'خىتاينىڭ شىنجاڭ سىياسىتى: بايلىقنى ئەكېتىپ زاكىتىنى بېرىش'

17 - ئىيۇن، خوڭكوڭدا چىقىدىغان "شەپە ژۇرنىلى"دا "خىتاينىڭ ئۇيغۇر سىياسىتى، بايلىقنى ئەكېتىپ زاكىتىنى بېرىش سىياسىتى" ناملىق ماقالە ئېلان قىلىندى. ماقالىدە خىتاي نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسەتنىڭ ماھىيەت جەھەتتىن ئۆزگەرمىگەنلىكى، خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى مەقسىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى زور بايلىق ئارقىلىق خىتاي ئۆلكىلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻣﯩﻬﺮﯨﺒﺎﻥ
2010.06.18
Tarim-nefitligi-305 ئۇيغۇر دىيارى تارىم ۋادىسىدىكى ئىشلەپچىقىرىش ئۈستىدىكى نېفىتلىك.
AFP Photo

1. "خىتايدا راست گەپ قىلغانلار جازالىنىدۇ، شۇڭا ئاپتور تەخەللۇس قوللاندى"

ماقالىدا خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى ئىقتىسادى تەرەققىياتى ئۈچۈن ئۇيغۇر ئېلىدىن چىقىۋاتقان زور مىقداردىكى ئېنېرگىيە بايلىقىغا بولغان ئېھتىياجى ۋە نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتى بىرقەدەر ئەتراپلىق تەھلىل قىلىنغان. ئەمما ئاپتور ماقالىدا ئۆز ئىسمىنى ئاشكارىلىماستىن پەقەتلا چۈ شىلى تەخەللۇسىنى قوللانغان.

"شەپە ژۇرنىلى" نىڭ مۇھەررىرى جاڭ ۋېيگو ئەپەندى، ماقالە ئاپتورىنىڭ ئۆز ئىسمى بىلەن ئەمەس، تەخەللۇس بىلەن ماقالىنى ئېلان قىلىشىدىكى سەۋەبنى ئىزاھلىدى.

جاڭ ۋېيگو ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، چۈ شىلى تەخەللۇسىدىكى بۇ كىشى ھازىر خىتايدا ياشاۋاتقان بولۇپ، ماقالە ئاپتورى خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى ئىقتىسادى ئەھۋالى ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا قاراتقان سىياسىتىنى ياخشى بىلىدىغان دۆلەت ئىچىدىكى بىر ئىقتىسادشۇناس ئىكەن. خىتايدا كىشىلەرنىڭ پىكىر ئەركىنلىكى ئېغىر بوغۇلغان بولغاچقا ئۇ، بۇ خىل شارائىتتا پەقەت تەخەللۇس ئارقىلىقلا ئۆز پىكرىنى بايان قىلىشقا مەجبۇر بولغان.

2. "رايوندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقى، خىتاينى ئېلىپ كەتكەن بايلىقلارنىڭ زاكىتىنى بېرىشكە مەجبۇرلىدى"

جاڭ ۋېيگو ئەپەندى ماقالىغا "خىتاينىڭ ئۇيغۇر سىياسىتى، بايلىقنى ئەكېتىپ زاكىتىنى بېرىش سىياسىتى" دەپ ماۋزۇ قويۇلۇشىنىڭ، ئەمەلىيەتتە خىتاي سىياسىتىنىڭ ماھىيىتىنى بىلدۈرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى" ماقالىغا 'خىتاينىڭ ئۇيغۇر سىياسىتى، بايلىقنى ئەكېتىپ زاكىتىنى بېرىش سىياسىتى' دېگەن ماۋزۇنى قويۇشتىكى سەۋەب، نۆۋەتتە بېيجىڭ دائىرىلىرى خىتاي ئۆلكىلىرىنىڭ ئىقتىسادى تەرەققىياتى ئۈچۈن، ئۇيغۇر رايونىنىڭ مول ئېنېرگىيە بايلىقىغا ئېھتىياجلىق. خەنزۇلار ئولتۇراقلاشقان زېمىنىدا تەبىئىي بايلىقى ئاز بولغان بېيجىڭ ھۆكۈمىتى، 60 يىلدىن بۇيان رايوننىڭ بايلىقىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە توشۇۋاتىدۇ، ئەمما شۇنچە بايلىقنىڭ ئىگىسى بولغان ئۇيغۇرلار بارغانچە نامراتلاشتى. مانا بۇلتۇر رايوندا ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقى كۆتۈرۈلگەن ئىدى، بۇ يىل 5 - ئايدا ئاتالمىش "شىنجاڭ خىزمەت" يىغىنى ئېچىپ، دۇنياغا " بىز رايونغا ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم بېرىمىز" دېگەننى تەكىتلەپ، دۇنياغا ئۆزىنى رايونغا ياردەم بەرگەن قىلىپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇۋاتىدۇ. بۇ، ئەمەلىيەتتە كومپارتىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزىنىڭ بۇندىن كېيىنكى مەنپەئەتى ئۈچۈنلا، بۇ يىللاردا رايوندىن ھەقسىز ئېلىپ كەتكەن ئاشۇ بايلىقلارنىڭ زاكىتىنى بېرىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغانلىقى دەپ چۈشەنسەك بولىدۇ."

3. "خىتاينىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجى، كومپارتىيىنى رايوندىكى سىياسىتىنى ئۆزگەرتىشكە مەجبۇرلىدى"

ماقالىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى مول تەبىئىي بايلىقلىرى ھەققىدە سانلىق مەلۇمات بېرىلىپ، خىتاينىڭ بۇ يىللاردىكى ئىقتىسادىي تەرەققىياتى بۇ بايلىقلارغا ئېھتىياجلىق بولغىنى ئۈچۈن، خىتاي ھۆكۈمىتى بارلىق ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ رايوندىكى ھۆكۈمرانلىقىنى ساقلاپ قېلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى بايان قىلىنغان.

جاڭ ۋېيگو ئەپەندى بۇ ھەقتىكى قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق دېدى: "خىتايدا 'خىتاينىڭ سۇ بايلىقى مەنبەسى شىزاڭ، ئېنېرگىيە مەنبەسى شىنجاڭ' دەيدىغان گەپ بار. ئالايلۇق تىبەتتە خىتايدىكى ئەڭ چوڭ ئىككى دەريانىڭ باش ئېقىنى بار. شىنجاڭ بولسا خىتايدىكى نېفىت زاپىسىنىڭ 30% نى، كۆمۈر زاپىسىنىڭ 40%نى، تەبىئىي گازىنىڭ34 %نى ئىگىلەيدۇ. شۇڭا خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ زېمىنلاردىن ئايرىلىپ قېلىشتىن بەك قورقىدۇ. ھازىرقى شارائىتتا خىتاينىڭ ئىقتىسادى تەرەققىياتىدا ئوتتۇرا شەرقتىكى ئىراق، ئىران قاتارلىق جايلاردىن ئۆز تەرەققىياتى ئۈچۈن كېرەك بولغان ئېنېرگىيە بايلىقلىرىغا ئىگە بولۇشى بارغانچە مۈشكۈل بولۇۋاتىدۇ. چۈنكى ئىراقتىكى ئۇرۇش، ئىراندىكى يادرو قوراللار مەسىلىسىدە، غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئىرانغا ئېمبارگو قويۇش تەلىپىنىڭ كۈچىيىشى سەۋەبلىك، خىتاي بۇ دۆلەتلەردىن يەنىمۇ كۆپلەپ نېفىت قاتارلىق ئېنېرگىيە مەنبەلىرىگە ئېرىشىشكە ئامالسىز قېلىۋاتىدۇ. بۇ خىل ئەھۋال ئاستىدا، خىتاي ئەلۋەتتە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى مول يەر ئاستى ھەم يەر ئۈستى بايلىقلىرىنى ئېلىپ كېتىشكە ئۇرۇنۇۋاتىدۇ. ھازىر ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ جېنىنى ساقلاپ قېلىشتىكى بىردىن - بىر بايلىق مەنبەسى بولۇپ قالدى. شۇڭا كومپارتىيىسى جاڭ چۈنشيەننى يۆتكەپ كېلىپ، ئۇنىڭ ئېغزى ئارقىلىق" رايوندا يۇمشاق سىياسەت يۈرگۈزىمىز، خەلقنى باي قىلىمىز" دېگەن ناخشىنى ئېيتقۇزۇۋاتىدۇ."

4. "كوممۇنىست ھۆكۈمەتنىڭ رايوندىكى سىياسىتى ئۆزگەرمىدى، پەقەت نىقابىنى ئۆزگەرتتى خالاس"

ماقالىدا خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ 60 يىلدىن بۇيان رايوندا ئېلىپ بارغان سىياسىتى تەھلىل قىلىنىپ، ۋاڭ جېنىدىن ۋاڭ لېچۈەنگىچە بولغان خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ رايوندا " قاتتىق قوللۇق بىلەن باشقۇرۇش" سىياسىتى قوللىنىپ كەلگەنلىكىنى، بۇنىڭ ئاقىۋىتىدە رايوندا بۇ 60 يىلدىن بۇيان يەرلىك خەلق بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ بېسىلمىغانلىقىنى، بۇلتۇر يازدا ئۈرۈمچىدە پارتلىغان " 5 - ئىيۇل ۋەقەسى"نىڭ ئەمەلىيەتتە كوممۇنىست ھۆكۈمەتنىڭ رايوندا يۈرگۈزۈپ كەلگەن قاتتىق قول سىياسىتىنىڭ مەغلۇبىيىتىنى كۆرسەتكىنى ئۈچۈن، مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ "ئەمەلدار ئالماشتۇرۇش" ئۇسۇلى ئارقىلىق رايوندىكى ھۆكۈمرانلىقىنى ساقلاپ قالماقچى بولغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

جاڭ ۋېيگو ئەپەندى خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ رايونغا بەلگىلىگەن ئەمەلدارلىرىنىڭ ماھىيەت جەھەتتە ئوخشاشلىقىنى تەكىتلىدى.

"كومپارتىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا تەيىنلىگەن ۋاڭ جىن، ۋاڭ ئېنماۋ ۋە ۋاڭ لېچۈەنلەر بىلەن، ھازىر تەيىنلىگەن ئاتالمىش "يۇمشاق سىياسەت يۈرگۈزگۈچى" جاڭ چۈنشيەنلەر ئەمەلىيەتتە، كومپارتىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئەڭ سادىق غالچىلىرى. ئۇلارنىڭ پەرقى شۇكى ۋاڭ لېچۈەن رايوندا ئوچۇق - ئاشكارا باستۇرۇش ئېلىپ بارغان بولسا جاڭ چۈنشيەن ئالدامچىلىق ۋاسىتىسىنى قوللىنىۋاتىدۇ خالاس. بىز ۋاڭ لېچۈەننى ئاشكارا ھالدا قويلارنى بوغۇپ ئۆلتۈرىدىغان بۆرە دېسەك، جاڭ چۈنشيەننى قوي تېرىسىگە يېپىنىۋالغان بۆرە دېسەك خاتالاشمايمىز."

5. "كومپارتىيە ھازىر ئوتنى قەغەزگە يۆگەپ ساقلىماقچى بولۇۋاتىدۇ، ئەمما بۇ ئوت ھامان بۇ ھۆكۈمەتنىڭ قولىنى كۆيدۈرىدۇ"

ماقالە ئاخىرىدا ئاپتور نۆۋەتتە قىرغىزىستاندىكى مۇقىمسىز ۋەزىيەتنىڭ، خىتاينى قىرغىزىستان بىلەن چېگرىلىنىدىغان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ۋەزىيىتىدىن ئەنسىرىتىۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، رايوندا بۇندىن كېيىنكى باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ يەنىلا قاتتىق بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

جاڭ ۋېيگو ئەپەندى ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتىكى قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق دېدى: "خىتاي ھۆكۈمىتى قىرغىزىستان ۋەزىيىتىدىن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە قارىغاندىمۇ بەكرەك ئەنسىرەۋاتىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى گەرچە ئەمەلدارنى يۆتكەش ئۇسۇلى ئارقىلىق، رايوندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىنى پەسەيتمەكچى بولغان بولسىمۇ، لېكىن قىرغىزىستان ۋەزىيىتى خىتاي ھۆكۈمىتىنى دەككە - دۈككىگە سالماقتا. چۈنكى خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى خىتاي مىللىتى بىلەن ئۆرۈپ - ئادەت تىل جەھەتتە تامامەن ئايرىم بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ، ئۆزىگە قوشنا بولغان ئوخشاش ئېتىقاد، ئۆرۈپ - ئادەت، قان - قېرىنداشلىق مۇناسىۋىتى بولغان قىرغىز قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركى خەلقلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىگە قارشى كۆتۈرۈلۈپ چىقىشىدىن ئەنسىرەيدۇ. شۇڭا ھازىر ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ھەربىي ۋە ساقچىلارنى تېخىمۇ كۆپەيتمەكتە."

جاڭ ۋېيگو ئەپەندى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا يېڭىدىن تەيىنلەنگەن پارتكوم سېكرېتارى جاڭ چۈنشيەننىڭ، ھازىرقى شارائىتتا كومپارتىيىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇزۇن مۇددەتلىك ئەمىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، رايوندا ئىلگىرىكى قاتتىق قول سىياسەتنى داۋاملاشتۇرۇشى مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۇ مۇنداق دېدى: "قارىغاندا قوي تېرىسىگە ئورىنىۋالغان بۇ جاڭ چۈنشيەن دېگەن بۆرە، قۇيرۇقىنى قىسىۋالغان بۇ ھىيلىگەر تۈلكە ئەمدى ئۆزىنىڭ ئەسلى قىياپىتىنى ئاشكارىلايدىغاندەك قىلىدۇ. رايوننىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن جاڭ چۈنشيەنمۇ رايوندىكى ئۇيغۇرلارغا قارىتا باستۇرۇش سىياسىتىنى قوللىنىشقا مەجبۇر. مەن ئىشىنىمەنكى خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى ھازىر قەغەز ئىچىدە ئوت ساقلىماقچى بولۇۋاتىدۇ، ئەمما بۇ ئوت ھامان كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ قولىنى كۆيدۈرىدۇ."

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.