بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى بان كىمون باشچىلىقىدا، ئاياللارغا قارىتىلغان زوراۋانلىقنى توساشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاياللار ھوقۇقىغا دائىر پائالىيەتلەرنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، يۇقىرى مەرتىۋىلىك ئەرلەردىن تەركىپ تاپقان بىر گۇرۇپپا قۇرۇلماقچى بولۇپ، باش كاتىپ بانكىمون قۇرماقچى بولغان مەزكۈر گۇرۇپپىدىكى 14 كىشىنىڭ ئارىسىدا ئىسپانىيە باش مىنىستىرى جوسلۇيىس، جەنۇبىي ئافرىقىلىق راھىب دېسمون تۇتۇ، ئىتالىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى فرانكو فراتتىنى ۋە برازىلىيە يازغۇچىسى پائۇلكوئىلخۇ قاتارلىق كىشىلەر ئورۇن ئالغان.
يۇقىرىدا تىلغان ئېلىنغان كىشىلەرنىڭ، ئاياللار ئۈستىدىن يۈرگۈزىلىۋاتقان زوراۋانلىققا قارشى ھەرىكەتلەردىكى ئاكتىپچانلىقى سەۋەبلىك مەزكۈر گۇرۇپپىغا كىرگۈزۈلگەنلىكىنى ئەسكەرتكەن بانكىمون، 14 كىشىلىك گۇرۇپپا كۆلىمىنىڭ تېخىمۇ كۈچلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
دۇنيادىكى ئاياللارنىڭ يۈزدە 70% نىڭ جىسمانى ياكى جىنسى تاجاۋۇزغا ئۇچرايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن بانكىمون يەنە، ئەرلەر ۋە ئوغۇل بالىلارنى زوراۋانلىققا ئۇچرىغان ئاياللارنى قۇتقۇزۇشقا چاقىرىپ، ئەرلەر قارشىلىق بىلدۈرمەي تۇرۇپ، ئاياللارغا يۈرگۈزىلىۋاتقان زوراۋانلىقنى توختاتقىلى بولمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ب د ت نىڭ ئاياللار ھوقۇقىغا دائىرى خىزمەتلەرنى ئىزچىل تۈردە داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى، بولۇپمۇ بۇ قېتىم يەنىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرىلىگەن ئاساستا، دۆلەت پرېزىدېنتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يۇقىرى مەرتىۋىلىك ئەرلەردىن تەركىپ تاپقان كىشىلەرنى ئاياللارغا قارىتىلغان زوراۋانلىقنى توختىتىش خىزمىتىنى ئىشلەشكە سالغانلىقىدىن سۆيۈنگەن ئامېرىكىدىكى زىيالىي يۇلتۇز خانىم ئۆز تەسىراتىنى سۆزلەپ بەردى.
ئامېرىكىدىكى خەلقئارا ئۇيغۇر دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق ۋەخپىنىڭ خادىمى زۈبەيرە خانىم، ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ھەق - ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ نۆۋەتتىكى مۇھىم خىزمەتلەردىن بىرى ئىكەنلىكىنى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئاياللىرىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زوراۋانلىقىدىن قۇتۇلدۇرۇش، بىر پۈتۈن مىللەتنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن چەتئەللەردە سىياسىي پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئاياللارنىڭ ب د ت ۋە دېموكراتىك ئەللەردە كۈچلۈك پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.