ئۇ جاينىڭ مەنپەئىتىنى ئويلىشىپ ئۇنى شۇ جاينىڭ ئىقتىسادى قۇرۇلۇشىغا پايدىلىق قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇشى ، شۇ جايدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ، تۇرمۇشىغا ئېتىبار بېرىشى كېرەك. دۆلەت تەدبىر قوللىنىپ ، تەبىئىي بايلىق چىقىدىغان مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارغا مۇئەييەن مەنپەئەت تولۇقلىمىسى بېرىدۇ » دەپ بەلگىلەنگەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىپى، ئامېرىكىدىكى نۇرمەمەت مۇساباي ئەپەندى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىنى بېسىۋالغاندىن بۇيان ئېلىپ بېرىۋاتقان بايلىق بۇلاڭ تالاڭچىلىقى خىتاينىڭ ئۆزىنىڭ قانۇنىنى دەپسەندە قىلغانلىقى، شۇنداقلا بۇ ئۇيغۇرلارنى ، قانۇنىي ھەق-ھوقۇقلىرى، بايلىقىدىنلا ئەمەس ، ياشاش ئىمكانىيىتىدىنمۇ ئايرىپ قويماقتا» دەپ كۆرسەتتى.

ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەردىن مەمەت توختى ئەپەندى بولسا، خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ئۇيغۇرلارنىڭ رازىلىقىسىز ئېلىپ بارغان ھەر قانداق ھەرىكىتىنىڭ خىتاي قول قويغان خەلقئارالىق كېلىشىملەرگىمۇ خىلاپ دەپ شەرھلىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.