ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى كىشىلىك ھوقۇقنىڭ قوغدىغۇچىسىمۇ ياكى ئۇنىڭغا زىيانكەشلىك قىلغۇچىلارنىڭ شېرىكىمۇ؟


2005.04.20

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى بارغانسىرى " مۇۋاپىق ۋە ئۈنۈملۈك" خىزمەت ئېلىپ بارمايۋاتىدۇ دېگەن ئەيىبلەشلەرگە ئۇچراپ كەلمەكتە ئىدى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن ئىسپات بېرىش يىغىنىدا، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەمەلدارى ۋە كىشىلىك ھوقۇققا كۆڭۈل بۆلىدىغان خەلق تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىدا ساقلانغان مەسىلىلەر ھەققىدە گۇۋاھلىقتىن ئۆتتى.

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىدىكى كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى ناچار ئەزالار، كومىتېتنىڭ ئىناۋىتىنى تۆۋەنلىتىۋەتتى

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىنىڭ رەئىسى كىرىس سىمىس ئالدى بىلەن سۆز قىلىپ، كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش ۋە ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ب د ت نىڭ 1945 - يىلى قۇرۇلغاندىن بۇيانقى ئەڭ تۈپكى ۋەزىپىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ، بۈگۈنكى كۈندە ب د ت ئورگانلىرىنىڭ ئۆز مەسئولىيىتىنى ئادا قىلىۋاتقان ياكى قىلمايۋاتقانلىقىنى تەكشۈرۈش زۆرۈرىيىتىنىڭ بارلىقىنى كۆرسىتىپ مۇنداق دېدى:

"ب د ت نىڭ بىر يۇقىرى دەرىجىلىك خىزمەت گۇرۇپپىسى ئۆتكەن يىلى دېكابىردا شۇنى يەكۈنلىدىكى، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ ئىناۋىتى كومىتېتتىكى كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى ناچار ئەزالارنىڭ تەسىرى بىلەن تۆۋەنلەپ كەتتى".

كىرىس سىمىس يەنە، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىغا، كۇبا، سەئۇدى ئەرەبىستان، سۇدان ۋە خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىگە ئوخشاش مۇستەبىت دۆلەتلەرنىڭ ئەزا ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تىلغا ئالدى ۋە بۇ دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ قەبىھ قىلمىشلىرى سەۋەبىدىن تەنقىدكە ئۇچراشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىغا ئەزا بولىۋالغانلىقىنى كۆرسەتتى.

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق مېخانىزمى رولىنى يوقاتتتى

ب د ت نىڭ بىر يۇقىرى دەرىجىلىك خىزمەت گۇرۇپپىسى ئۆتكەن يىلى دېكابىردا شۇنى يەكۈنلىدىكى، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ ئىناۋىتى كومىتېتتىكى كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى ناچار ئەزالارنىڭ تەسىرى بىلەن تۆۋەنلەپ كەتتى.

يىغىندا ئىسپات بەرگەن ئامېرىكىنىڭ خەلقئارا تەشكىلاتلىرى ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇئاۋىن ياردەمچى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مارك لەگىن، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق مېخانىزمىنىنىڭ رولىنى يوقاتقانلىقىنى، بۇنى چوقۇم تۈزىتىش كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى:

" ب د ت باش سېكرىتارى كوفى ئەننان ئىككى ھەپتە ئاۋۋالقى نۇتۇقىدا، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ ئىناۋىتى ۋە ئىشەنچلىك دەرىجىسى تۆۋەنلەپ، پۈتۈن ب د ت سىستېمىسىغا كۆلەڭگۈ ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقى ئېنىق بىلدۈردى. كوفى ئەننان بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، كۆلىمى كىچىكرەك كىشىلىك ھوقۇق دائىمىي كېڭىشىنى قۇرۇشنى تەۋسىيە قىلىۋاتىدۇ. كېڭەش ئەزالىرىنىڭ چوقۇم كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى ياخشى بولۇشى ۋە پۈتۈن ب د ت نىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسىم ئەزالىرى تەرىپىدىن سايلىنىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇۋاتىدۇ. بىز كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە كىرىدىغان دۆلەتلەرنىڭ چوقۇم كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى ياخشى بولۇشى كېرەك دېگەن شەرتنى قوللايمىز.

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى يىغىنىدىكى كىشىلىك ھوقۇققا نامۇناسىپ ھەرىكەت

يىغىندا يەنە، ئامېرىكىدىكى خىتايغا ياردەم بېرىش جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى بوب فۇ، ئۆزىنىڭ ئىككى ھەپتە ئاۋۋال جەنۋەدىكى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق يىغىنىغا قاتنىشىش جەريانىدىكى سەزگۈرەشلىرىنى سۆزلىدى.

ئۇ ئۆزىنىڭ 4 - ئاينىڭ 5 - كۈنى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ جەنۋەدىكى يىغىنىدا، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ توك كالتىكى بىلەن مەھبۇسلارنى قانداق قىينايدىغانلىقىنى كۆرسەتكەنلىكى ئۈچۈن، يىغىن مەيدانىدىن ھەيدەلگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى:

" مېنىڭ يىغىن مەيدانىدىن ھەيدىلىشىمگە، ئاساسلىقى قىيىن- قىستاققا ئالغۇچى ھۆكۈمەتنىڭ ۋەكىللىرى سۇنغان ئەرز سەۋەپچى بولدى. مەن يىغىندا كۆرسەتكەن توك كالتىكى ھازىرغىچە خىتايدا ئىنتايىن كەڭ قوللىنىلىدۇ، ھازىرقى مۇشۇ دەقىقىدىمۇ، يۈزلىگەن، مىڭلىغان ۋىجدان ئىگىلىرىنى قىيناش ئۈچۈن ئىشلىتىلىۋاتىدۇ."

فۇ، خىتايدىكى بىر ئائىلە چىركاۋىنىڭ باستېرى بولۇپ، ئۇ 1996 - يىلى " قانۇنسىز دىن تارقىتىش جىنايىتى" بىلەن ئەيىبلىنىپ، تۈرمىگە تاشلانغان. 1997 - يىلى ئۇ دىنىي مۇساپىر سۈپىتى بىلەن ئامېرىكىغا كەلگەن ئىدى.

فۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ ھۆكۈمەتكە قارىمايدىغان خەلقئارا ئاياللار ئاۋازى تەشكىلاتىنىڭ تەكلىبى بىلەن ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ بىر يىغىنىدا ئىسپات بېرىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن. ئۇ يىغىندا، خىتايدىكى يەر ئاستى چېركاۋى ئەزالىرىنىڭ قولغا ئېلىنىپ، قىيىن- قىستاققا ئېلىنىۋاتقانلىق ئەھۋالىنى تونۇشتۇرغان. ئاندىن خىتايدىن ئېلىپ چىققان، تۈرمىدە ئەڭ كۆپ قوللىنىلىدىغان توك كالتىكىنى ئومۇمىي يىغىندا كۆرسەتكەن. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللىرى بولسا، بۇنى ئۆزلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىد ئېلىپ كەلگەن دەپ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىغا ئەرز سۇنغان.

فۇنىڭ ئېيتىشىچە، ب د ت بىخەتەرلىك خادىملىرى ئۇنى مەيداندىن مەجبۇرىي ئېلىپ چىقىپ كەتكەن ھەمدە ئۇنىڭ يىغىنغا قاتنىشىش سالاھىيەت كېنىشكىسىنى تارتىۋالغان. ئۇ مۇنداق دەيدۇ:

" مەن بىخەتەرلىك خادىملىرىغا، ياردەمچىم مېلىسا راسمۇسسېن خانىم بىلەن ئىككىمىزنىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ سېكرىتار ياردەمچىسى يوكو ئاداچى خانىم بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشۈپ، توك توقماقنى ئومۇمىي يىغىنىدا كۆرسىتىشكە رۇخسەت سورىغانلىقىمىزنى، ئۇنىڭ كېيىن باشلىقى بىلەن كۆرۈشۈپ، تەلىپىمىزگە قوشۇلغانلىقىنى ئېيتتىم. بىراق، بىخەتەرلىك خادىملىرى مېنىڭ سۆزۈمگە قۇلاق سالمىدى."

فۇ ئىسپات بېرىش يىغىنىدا، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنى خىتايغا باش ئەگدى دەپ تەنقىد قىلدى ھەمدە ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ ئەسلىي نىشانىنىڭ دۇنيادا كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى ياخشىلاش بولسىمۇ، ھازىر كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى ناچار دۆلەت تەرىپىدە تۇرغانلىقىنى ئەيىبلىدى.

يىغىندا ئىسپات بەرگەن باشقا گۇۋاھچىلارمۇ، دۇنيادا كىشىلىك ھوقۇقنى ھەقىقىي ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنى ئىسلاھ قىلىش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى. (ئارزۇ)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.