ب د ت باش كاتىپىنىڭ خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويماسلىقى تەنقىدكە ئۇچرىدى
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2010.11.02
2010.11.02

AFP Photo
باش كاتىپ بان كىمۇن خىتايدىكى 4 كۈنلۈك زىيارىتىنى باشلىدى ۋە خىتاي زىيارىتىنىڭ تۇنجى كۈنى خىتاي پرېزىدېنتى خۇ جىنتاۋ بىلەن كۆرۈشتى.
بان كىمۇننىڭ خىتاي زىيارىتى، خىتاي تۈرمىسىدىكى ئۆكتىچى يازغۇچى ليۇ شاۋبوغا نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى بېرىلگەن ۋە دۇنيا جامائەتچىلىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە خىتايغا ئالاھىدە دىققەت قىلىۋاتقان پەيتكە توغرا كەلدى.
ئۇچرىشىشتىن كېيىن دۈشەنبە كۈنى چاقىرىلغان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، باش كاتىپ بان كىمۇننىڭ باياناتچىسى مارتىن نېسىركي، بان كىمۇننىڭ "خۇ جىنتاۋ بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى تىلغا ئالمىغان" لىقىنى بىلدۈردى. ھالبۇكى، باياناتچى بان كى مۇننىڭ نېمە ئۈچۈن شۇنداق قىلغانلىقى ھەققىدىكى سوئاللاردىن ئۆزىنى قاچۇردى.
ئامېرىكىنىڭ ۋاشىنگتون ئالاھىدە رايونىغا جايلاشقان كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى - ئەركىنلىك سارىيىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بان كىمۇننىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى تىلغا ئالمىغانلىقى ئادەمنى ئويغا سالىدىكەن.
ئەركىنلىك سارىيى ئىنتېرنېت ئەركىنلىكى بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى روبېرت گېررا مۇنداق دېدى: "خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ھالقىلىق دۆلەتلەر ئالاھىدە قىزىقىۋاتقان، بولۇپمۇ كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ليۇ شاۋبوغا نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى بېرىلگەن مۇشۇنداق بىر پەيتتە، بان كىمۇننىڭ خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويماسلىقى ھەقىقەتەن خاتا سىگنال بېرىدۇ."
باش شتابى نيۇيورك شەھىرىگە جايلاشقان خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ پرېزىدېنتى شارون ھوم خانىم بان كىمۇننىڭ بۇ خىل پوزىتسىيىسىدىن ئىنتايىن ئۈمىدسىزلەنگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: " قايتا سايلىنىشنى كۆزلەۋاتقان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىبىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە يېتەكچىلىك قىلالماسلىقى ئادەمنى بەكمۇ ئۈمىدسىزلەندۈرىدۇ. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئالاھىدە دوكلات تەييارلىغۇچىلىرى ۋە مەجبۇرىي تۇتۇپ تۇرۇشقا قارشى تۇرۇش ئورگىنى قاتارلىق ئالاھىدە ئاپاراتلىرى خىتايدىكى نېگىزلىك ھوقۇقنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى. بۇ خىل ئەھۋالدا باش كاتىپنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە يېتەكچىلىك ئورۇنغا ئۆتەلمەسلىكى كۆڭۈلنى غەش قىلىدۇ."
شارون ھوم خانىم يەنە، بان كىمۇننىڭ باشقا يېپىق شەكىلدىكى ئۇچرىشىشلاردا بان كىمۇننىڭ خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى دۈشەنبە كۈنى كەچقۇرۇن ئېلان قىلغان باياناتقا قارىغاندا، بان كىمۇن باشقا خىتاي رەھبەرلىرى بىلەن ئۇچراشقاندا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى تىلغا ئالغان. ھالبۇكى بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەر ھازىرچە ئانچە تەپسىلىي ئەمەس.
روبېرت گېررا نىڭ قارىشىچە، بان كىمۇن خىتايدىكى باشقا ئۆكتىچىلەر بىلەن كۆرۈشمىگەن. روبېرت گېررا: "نوبېل كومىتېتى بىر خىتاي پۇقراسىغا مۇكاپات بېرىشكە جۈرئەت قىلغان يەردە، بان كىمۇن ھېچ بولمىغاندا خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى تىلغا ئېلىپ قويۇشى كېرەك ئىدى. بۇنى قوبۇل قىلماق تەس. بەلكىم ئۇ، خىتايدىكى باشقا پائالىيەتچىلەر بىلەنمۇ كۆرۈشمىگەن بولۇشى مۇمكىن. بۇنىمۇ قوبۇل قىلغىنى بولمايدۇ،" دېدى.
خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا بۇ ھەقتە بېرىلگەن تەھلىللەرگە قارىغاندا، باش كاتىپ بان كىمۇننىڭ خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويماسلىقىغا، خىتاينىڭ قوللىشىدىن ئايرىلىپ قېلىشتىن ئەنسىرىگەنلىكى سەۋەب بولغان. مەلۇم بولۇشىچە، ئەگەر خىتاي قارشى بىلەت تاشلىسا بان كىمۇن قايتا باش كاتىپ بولۇپ سايلىنالمايدىكەن.
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىدا نەقىل قىلىشىچە، كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىشلىرىغا مەسئۇل خادىمى فىلىپ بولوپىئون مۇنداق دېگەن: "بۇ، ئۆزىنىڭ قايتا سايلىنىشى ئۈچۈن خىتاينى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشىشتىن ئىبارەت خاتا ئۇرۇنۇش، ئەمەلىيەتتە ئۇ، دۇنيانىڭ جەسۇر ۋە ئوچۇق پىكىرلىك باش كاتىپقا موھتاج ئىكەنلىكىدەك رېئاللىققا سەل قارىغان."
خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى پرېزىدېنتى شارون ھوم بۇ نۇقتىنى چەتكە قاقمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ: "ئەلۋەتتە ئۇنىڭ قايتا سايلىنىشنى كۆزلىگەنلىكىنى ئېنىق كۆرۈۋالالايمىز،" دېدى.
شارون ھوم خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بان كىمۇن ئەزەلدىن خىتايغا يۇمشاق پوزىتسىيە تۇتۇپ كەلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ بۇ نۆۋەتلىك خىتاي زىيارىتىدىكى پوزىتسىيىسىمۇ ئۇنىڭ شۇ خىلدىكى مەيدانى بىلەن بىردەك ئىكەن.
شارون ھوم خانىم، "ئۇنىڭ خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىنى ئوچۇق - ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويالماسلىقى، ئۇنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى خىتايغا تۇتقان پوزىتسىيىسى بىلەن ئوخشاش. ئۇ بولسىمۇ، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە خىتاينى ئەيىبلىمەسلىك ۋە ئادەمنىڭ كۆڭلىنى غەش قىلغۇدەك دەرىجىدە ئاجىز پوزىتسىيە تۇتۇشتىن ئىبارەت " دېدى.
ئەركىنلىك سارىيىدىكى روبېرت گېررا، بان كىمۇندىن ئىلگىرىكى باش كاتىپلارنىڭ ئىچىدە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە ئىنتايىن كەسكىن كىشىلەرنىڭ بارلىقىنى، سابىق باش كاتىپ بوئۇتروس-غالىنىڭ شۇ خىلدىكى كىشىلەردىن ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى ۋە مۇنداق دېدى: "بىز بان كىمۇندىنمۇ ئوخشاش كەسكىنلىك كۈتىمىز. ئەگەر ئۇ، سىياسەتنى كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئۈستىگە قويۇشقا ئۇرۇنغان بولسا، بۇ تولىمۇ نومۇسلۇق بىر ئىش بولغان بولىدۇ."
خىتاي كىشىلىك ھوقۇقنى ئەڭ ئېغىر دەپسەندە قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلار ئىجرائىيە كومىتېتى ئېلان قىلغان بۇ يىللىق دوكلاتتىمۇ خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنىڭ يەنىلا ناچار ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن ئىدى.
بان كىمۇن خىتايدا يەنە 3 كۈن زىيارەتتە بولىدۇ. ئۇنىڭ كەلگۈسى ئۈچ كۈن جەريانىدا يەنە قانداق پائالىيەتلەردە بولىدىغانلىقى ھازىرچە نامەلۇم.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.