ب د ت ئومۇمىي يىغىنى نيۇيوركتا داۋاملاشماقتا

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئومۇمىي قۇرۇلتىيى 25 - سىنتەبىر كۈنى ئامېرىكىنىڭ نيۇيورك شەھىرىدە باشلاندى. قۇرۇلتايغا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن 120 دىن ئوشۇق دۆلەتنىڭ رەھبەرلىرى قاتناشقان بولۇپ، دۇنيا ۋەزىيىتىدە جىددىي داۋالغۇشلار يۈز بېرىۋاتقان بىر مەزگىلدە توغرا كەلگەن بۇ يىغىندا ئۇلار، ئۆز دۆلىتىنىڭ مەنپەئەتىنى قوغدىغان ئاساستا دۇنيادا تىنچلىقىنى قانداق بەرپا قىلىش توغرىسىدا ئۆزىنىڭ مەيدانىنى ئىپادىلىدى.
مۇخبىرىمىز ئىرادە
2012.09.28
bdt-omumiy-yighini-ben-liwiye-305.png بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش سېكرىتارى بان كىمۇن لىۋىيەنىڭ يېڭى پرېزىدېنتى مۇھەممەد ئەلمەگارىئاف بىلەن بىللە
AFP


ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، نيۇيوركتىكى ب د ت ئومۇمىي يىغىنى سۈرىيىدىكى ئىنسانلىق كرىزىسى داۋام قىلىۋاتقان، ياپونىيە - خىتاي ئارىسىدىكى ئارال تالاش - تارتىشى ۋە بېرمىدىكى مۇسۇلمان ئاز سانلىقلار بىلەن بۇددىستلار ئارىسىدا توقۇنۇش ۋە شۇنداقلا ئامېرىكىلىق بىر فىلىم ئىشلىگۈچىنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ غەزىپىنى قوزغايدىغان فىلىم ئىشلەپ كېلىپ چىققان نامايىشلاردا بىر ئامېرىكىلىق باش ئەلچىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىگە ئوخشاش بىر قاتار جىددىي ۋەقەلەر يۈز بەرگەن مەزگىلدە ئېچىلدى. شۇڭا بۇ قېتىملىق يىغىننىڭ ئاساسىي تېمىسى سۈرىيىىدىكى ئىنسانلىق كرىزىسى ۋە پەرقلىق مىللەتلەر ۋە دىنلار ئارا تىنچلىقنى قانداق بەرپا قىلىش ئۈستىدە مەركەزلەشتى.

يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا ئالدى بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش سېكرىتارى بان كىمۇن سۆز قىلدى. ئۇ سۆزىدە دۇنيادا يېقىنقى مەزگىل ئىچىدە يۈز بەرگەن بىر قاتار ياخشى ئۆزگىرىشلەر مەسىلەن، بېرما ۋە شۇنىڭدەك ئەرەب دۆلەتلىرىدىكى دېموكراتىيىلىك ئۆزگىرىشلەر، ئافرىقا ئىقتىسادىدىكى ئىلگىرىلەشلەرنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى ئىپادە قىلىش بىلەن بىرگە، دۇنيا دۆلەتلىرى كۈچ چىقىرىپ ھەل قىلىشقا تېگىشلىك يەنە نۇرغۇن مەسىلىلەرنىڭ بارلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ سۆزىدە نۇقتىلىق ھالدا سۈرىيىدىكى توقۇنۇش، دۇنيانىڭ مۇھىتى، پەلەستىن مەسىلىسى ۋە ئىراننىڭ يادرو پائالىيەتلىرى ئۈستىدە توختىلىپ ئۆتتى.

ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما بولسا نۇتقىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى يېقىندا لىبىيىدە ھاياتىدىن ئايرىلغان ئامېرىكا ئەلچىسىگە ئايرىدى. بۇ يىغىن باشلىنىشتىن بۇرۇن ئامېرىكىلىق بىر فىلىم ئىشلىگۈچى ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسالامغا ھاقارەت قىلىدىغان فىلىم ئىشلەپ تارقاتقاندىن كېيىن نۇرغۇن مۇسۇلمان دۆلەتلىرىدە فىلىم قاتتىق تەنقىدكە ئۇچرىدى. ئامېرىكا ئەلچىلىكى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشلارنىڭ بەزىلىرى قاتتىق شىددەت ۋەقەلىرىگە ئايلىنىپ، نەتىجىدە ئامېرىكىنىڭ لىبىيە باش ئەلچىسى كىرىس سىتىۋېن بىلەن بىرلىكتە 3 ئەلچىخانا خىزمەتچىسى ئۆلتۈرۈلگەن ئىدى. پاكىستاندا يۈز بەرگەن نامايىشلارغىمۇ بىر قىىسىم نامەلۇم قوراللىق كۈچلەر ئارىلىشىپ كەتكەن. بۇنىڭ بىلەن ساقچىلار بىلەن قوراللىق كۈچلەر ئارىسىدا چىققان توقۇنۇشلاردا 20 دىن ئارتۇق بىگۇناھ پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلغان ئىدى.

ئوباما ب د ت دىكى نۇتقىدا ئوخشاشلا مۇھەممەد پەيغەمبەرگە ھاقارەت قىلىنغان فىلىمنى قاتتىق ئەيىبلىدى. ئەمما ئۇ يەنە بۇنىڭ بىگۇناھ ئىنسانلارنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىگە باھانە بولالمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ھەرقانداق پىكىر ۋە نارازىلىقنى شىددەتكە مۇراجىئەت قىلماي تۇرۇپ، ب د ت نىڭ پرىنسىپلىرى ئاساسىدا دىپلوماتىك يول بىلەن ھەل قىلىشنى تەشەببۇس قىلدى.

ئوباما يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان فىلىم بىلەن ئامېرىكا دۆلىتىنىڭ ھېچقانداق بىر ئالاقىسى يوقلۇقىنى، ئامېرىكىنىڭ ئوخشىمىغان مىللەت، ئوخشىمىغان دىنلارنىڭ ئورتاق مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان بىر دۆلەتلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ، لىبىيىدە ئۆلتۈرۈلگەن ئامېرىكا ئەلچىسى كىرىس سىتىفنىڭ پەرقلىق مەدەنىيەتلەر ئارا ئالاقىنى كۈچەيتىشتىكى ھەقىقىي بىر دوستلۇق ئەلچىسى ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ، لىبىيىدىكى دېموكراتىيىلىشىش باسقۇچىدا يەر ئالغانلىقىدىن قاتتىق ھاياجانغا چۆمگەن ۋە بۇ يولدا جان كۆيدۈرۈپ ئىشلەۋاتقان بىر شەخسلىكىنى تىلغا ئېلىپ «بىز كېلەچىكمىزنىڭ ھەرگىزمۇ ئۇنىڭ قاتىللىرى ئەمەس، بەلكى كىرىس سىتىفقا ئوخشاش كىشىلەر تەرىپىدىن بەلگىلىنىشى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشىمىز كېرەك» دېدى.

يىغىندا قىلىدىغان سۆزى ئالاھىدە قىزىقىش ئىچىدە كۈتۈلۈۋاتقان دۆلەتلەر بولسا، ئەلۋەتتە ئىسرائىلىيە ۋە ئىران ئىدى. ئىسرائىلىيە لىدىرى نېتانياخۇنىڭ سۆزىنىڭ ئاساسلىق مەركىزى ئىراننىڭ يادرو پائالىيەتلىرى ئىدى. ئۇ ئىراننىڭ يادرو قورالى ياساۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ «ئەلۋەتتە ئىرانغا قارشى بىر قىسىم ئىقتىسادىي جازا تەدبىرلىرى قويۇلدى. ئەمما بىز ھەقىقەتنى كۆرىشىمىز كېرەك. بۇ تەدبىرلەر ئىراننىڭ ئۇران قويۇقلاشتۇرۇشىنى توسۇپ قالالمىدى. ھازىرقى شارائىتتا ئىراننى يادرو پائالىيەتلىرىدىن تىنچلىق بىلەن توسۇپ قېلىشنىڭ بىرلا يولى بار. ئۇ بولسىمۇ ئۇنىڭغا ئېنىق بىر قىزىل چەك - چېگرا سىزىش. بۇ چەك - چېگرا ھەرگىز ئۇرۇش پەيدا قىلمايدۇ، ئەكسىچە تىنچلىق ئەكىلىدۇ» دېدى. نېتانياخۇنىڭ قولىغا بىر بومبىنىڭ رەسىمى چۈشۈرۈلگەن بىر پارچە قەغەزنى تۇتۇۋېلىپ قىلغان بۇ سۆزى ئۇزۇنغىچە ئاخباراتلارنىڭ قىزىق نوقتىسىغا ئايلاندى.

بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىران پرېزىدېنتى ئەخمەدى نېجاتنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەردە قىلغان سۆزىمۇ غۇلغۇلا قوزغىدى. چۈنكى ئۇ سۆزىدە ئاساسلىق نىشاننى خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە قاراتقان ئىدى. ئۇ ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنى قاتتىق تەنقىد قىلىپ، خەۋپسىزلىك كېڭىشىدىكى ھوقۇقنىڭ دائىمىي ئەزا ئامېرىكا، فرانسىيە، ئەنگىلىيە، رۇسىيە ۋە خىتايدىن ئىبارەت 5 دۆلەتنىڭ قامال قىلىشى ئاستىدا قالغانلىقتىن، ب د ت غا ئەزا بولغان بارلىق دۆلەتلەرنىڭ ھوقۇقىنىڭ پەقەتلا بىر قانچە دۆلەتكە مەركەزلىشىپ قالغان رەت قىلىش ھوقۇقى سەۋەبىدىن كاپالەتكە ئىگە بولمايۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئەخمەدى نېجات ب د ت نى ئايرىمىچىلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلىدى.

ئەھمەدى نېجاتنىڭ خەۋپسىزلىك كېڭىشىنى تەنقىد قىلغان سۆزىمۇ مەتبۇئاتلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.