ب د ت تىنچلىق ساقلاش قىسىملىرى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقى خاتىرىلەندى

29 - ماي بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تىنچلىق ساقلاش قىسىملىرى قۇرۇلغان كۇن. تۈنۈگۈن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ نيۇيورك شەھىرىدىكى باش شىتابىدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تىنچلىق ساقلاش قىسىملىرى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقى خاتىرىلەندى.
مۇخبىرىمىز جۈمە خەۋىرى
2008.05.30

 بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تىنچىق ساقلاش قىسىملىرى بۇندىن 60 يىل مۇقەددەم، يەنى 1948 - يىلى مايدا قۇرۇلغان بولۇپ، 2001 - يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمى يىغىنى تەرىپىدىن 29 - ماي كۈنى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا تىنچلىق ساقلاش ۋەزىپىسى ئۆتىگەن ھەمدە بۇ جەرياندا ھاياتىنى قۇربان قىلغان ئوغۇل - قىز ئەسكەرلەرگە ھۆرمەت بىلدۈرۈش كۈنى قىلىپ بېكىتكەندىن بۇيان بۇ كۈن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا ھەر يىلى تەبرىكلىنىپ كەلمەكتە.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئېلان قىلغان ئاخباراتلارغا قارىغاندا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ تىنچلىق ساقلىغۇچى ئەسكەرلىرىنىڭ سانى 110مىڭ نەپەردىن ئارتۇق بولۇپ، ئۇلار ھازىر دۇنيادىكى نىزا قاپلىغان رايونلاردا ۋەزىپە ئۆتمەكتە ئىكەن.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، 29 - ماي بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تىنچلىق ساقلاش قىسىملىرىغا مەسئۇل مۇئاۋىن باش كاتىپ جىئان مارىئە گۇئېھننونىڭ باشچىلىقىدا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش شتابى ئالدىغا ئۆتكەنكى 60 يىل جەريانىدا تىنچلىق ساقلاش ۋەزىپىسى ئۈچۈن جېنىدىن ئايرىلغان 2400 نەپەر تىنچلىق ساقلىغۇچى ئۇچۇن گۈل چەمبىرەك قويۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تىنچلىق ساقلاش قىسىملىرى 60 يىلدىن بۇيان ئۇرۇش ئوتى ئىچىدە قالغان رايونلارغا بېرىپ تىنچلىق ساقلاپ، ئىچى - تاشقى ئۇرۇش سەۋەبىدىن خەتەر ئاستىدا قالغان مىللەت ياكى خەلقنى قوغداش ۋەزىپىسىنى ئۆتەپ دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ تىنچلىقى ئۈچۈن نۇرغۇن تۆھپىلەرنى قوشقان.

تىنچلىق ساقلاش قىسىملىرى ئىنفورماتسىيە بۆلۈمىدىكى خادىم دوئۇگلاس كوفمان ئەپەندى، مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ 60 يىلدىن بېرى دۇنيانىڭ نۇرغۇن رايونلىرىدا ھەر خىل تىنچلىق ساقلاش ۋەزىپىلىرىنى ئۆتىگەنلىكىنى، بۇنىڭ بەزىدە ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى ئۇرۇشلارغا ئارىلىشىش شەكىلدە، بەزىدە مەلۇم بىر دۆلەتتە يۈز بەرگەن ئىچكى ئۇرۇش ئوتىدا قالغان ئىككى تەرەپ ئارىسىدا كېلىشتۈرۈش رولىنى ئۆتەپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى ۋە قانداقلا بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر تىنچلىق ساقلاشنى تىنچلىق ئورنىتىشنىڭ ئورنىغا دەسسەتكىلى بولمايدىغانلىقىنى قوشۇمچە قىلدى.

ئۇ تىنچلىق ساقلاش ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: "تىنچلىق ئورنىتىلغان بولسا بىزگىمۇ كۆپ خىزمەت قالمايدۇ، ئەمما ئۇ چاغدا بىز توقۇنۇشىۋاتقان تەرەپلەر ئارىسىدا زوراۋانلىقلارنىڭ قايتا يۈز بەرمەسلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشنى ئىلگىرى سۈرىمىز".

ئۇ يەنە، تىنچلىق ساقلاش قىسىملىرىنىڭ بەزى ۋەزىپىلىرىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تىنچلىق ساقلاش نىزامنامىسىنىڭ 7 - تارمىقى بۇيىچە ئېغىر تىپتىكى قوراللار بىلەن قوراللىنىپ ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى ، ئەمما بەزى ۋەزىپىلەرنىڭ توقۇنۇشقان ئىككى تەرەپ ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى كۆزىتىپ تۇرۇشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تىنچلىق ساقلاش قىسىملىرىنى توقۇنۇش ئىچىدىكى مەلۇم بىر رايونغا يۆتكەش ھوقۇقى يەنىلا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ قولىدا بولۇپ، ئەسكەر يۆتكەش قارارى مەزكۇر كېڭەشكە دائىمىي ئەزا بەش دۆلەتنىڭ ئورتاق قوشۇلۇشى ئاساسىدا ۋۇجۇتقا چىقىدۇ.

بۇ ھەقتە توختالغان ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى تۈركىيە ھاجى تۆپە ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇشىچە، شۇنداق بولغانلىقتىن كېڭەشكە ئەزا بەزى دۆلەتلەر، دۆلەت مەنپەئەتى سەۋەبىدىن بەزى كۆڭۈلدىكىدەك قارارلارنىڭ ئېلىنىشىغا توسقۇنلۇق قىلىدىكەن.

ئەركىن ئەكرەم بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا ئوڭۇشلۇق ئېلىنماي قالغان بۇ خىلدىكى قارار ھەققىدە توختىلىپ سۇدان مەسىلىسىنى مىسال قىلدى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تىنچلىق ساقلاش قىسىمى ئېلان قىلغان ئاخباراتقا قارىغاندا، ھازىر دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان خادىملار 119 دۆلەتتىن كەلگەن بولۇپ، ئەڭ كۆپ خادىم ئەۋەتىدىغان دۆلەتلەر، پاكىستان، بېنگال، ھىندىستان ، نىگېرىيە ۋە نېپال قاتارلىق دۆلەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

ئاخباراتتا كۆرسىتىلىشىچە، ھازىر بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تىنچلىق ساقلاش قىسىملىرىنىڭ يىللىق چىقىمى 6.5 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، ئىقتىسادى ياردەمنىڭ كۆپ قىسىمىنى ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى ۋە ياپونىيە ئۆز ئۈستىگە ئالغان ئىكەن.

گەرچە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تىنچلىق ساقلاش قىسىملىرى ئۆتكەن 60 يىل جەريانىدا دۇنيانىڭ ھەر قايسى رايونلىرىدا تىنچلىق ساقلاشقا ئائىت ھەر تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى ئۆتەپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ جەرياندا بەزى سەۋەنلىكلەرمۇ مەيدانغا كەلگەن بولۇپ، ئەنگلىيە بالىلارنى قۇتقۇزۇش جەمئىيىتىنىڭ يېقىندا بۇ ھەقتە ئاشكارىلىغان دوكلاتى بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ يېڭىسى بولۇپ، مەلۇم بولۇشىچە، تىنچلىق ساقلاش قىسىملىرىدىكى بەزى خادىملار قورامىغا يەتمىگەن بالىلارغا جىنسىي پاراكەندىچىلىك سالغان.

ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىدا نەقىل قىلىنىشىچە، تىنچلىق ساقلاش قىسىملىرى مۇئاۋىن باش كاتىپى جەئان مارىئە گۇئېھننو، بۇنداق خەۋەرلەرنىڭ كىشىنى تولىمۇ بىئارام قىلىدىغانلىقىنى، ئەمما بۇنداق دوكلاتلارنىڭ رولىنىڭ ئىنتايىن زور ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ۋە ھەر يىلى 200 مىڭ ئەتراپىدىكى تىنچلىق ساقلاش خادىملىرىنى ۋەزىپە ئۆتەشكە تەشكىللەش مۈشكۈلاتى جىق بىر خىزمەت ئىكەنلىكىنىمۇ قوشۇمچە قىلغان.


پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.