ب د ت ئىنسانىيەت تەرەققىياتى پروگراممىسى چىرىكلىك توغرىسىدا دوكلات ئېلان قىلدى

12 - ئىيۇن پەيشەنبە كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىنسانىيەت تەرەققىياتى پروگراممىسى " چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ ھاياتلىقنى ئۆزگەرتىش: ئاسىيا ‏ - تىنچ ئوكيان رايونلىرىدا ئىنسانىيەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش" تېمىسى ئاستىدا بىر دوكلات ئېلان قىلدى.

0:00 / 0:00

دوكلاتتا، نامراتلىق بىلەن چىرىكلىكنىڭ بىر ‏ - بىرىگە چېتىشلىق ئىكەنلىكى، چېرىكلىك قانچىكى ئېغىر بولغانسېرى نامراتلىقىنىڭ شۇنچىكى يامانلىشىپ بارىدىغانلىقى كۆرسىتىلىپ، چىرىك دۆلەتلەردە نامرات كىشىلەرنىڭ ئەڭ ئېغىر زەربىگە ئۇچرايدىغانلىقى سانلىق مەلۇماتلار بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

قانۇن يۈرگۈزۈش تارماقلىرىدىمۇ چىرىكلىك ئىنتايىن ئېغىر

دوكلاتتا چىرىكلىك مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتىكى تارىخى مەسىلىلەر ئۈستىدە توختىلىپ، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونلىرىدىكى ئەللەرنىڭ چىرىكلىككە چىرمىشىپ كەلگەنلىكى، گەرچە خىتاي، سىنگاپور ۋە خوڭكوڭ قاتارلىق رايون ۋە دۆلەتلەردە چىرىكلىكنى ئازايتىش جەھەتتە بىر قاتار خىزمەتلەر ئىشلەنگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ رايوندىكى دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسىدە چىرىكلىكنى يوقىتىش قەدىمىنىڭ ئىنتايىن ئاستا بولۇپ كەلگەنلىكى كۆرسىتىلگەن.

دوكلاتتا ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىچە، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونى ئەللىرىدە قانۇن يۈرگۈزۈش تارماقلىرىدىمۇ چىرىكلىك ئىنتايىن ئېغىر بولۇپ، كۆپىنچە ھاللاردا شۇ سەۋەبتىن ئادالەت ياقىلانماي قالىدىغان ئەھۋاللار كۆپ ئۇچرايدىكەن.

دوكلاتتا ئاسىيا ‏ - تىنچ ئوكيان رايونلىرىدىكى چىرىكلىك دەرىجىسى ھەققىدە ئېلىپ بېرىلغان بىر راي سىناشتىن مىسال ئېلىنغان بولۇپ، ئاسىيا ‏ - تىنچ ئوكيان رايونى ئەللىرىدىكى ھەر بەش ئادەمنىڭ ئىچىدە بىر ئادەم ساقچىغا پارا بېرىپ ئىش توغرىلايدىكەن.

بۇ ھەقتە توختالغان ب د ت تەرەققىيات پروگراممىسى ئاخبارات بۆلۈمىدىكى مەسئۇل خادىم كارا سانتوس خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يۇقىرىقى راي سىناش ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئەللىرىدىكى بارلىق دۆلەتلەردە ئورتاق ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، ئۇ خىتاينىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

خىتايدا چىرىكلىك يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار ئارىسىدىمۇ ئوخشاش مەۋجۇتتۇر

دوكلاتتا يەنە، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونلىرىدىكى چىرىكلىك مەسىلىسى تۈپەيلى تەبىئىي بايلىقلارنىڭ خوراش سۈرئىتىمۇ تىز بولۇپ، پايدا ئېلىشنىلا كۆزلەيدىغان شىركەتلەر نەپسانىيەتچى ئەمەلدارلارغا پارا بېرىپ، دەل - دەرەخلەرنى قالايمىقان كېسىش، بايلىق مەنبەلىرىنى قالايمىقان ئېچىش سودىلىرىغا يول ئاچىدىكەن ھەمدە بەزى ئەھۋاللاردا، ئەمەلدارلارمۇ بۇنداق تىجارەتكە يوشۇرۇن مەبلەغ سالىدىكەن.

دوكلاتتا خىتاينىڭ چىرىكلىك ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش تارىخىغا نەزەر سېلىنغان بولۇپ، گەرچە تارىختىن بۇيانقى خىتاي ھاكىمىيەتلىرىدە ئۈزۈلدۈرمەي مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان چىرىكلىككە ھەرخىل ۋاسىتىلەر يەنى، كۇڭزى تەلىماتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئەخلاقى ئۆلچەملەرنى ئىشقا سېلىش قاتارلىقلارنى ئىشقا سېلىپ تاقابىل تۇرۇپ كەلگەن بولسىمۇ، "ئەمما چىرىكلىك يەنىلا مەۋجۇت مەسىلە سۈپىتىدە قېلىۋەردى" دەپ كۆرسىتىلگەن.

ۋەھالەنكى، دوكلاتتا يەنە، ھازىرقى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چىرىكلىكنى يوقىتىش ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشتا بەزى ئىجابىي خىزمەتلەرنى ئىشلىگەنلىكىنى ھەمدە خىتاي قانۇن بەلگىلەش تارماقلىرىنىڭ 2006 - يىلى ئىيۇندا جىنايى ئىشلار قانۇننىڭ 6 - قېتىم ئۆزگەرتىلگەن نۇسخىسىدا ئەگەر مەكتەپ، دوختۇرخانا خادىملىرى خىزمەت شارائىتىدىن پايدىلىنىپ پارا ئالسا جىنايى ئىشلار جاۋابكارلىقىغا تارتىلىدىغانلىقى تونۇشتۇرۇلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ئالدىنقى يىلى پارا ئالغانلىقى ئۈچۈن قولغا ئېلىنىپ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان خىتاي دۆلەتلىك دورا - دەرمەك ۋە يىمەك ئىچمەك باشقۇرۇش باش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى جېڭ شياۋيۈ ۋەقەسى مىسال قىلىنغان.

ھالبۇكى، خىتايدا چىرىكلىك مەسىلىسى يەنىلا ئېغىر بولۇپ، بۇ چەت - ياقىلىرىدىكى تۆۋەن دەرىجىلىك ئەمەلدارلاردىن تارتىپ دۆلەت كابېنىتىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار ئارىسىدىمۇ ئوخشاش مەۋجۇتتۇر.

خىتايدەك بىر پارتىيىلىك دۆلەتتە چىرىكلىكنى يوقىتىش ئىنتايىن مۈشكۈل

بۇ ھەقتە ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلىگەن سىياسىي كۆزەتچى ئىلشات ئەپەندى، خىتاي ھاكىمىيەت قۇرۇلمىسى جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، پارىخورلۇق ۋە چىرىكلىكنى ئۈنۈملۈك تازىلاشقا باپ كەلمەيدىغانلىقىنى، خىتايدا چىرىكلىكنىڭ ئىنتايىن يوشۇرۇن ئىجتىمائىي ھادىسە ئىكەنلىكىنى ھەمدە خىتايدەك بىر پارتىيىلىك دۆلەتتە چىرىكلىكنى يوقىتىشنىڭ ئىنتايىن مۈشكۈل ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

دوكلاتتا خىتايدىكى چىرىكلىك ھەمدە ئۇنىڭغا قارشى تۇرۇشتىكى چارىلەر ھەققىدە خىتاي سىياسىي ۋە ئىقتىسادى ھەمكارلىق مەركىزىدىكى پروفېسسور زېڭ كېخېنىڭ تەكلىپلىرى قىستۇرما قىلىپ بېرىلگەن بولۇپ، بۇ تەكلىپ مۇنداق كۆرسىتىلگەن: " خىتايدىكى چىرىكلىك سەۋەبىدىن خىتاي ھۆكۈمىتى خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئىشەنچى ھەمدە قوللىشىدىن ئايرىلىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە چىرىكلىك خىتاينىڭ خەلقئارادىكى رىقابەت كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، ئىناۋىتىنى چۈشۈردى".

چىرىكلىكنىڭ چىقىمى نامراتلارنىڭ كۈندىلىك ھاياتىدىن سۈمۈرۈپ ئېلىنىدۇ

بۇ قىستۇرمىدا يەنە، دۆلەت ئىچىدە ھۆكۈمەتنىڭ ئىشەنچلىك دەرىجىسىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، سىياسىي سىستېمىغا سايلامنى ئېلىپ كىرىش، ئاخباراتنى رولىدىن تولۇق پايدىلىنىش، قانۇن - تۈزۈملەرنى يۈرگۈزۈش ۋە تەتبىقلاشنى كۈچەيتىش قاتارلىقلارغا ئوخشاش تەكلىپلەر بېرىلگەن بولۇپ، سىياسىي كۆزەتچى ئىلشات ئەپەندىمۇ بۇ جەھەتلەردە ئوخشاش پىكىرلەرنى ئىلگىرى سۈردى.

دوكلاتتا چىرىكلىككە ئىنسانىيەت تەرەققىياتى نۇقتىسىدا تۇرۇپ نەزەر سېلىنغان بولۇپ، بۇنىڭدا "چىرىكلىكنىڭ چىقىمى نامرات ۋە جەمئىيەتتىكى ئورنى تۆۋەن كىشىلەرنىڭ كۈندىلىك ھاياتىدىن سۈمۈرۈپ ئېلىنىدۇ" دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، مانا بۇ مەزكۇر دوكلاتنىڭ ئالاھىدە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك يېرىدۇر.

جەمئىي 246 بەتتىن تەركىپ تاپقان دوكلاتتا، چىرىكلىككە "چىرىكلىك بولسا ئادەتتە بېرىلگەن ھوقۇقنى ئۆزىنىڭ پايدىسىغا سۇيىئىستېمال قىلىش دېگەنلىكتۇر" دەپ ئېنىقلىما بېرىلگەن بولۇپ، بۇ ئېنىقلىمىنىڭ ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا ھەتتا شەخسلەرگىمۇ قارىتىلىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.