ب د ت يىغىنىدا يادرو قوراللار قارارى ماقۇللاندى
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻣﯩﻬﺮﯨﺒﺎﻥ
2009.09.25
2009.09.25
AFP Photo
ئوباما سۆزىدە دۇنياغا تەھدىت قىلىۋاتقان ئورتاق خەۋپلەر بىلەن كۈرەش قىلىشتا، پۈتۈن دۆلەتلەرنىڭ مەسئۇلىيىتى بارلىقىنى تەكىتلەپ، دۆلەتلەرنى ئۆز - ئارا ھەمكارلىققا چاقىردى. ئوباما ئوز سۆزىدە يەنە، يادرو قوراللىرىدىن ۋاز كېچىش، خەلقئارادا تىنچلىق ھەم خەۋپسىزلىكنى تەكىتلەش، مۇھىتنى قوغداش ۋە بارلىق دۆلەتلەرگە ئورتاق بېيىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىشنى تەكىتلىدى.
ئامېرىكا پرېزىدېنت باراك ئوباما يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلغان بولۇپ، يىغىندا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يەر شارى مىقياسىدا يادرو قوراللار ئىشلەپچىقىرىشىنى چەكلەش ئەھدىنامىسى قايتا تەكىتلەندى. شۇنداقلا يادرو قوراللىرىغا قارىتا قارار ئالمىغان دۆلەتلەرگە نىسبەتەن "يادرو قوراللىرىنى چەكلەش قارارى" ھەم " يادرو قوراللار سىنىقى ئېلىپ بېرىشنى چەكلەش ئەھدىنامىسى"نى قوبۇل قىلىش تەلەپ قىلىندى.
ئوباما يىغىن ئەھلىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، مۇبادا دۇنيادىكى مەلۇم بىر چوڭ شەھەردە بىر دانە ئاتوم بومبىسى پارتلايدىغان بولسا، بۇنىڭ نەچچە يۈز مىڭ ئادەمنىڭ ئۆلۈشىگە سەۋەب بولىدىغانلىقىنى، پەقەت بۇنىڭلىق بىلەنلا قالماي يەنە پۈتكۈل يەر شارى ئىقتىسادىنىڭ ۋەيران بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى، شۇڭا ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ يادرو قوراللىرىنى چەكلەش كېلىشىمگە ئاۋاز قوشۇپ، كېيىنكى 4 يىل ئىچىدە ئىنسانلارغا خەۋپ ئېلىپ كېلىدىغان يادرو قورال ماتېرىياللىرىنى "قۇلۇپلاش" كېرەكلىكىنى، ب د ت غا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ بۇ مەسىلىدە پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلىشىنىڭ تولىمۇ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.
گەرچە ئامېرىكا پرېزىدېنت ئوباما يىغىندا يادرو قوراللىرى سىنىقى ئېلىپ بېرىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئىسمىنى ئاشكارا تىلغا ئالمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئىران ھەم شىمالى كورىيە ھۆكۈمىتى ئەنگىلىيە ھەم فرانسىيىنىڭ تەنقىد قىلىشىغا ئۇچرىغان. فرانسىيە پرېزىدېنتى ساركوزى سۆزىدە ئىراننىڭ ب د ت نىڭ كېلىشىمگە خىلاپلىق قىلغانلىقىنى بايان قىلىپ، " گەرچە تېھران تەرەپ يادرو تەتقىقاتىنى تىنچلىق ئۇچۇن ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى بايان قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما تېھراننىڭ ۋەدىسىگە ئىشىنىش تەس" دېدى.
ئەنگىلىيە باش ۋەزىرى بروۋن "شىمالى كورىيە ھەم ئىراننىڭ يادرو سىناقلىرىنى داۋاملىق ئېلىپ بېرىشىغا خەلقئارا جەمئىيەت ئەمدى قاراپ ئولتۇرسا بولمايدۇ،" دېدى.
خىتاي ۋە رۇسىيە ئىراننىڭ يادرو قوراللىرى مەسىلىسىگە نىسبەتەن باشقىچە پوزىتسىيىدە بولۇپ، خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى جاڭ يۇ پەيشەنبە كۈنى مۇخبىرلارغا بايانات بېرىپ،" يادرو قوراللىرى مەسىلىسىدە ئىرانغا قارىتا ئىقتىسادى ئېمبارگو قويۇش ۋە بېسىم ئىشلىتىش ئارقىلىقلا مەسىلىنى ھەل قىلغىلى بولمايدۇ" دېدى.
رۇسىيە پرېزىدېنت دېمىترى مېدۋېدېۋ چارشەنبە كۈنى پىكىر بايان قىلىپ، ئىرانغا قارىتا ئېمبارگو يۈرگۈزۈشنىڭ يادرو قوراللىرىنى چەكلەشتە بەك چوڭ رولى بولمايدىغانلىقىنى، ئەمما ھازىرچە ئۇنىڭدىنمۇ باشقا ئامال يوقلىغىنى بايان قىلدى.
يىغىن مەزگىلىدە ئامېرىكا تەرەپ يەنە خىتاينىڭ ھەربىي كۈچ تەرەققىياتىنىڭ باشقا دۆلەتلەرگە تەھدىت بولماسلىقىنى تەكىتلىدى. ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جېمىس ستېيىنبۇرگ خىتاي دۆلەت بايرىمىنىڭ 60 يىللىق خاتىرە كۈنىدە ھەربىي پارات ئۆتكۈزۈشىگە قارىتا ئىنكاس قايتۇرۇپ، "ئامېرىكا ئەلۋەتتە نۇرغۇنلىغان خەلقئارا مۇھىم مەسىلىلەردە خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىشنى خالايدۇ، بۇ ئەلۋەتتە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئوخشىمىغان پىكىردىكى مەسىلىلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەمما خىتاينىڭ ھەربىي تەرەققىياتىنىڭ ئېشىپ بېرىشى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدىكى قارشىلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئۆزئارا ھەمكارلىققا تەسىر يەتكۈزۈشى مۇمكىن، شۇڭا خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ جەھەتتە " ئىستراتېگىيىلىك كاپالەت بېرىشى كېرەك."دەپ كۆرسەتتى.
جېمىس ستېيىنبۇرگ سۆزىدە يەنە، "بۇ خىل ئىستراتېگىيىلىك كاپالەت بېرىش، پەقەتلا سودا ھەمكارلىقىنىلا كۆزدە تۇتمايدۇ، ئامېرىكا ۋە باشقا ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر ئەلۋەتتە خىتاينىڭ تەرەققىي قىلىشىنى ھەم ئىقتىسادى جەھەتتىن گۈللەنگەن كۈچلۈك دۆلەت بولۇشىنى قارشى ئالىدۇ، لېكىن بۇ خىل تەرەققىيات باشقا دۆلەتلەرنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت ئېلىپ كەلمەسلىكى كېرەك، شۇڭا بۇ مەسىلە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەتنىڭ ئاساسى تېمىسى بولۇشى كېرەك "دەپ كۆرسەتتى. ئۇ سۆزىدە يەنە، خىتاينىڭ ئىستراتېگىيىلىك كاپالەتنامىسى چوقۇم خىتاينىڭ ھەربىي ئىشلار خامچوتى ۋە ھەربىي كۈچ تەرەققىياتىدىكى مەقسىتىنىڭ خەلقئاراغا ئوچۇق - ئاشكارا بولۇشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىنى، ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز ھۆكۈمىتىگە قارشى پىكىر ئېقىمىدىكى بىر قىسىم تەشكىلاتلار ھەم دۆلەت ئىچى سىرتىدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرىغا تۇتقان پوزىتسىيىسى خەلقئارانى ئەنسىرىتىپ قويۇۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.
خەلقئارا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ مۇلاھىزە قىلىشىچە، بۇ يىللىق بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىدا مۇنازىرە قىلىنغان يادرو قوراللىرىنى كونترول قىلىش قارارى ھەم ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەربىي تەرەققىياتىغا نىسبەتەن دىققەتتە بولۇشى، ئىران، شىمالىي كورىيە ۋە خىتاي قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ خەلقئارانى بىئارام قىلىۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىسى ئىكەن.