ب د ت ۋە ئامېرىكا ئاياللارغا قارشى زوراۋانلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئەھمىيەت بەرمەكتە

ئاياللارغا قارىتا يۇرگۇزىلىۋاتقان زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرىپىدىن ئەڭ ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى دەپ قارىلىپ، بۇنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش كېرەكلىكى تەكىتلەندى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﻗﯩﺪﻩ
2009.12.17
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
State-Klinton-Uyg-305 ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﻯ ﺑﺎﺵ ﻛﺎﺗﯩﭙﻰ ﺧﯧﻠﻼﺭﯨﻲ ﻛﻠﯩﻨﺘﻮﻥ ﺧﺎﻧﯩﻢ.
www.state.gov ﺩﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئاياللار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ، ئۇرۇش رايونلىرىدا يۈز بېرىۋاتقان زوراۋانلىقلاردىن قالسا ئىككىنچى دەرىجىلىك كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ھېسابلىنىدىغانلىقىنى، ئاياللارنىڭ ئىپپەت - نومۇسىغا تاجاۋۇز قىلىش بولسا خۇددى قورال ئىشلىتىپ، ئۇرۇش قوزغاشقا ئوخشاش ئېغىر بىر جىنايەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.

ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ مەلۇماتىدا ئېيتىلىشىچە، نۆۋەتتە، كۆپىنچە ئاياللار بىرگە ياشاۋاتقان ئەرلەرنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي بېسىمىغا دۇچ كېلىۋاتقان بولۇپ، تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ھەر ئۈچ ئايالنىڭ بىرى ئېرى ياكى ئەر دوستى تەرىپىدىن تاياق زەربىسى، جىنسىي مۇناسىۋەتكە زورلاش، ناچار مۇئامىلە قاتارلىقلارغا ئۇچرايدىكەن. ھەتتا، نۇرغۇن ئاياللارنىڭ ئېرى ياكى ئەر دوستى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈش سۈيقەستىگە ئۇچرايدىغانلىقى مەلۇم بولماقتا.

كۆپلىگەن دۆلەتلەردە، ئاياللار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىلغان زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىگە قارشى قانۇنلار ئىنتايىن ئاجىز ۋە يوق دېيەرلىك بولۇپ، مەۋجۇت قانۇنلارنىڭ ئىجرا قىلىنمايدىغانلىقى ياكى جىنايەت سادىر قىلغۇچىنىڭ جازاسىز قالىدىغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.

ئاياللارغا قارىتا يۈرگۆزىلىۋاتقان زوراۋانلىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى نۆۋەتتىكى ئەڭ مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرى دەپ تونۇغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، 11- ئاينىڭ 25 ‏- كۈنى "ئاياللارغا قارىتا زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىگە خاتىمە بېرىش" شۇئارى ئاستىدا مەخسۇس پائالىيەت باشلاپ، مەزكۇر پائالىيەتنى 10 ‏- دېكابىر خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كۈنىدە ئاخىرلاشتۇرغان.

"ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتى"نىڭ يېزىشىچە، ئوباما ھۆكۈمىتى، ئاياللار ھوقۇقىنى كۈچلەندۈرۈشنى ئامېرىكا تاشقى سىياسىتىنىڭ مۇھىم بىر قىسمى قىلىپ بېكىتكەن ھەمدە مېلاننىي ۋەرۋېر خانىمنى ئاياللار ھوقۇقىغا ئەڭ كۆڭۈل بۆلگەن باش ئەلچى دەپ ئاتىغان.

مېلاننىي ۋەرۋېر خانىم، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدا يېڭىدىن تەسىس قىلىنغان، دۇنيا ئاياللىرى مەسىلىسى ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇلى بولۇپ، ئۇ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئاياللارنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش جەھەتتە ئالاھىدە خىزمەت كۆرسەتكەن. ھەر قايسى مەتبۇئاتلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان مېلاننىي خانىم، "مېنىڭ ئاياللار ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ خىزمەتلەرنى ئىشلىشىمگە پرېزىدېنت ئوباما ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلدى، مەن قولۇمدىكى بۇ پۇرسەتلەردىن تولۇق پايدىلىنىپ، پۈتۈن دۇنيا ئاياللىرىنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مائارىپ جەھەتتە ئەرلەر بىلەن تەڭ باراۋەر ھوقۇققا ئىگە بولۇشى شۇنىڭدەك ھەرقانداق زوراۋانلىق تەھدىتىگە ئۇچرىماسلىقى ئۈچۈن پۈتۈن ۋۇجۇدۇم بىلەن خىزمەت كۆرسىتىمەن،" دېدى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھىلاري كلىنتون خانىم ئاياللار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىنى تەنقىد قىلىش ئۈچۈن ئاۋغۇست ئېيىدا كوڭگو جۇمھۇرىيىتىگە بېرىپ، ئىچكى ئۇرۇشنىڭ قۇربانىغا ئايلانغان ۋە ئۇرۇش تۈپەيلى تۈرلۈك ئىمتىيازلاردىن مەھرۇم قېلىۋاتقان، بولۇپمۇ ئىنسانىي قىممىتى ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندىچىلىككە ئۇچراۋاتقان كوڭگو ئاياللىرىدىن ھال سورىدى.

كلىنتون خانىم يەنە، بۇ يىل 7 ‏- ئايدا "جىنسىي تاجاۋۇز"نىڭ ئالدىنى ئېلىش ئاساسىي تېما قىلىنغان 1888 بەتلىك قارار لايىھىسىنى قوبۇل قىلىش مەقسىتىدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىخەتەرلىك كېڭىشىدا ئېچىلغان يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

ھىلاري كلىنتون خانىم بۇ ھەقتە سۆزلىگەن نۇتقىدا، "ئاياللارغا قارىتا ئېلىپ بېرىلغان زوراۋانلىق ھەرگىزمۇ 'مەدەنىيەت' ۋەقەسى بولۇپ قوبۇل قىلىنمايدۇ، بۇ بىر جىنايەت ھېسابلىنىدۇ. دۇنيا جامائىتى بىرلىكتە بۇ خىل زوراۋانلىققا خاتىمە بېرىش، جىنايەتنى سادىر قىلغۇچىلارنى جاۋابكارلىققا تارتىش، ئاياللار ھوقۇقىنى ھىمايە قىلغۇچىلارغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن بىرلىكتە خىزمەت كۆرسىتەيلى. دۇنيانىڭ ھېچ بىر يېرىدە خانىم- قىزلار ۋەھىمە ۋە زوراۋانلىق تەھدىتى ئاستىدا ياشىماسلىقى كېرەك،" دېدى.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كلىنتون خانىم يەنە، "ئامېرىكا، دۇنيانىڭ ھەر يېرىدە ئاياللار ھوقۇقىنىڭ قوغدىلىنىشى ۋە ھۆرمەتكە ئېرىشىشىنى تەشەببۇس قىلىدۇ، بۇنىڭ سىرتىدا ئاياللار مائارىپ، خىزمەت ۋە ئىشەنچ بىلەن ياشاش پۇرسەتلىرىگە ئىگە قىلىنىشى، تەڭرىنىڭ ئاياللارغا بەرگەن تۇغما قابىلىيىتىنى ئەركىن ئىشلىتىشىگە ياردەم كۆرسىتىلىشى كېرەك،" دېدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت