ب د ت باش شتابى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

ب د ت نىڭ 2009 ‏- يىللىق ئومۇمى يىغىنى سەيشەنبە كۈنى ئامېرىكىنىڭ نيۇ يورك شەھىرىدىكى باش شتابىدا باشلاندى. قۇرۇلتايغا قاتنىشىدىغان ھەر قايسى دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت رەھبەرلىرىنىڭ ئىچىدە خىتاي رەھبىرى خۇ جىنتاۋمۇ بار.

0:00 / 0:00

بۇ قېتىمقى قۇرۇلتاي 5‏ - ئىيۇل ۋەقەسىنىڭ كۆلەڭگۈسى ئاخىرلاشمىغان، ئۇيغۇر ئېلىدىكى باستۇرۇش سىياسىتى ئېغىرلاشقان مەزگىلگە توغرا كەلگەن ئىدى. شۇڭا ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلار قۇرۇلتاي باشلانغان كۈنى ب د ت باش شتابى ئالدىدا نامايىش قىلىپ، خۇ جىنتاۋغا نارازىلىق بىلدۈردى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، مۇخبىرىمىز ئابلىكىم ئېلتەبىرنىڭ بۇ ھەقتە نەق مەيداندىن بەرگەن مەلۇماتىغا قۇلۇق سالغايسىز.