د ئۇ ق ۋەكىلى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 14 - نۆۋەتلىك يىغىنىغا قاتناشتى

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 14 - نۆۋەتلىك يىغىنى 5 - ئاينىڭ 31 - كۈنى جەنۋەدە باشلانغان بولۇپ، 6 - ئاينىڭ 14 - كۈنىدىن باشلاپ ئۇيغۇرلارغا ۋەكالىتەن بۇ قېتىمقى يىغىنغا قاتنىشىۋاتقان د ئۇ ق باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن تېلېفۇن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، يىغىننىڭ ئاساسى مەزمۇنى توغرىلىق مەلۇمات بەردى.

0:00 / 0:00

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، د ئۇ ق نىڭ يىللاردىن بۇيان ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى يىغىنىغا جىددىي كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى. د ئۇ ق ۋەكىللىرى بىر قانچە ئايدىن بۇيان بۇ يىغىننىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ئەستايىدىل قانات يايدۇرغان بولۇپ، كۆپلىگەن دۆلەتلەر ۋە خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن ئۇچرىشىشلار ئۆتكۈزگەن.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 14 - نۆۋەتلىك يىغىنى باشلىنىپ ھازىرغا قەدەر ئالتە خەلقئارالىق تەشكىلات ۋە بىر قانچە غەرب ئەللىرى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭدىن قاتتىق نارازى ھەم بىئارام بولغان.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى 6 - ئاينىڭ 14 - كۈنى، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان "ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش پرىنسىپى ئاستىدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى" ناملىق يىغىندا دوكلات بېرىپ ئۆتكەن. ئۇ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى 14 - نۆۋەتلىك يىغىنىنىڭ، ئۇيغۇرلار مەسىلىسى دىققەتنى تارتقان بىر يىغىن بولغانلىقىنى تەكىتلىدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.