0:00 / 0:00
بىرلەشكەن دۆلەتلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق شۆبىسى بىلەن خىتاينىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈلۈپ مۇخبىرلارغا بايانات بېرىلدى.
نامايىش ئاخىرىدا خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلگەن 20 ئۇيغۇرغا سىمۋول سۈپىتىدە 20 ئاق گۈل بىلەن قارا گۈلچەمبىرەك خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئىشىكىگە قويۇلدى.

بۇ نامايىشنى شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ئەنقەرە شۆبىسى ئويۇشتۇرغان بولۇپ، بۇ نامايىشقا يەنە تۈركىيىدىكى ئەڭ چوڭ ئاممىۋىي تەشكىلاتلاردىن بىرى بولغان تۈرك دۇنياسى تەشكىلاتلار بىرلىكى مەسئۇللىرىمۇ قاتناشتى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.