ب د ت دىكى 63 دۆلەت بىرلىكتە ۋىجدان مەھبۇسلىرى باياننامىسى ئېلان قىلدى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى 63 دۆلەت، تۈنۈگۈن يەنى 17 ‏ - ئىيۇن كۈنى ۋىجدان مەھبۇسلىرى باياننامىسى ئېلان قىلدى. باياننامە پىكىر ئەركىنلىكى چەكلىمىگە ئۇچراپ قاماققا ئېلىنغان مەھبۇسلارنى ئەركىنلىككە ئېرىشتۈرۈشنى مەقسەت قىلغان.

0:00 / 0:00

باياننامىدە خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى خىتابنامىسى ئېلان قىلىنغىنىغا 60 يىل بولغانلىقى، مەزكۇر خىتابنامىدا ئەڭ ئەقەللىي ھەق دەپ بەلگىلەنگەن پىكىر ئەركىنلىكىنىڭ بەزى دۆلەتلەردە تېخىچىلا چەكلىمىگە ئۇچراۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلگەن.

بۇ ئاتالغۇ، Peter Benenson تەرىپىدىن 1960 - يىلى تۇنجى قېتىم قوللىنىلغان

ۋىجدان مەھبۇسلىرى دېگەن بۇ ئاتالغۇ، خەلقارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ قۇرغۇچىسى Peter Benenson تەرىپىدىن 1960 - يىلى تۇنجى قېتىم قوللىنىلغان. بۇ ئاتالغۇ شۇنىڭدىن بېرى ئوخشىمىغان سىياسىي كۆز قاراشلىرىنى سۆزلەش، يېزىش ۋە يىغىلىش شەكىللىرىدە ئىپادىلىگەن ۋە بۇ ھەرىكەتلىرى سەۋەبلىك قولغا ئېلىنىپ جازالانغان سىياسىي مەھبۇسلار ئۈچۈن قوللىنىلىپ كەلمەكتە.

مەزكۇر باياننامىدا مۇنداق دېيىلىدۇ: "بۈگۈن بەزى دۆلەتلەردە ھۆكۈمەتكە قارشى پىكىرلىرىنى ئاغزاكى بايان قىلغانلار، ماقالە ئېلان قىلغانلار، نارازىلىقلىرىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن نامايىشقا قاتناشقانلار، جەمئىيەت مەسىلىلىرىنى تۈزۈتۈش ئۈچۈن تەشكىلاتقا ئۇيۇشقانلار جىنايەتچى سانىلىپ تۈرمىلەردە يېتىۋاتىدۇ . مەقسىتىمىز مانا بۇلارنى ئەركىنلىككە ئېرىشتۈرۈش."

ب د ت دىكى 63 دۆلەت باياننامىگە ئىمزا قويغان

باياننامىدە باياننامىگە ئىمزا قويغان دۆلەتلەرنىڭ، ۋىجدان مەھبۇسلىرىنى تۈرمىدىن قويۇۋېتىشنى ئالدى بىلەن ئۆز دۆلەتلىرىدە يولغا قويىدىغانلىقى، ئاندىن باشقا دۆلەتلەرنى سىياسىي مەھبۇسلارنى قويۇۋېتىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

ۋىجدان مەھبۇسلىرى باياننامىسى مۇشۇ ئاينىڭ 3 ‏ - كۈنى ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە، ئۇكرائىنىيە قاتارلىق 6 دۆلەت تەرىپىدىن ب د ت باش كاتىپىغا سۇنۇلغان. باش كاتىپ بۇ باياننامىنى تۈنۈگۈن يەنى 17 ‏ - ئىيۇن كۈنى ب د ت ئومۇمى كېڭىشىنىڭ ئىنسان ھەقلىرى مۇزاكىرە يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويغان. مۇزاكىرىدىن كېيىن ب د ت دىكى 63 دۆلەت باياننامىگە ئىمزا قويغان. بۇلارنىڭ ئىچىدە 27 سى ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەردۈر.

ئىمزا قويغان دۆلەتلەر ئارىسىدا خىتاي يوق

باياننامىدە يەنە، بۈگۈن ب د ت غا ئەزا دۆلەتلەرنى باشقۇرغان ۋە باشقۇرۇۋاتقان دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ بىرمۇنچىسىنىڭ بۇرۇنقى ۋىجدان مەھبۇسلىرى ئىكەنلىكى، ئۇلارنىڭ بۈگۈن ئۆز مىللىتى ۋە ئىنسانىيەت ئۈچۈن زور خىزمەت كۆرسىتىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلگەن.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، ۋىجدان مەھبۇسلىرى باياننامىسىنىڭ ئېلان قىلىنىشى، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئىنسان ھەقلىرىنى قوغداش ۋە دىكتاتور دۆلەتلەرنى بۇ جەھەتتىن قىستاشتا تېخىمۇ ئاكتىپ بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

مەزكۇر باياننامىگە ئىمزا قويغان دۆلەتلەر ئارىسىدا خىتاي يوق. ئەمما، خىتاي ب د ت نىڭ سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي ھەقلەر كېلىشىمىگە ئىمزا قويغان. ۋىجدان مەھبۇسلىرى باياننامىىسدا تەكىتلەنگەن ھەق ‏ - ھوقۇقلار مەزكۇر كېلىشىمدىمۇ قوبۇل قىلىنغان. ۋىجدان مەھبۇسلىرى باياننامىسىدا، ئىنتېرنېتتىن ئۇچۇر ئىگىللەش ۋە ئۇچۇر تارقىتىشنىڭ پىكىر ئەركىنلىكىنىڭ بىر پارچىسى ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن. نۆۋەتتە خىتاي، پۇقرالىرىنىڭ بۇ ھوقۇقىنى دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاش دەپ جازالاپ كەلمەكتە.