بىرلەشكەن دۆلەتلەر ئومۇمىي يىغىنى ئاياغلاشتى ئەمما سۈرىيە مەسىلىسىدە ئەمەلىي بىر قارار چىقمىدى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 67-نۆۋەتلىك ئومۇمىي يىغىنى 1-ئۆكتەبىر كۈنى ئاياغلاشتى. 120 دىن ئارتۇق دۆلەتنىڭ رەھبەرلىرى قاتناشقان مەزكۇر يىغىن دۇنيا ۋەزىيىتىدە جىددىي داۋالغۇشلار يۈز بېرىۋاتقان بىر مەزگىلدە توغرا كەلگەن ئىدى.
مۇخبىرىمىز ئىرادە
2012.10.03
suriye-namayish-305.png سۈرىيەدىكى 4-ماي كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشتىن بىر كۆرۈنۈش
AFP

يىغىنغا قاتناشقان دۆلەتلەر دۇنيادا تېنچلىقنى قانداق بەرپا قىلىش ۋە ئەڭ مۇھىمى سۈرىيىدىكى كرىزىسنى ھەل قىلىش توغرىسىدا مۇنازىرە قىلىشقان بولسىمۇ، ئەمما يىغىن ئاخىرىدا يەنىلا بىر ئەمەلىي قارار ئېلان قىلىنمىدى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 67-نۆۋەتلىك ئومۇمىي يىغىنى 25-سېنتەبىر كۈنى باشلانغان بولۇپ، يىغىنغا قاتناشقان ھەرقايسى ئەل رەھبەرلىرى بىر ھەپتىدىن بۇيان ئايرىم-ئايرىم سۆز قىلدى. يىغىندا سۆز قىلغان رەھبەرلەر ھەممىسى سۈرىيە كرىزىسى، ئىراننىڭ يادرو پائالىيەتلىرى ۋە پەرقلىق دىن ھەم مىللەتلەر ئارا تىنچلىقنى بەرپا قىلىش قاتارلىق ھازىرقى ۋاقىت خاراكتېرلىك مەسىلىلەردە ئۆز مەيدانلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى. بىز ئالدىنقى نۆۋەتلىك پروگراممىمىزدا يىغىننىڭ دەسلەپكى كۈنلىرىدە سۆز ئالغان ب د ت باش سېكرېتارى بان كىمۇن، ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما ۋە ئىران پرېزىدېنتى ئەخمەدى نېجات ۋە ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنجامىن نېتانياخۇنىڭ سۆزلىرىدىن سىلەرگە قىسقىچە مەلۇمات بەرگەن ئىدۇق.

ئومۇمىي يىغىننىڭ كۈن تەرتىپىگە بىنائەن يىغىننىڭ كېيىنكى كۈنلىرىدە سۆزگە چىققان ئەنگلىيە، خىتاي، سۈرىيە قاتارلىق دۆلەتلەر رەھبەرلىرىنىڭ سۆزلىرى دۇنيا مەتبۇئاتلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتتى. ئەنگلىيە باش مىنىستىرى داۋىد كامېرون ب د ت ئومۇمىي يىغىنىدا قىلغان نۇتقىدا سۈرىيە مەسىلىسىدىكى پوزىتسىيىسى ناھايىتى كەسكىن بولدى. ئۇ نۇتقىدا «رۇسىيە ۋە خىتاينىڭ قولى سۈرىيىلىك بالىلارنىڭ قېنى بىلەن بويالدى» دېدى. ئۇ رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ سۈرىيىگە قارشى جازا تەدبىرى ئېلىشقا توسقۇنلۇق قىلىش ئارقىلىق ئەمەلىيەتتە سۈرىيىلىك بالىلارنىڭ قىيىن-قىستاققا ئېلىنىشى ۋە ھەتتا ئۆلۈمىگە سەۋەب بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى شۇنىڭدەك ئۇ ب د ت نىڭ سۈرىيە مەسىلىسىدە بىر قارارغا كېلەلمەسلىكىنىڭ ب د ت نىڭ ئېتىبارىغا قاتتىق داغ چۈشۈرگەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى:
«بۇ بالىلارنىڭ قېنى ب د ت نىڭ ئېتىبارىغا ناھايىتى چوڭ داغ چۈشۈردى. بولۇپمۇ بۇ ۋەھشىيلىككە سەۋەب بولغان ياكى مۇنداقچە ئېيتقاندا ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ تېرورلۇقىنى قوللاۋاتقانلارنىڭ ئېتىبارىنى چۈشۈردى. ب د ت كېلىشىمىنىڭ 21-ئەسىردىمۇ كۈچكە ئىگە بولۇشى ئۈچۈن بىز چوقۇم بۇنداق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلىشىمىز كېرەك.»

ئەنگلىيە باش مىنىستىرى داۋىد كامېروننىڭ خىتاي ۋە رۇسىيىنى نىشان قىلىپ تۇرۇپ ناھايىتى كەسكىن تەلەپپۇزدا قىلغان سۆزىگە قارىماي خىتاي ۋەكىلىنىڭ نۇتقى «باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىق» تىن ئىبارەت بىر نۇقتىنى مەركەز قىلدى. ب د ت ئومۇمىي يىغىنىغا خىتايغا ۋاكالىتەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ياڭ جېيچى سۆزلىگەن بولۇپ، ئۇ نۇتقىدا ئىلگىرىكىگە ئوخشاشلا ئەڭ ئالدى بىلەن دۇنيا دۆلەتلىرىنى سوغۇق ئۇرۇش مەزگىلىدىكى پسىخىكا بىلەن ھەرىكەت قىلىشتىن ۋاز كېچىشكە چاقىردى ۋە «خىتاي باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشمايدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا باشقا دۆلەتلەرنىڭ خىتاينىڭ ئىشىغا ئارىلىشىشىغا يول قويمايدۇ» دېدى.

ئۇ يەنە، خىتاينىڭ ئىقتىسادنى ياخشىلاشنى مۇھىم ئورۇنغا قويىدىغانلىقى، بۇنىڭ ئوخشاش ۋاقىتتا دۇنيا ئىقتىسادىنى ئىلگىرى سۈرۈشكىمۇ پايدىلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ «ئەمما بۇنىڭ ئۈچۈن دۇنيا دۆلەتلىرى چوقۇم ئۆز-ئارا ھۆرمەت، ئۆز-ئۆز ئارا ئىشىنىش، ئۆز-ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈشتەك پرىنسىپ ئىچىدە ھەرىكەت قىلىشى كېرەك» دېيىش بىلەن بىرگە، خىتاينىڭ تەرەققىياتىنىڭ تىنچلىقپەرۋەر بىر تەرەققىيات ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتتى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي يىغىنى باشلانغان بىرىنچى كۈنىدىن ئېتىبارەن سۈرىيە مەسىلىسىنىڭ بىرىنچى مۇھىم مەسىلە قاتارىدا ھەر كۈنى ۋە ھەممە دۆلەت تەرىپىدىن تىلغا ئېلىنىشى، خىتاي ۋە رۇسىيىنىڭ ئىسمىنىڭ بىۋاسىتە ھەم ۋاسىتىلىك ھالدا تەنقىد ئوبيېكتى بولۇشىغا قارىماي خىتاي ۋەكىلى سۈرىيە مەسىلىسى ھەققىدە توختالغاندا يەنىلا ھەر ئىككى تەرەپنى قورالنى تاشلاپ، مەسىلىنى كوفى ئانناننىڭ 6 تۈرلۈك تىنچلىق پىلانى بويىچە ھەل قىلىشقا چاقىردى.

يىغىننىڭ ئاخىرقى كۈنى، يەنى 1-ئۆكتەبىر كۈنى سۆزگە چىققان سۈرىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋالىد مۇئەللەم سۈرىيە پرېزىدېنتى بەشەر ئەسەدنى تەختتىن چۈشۈشكە چاقىرىۋاتقان دۆلەتلەرنى سۈرىيىنىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلىشىش بىلەن ئەيىبلىدى. ئۇ سۆزىدە ئاساسلىق نىشاننى ئامېرىكا، فرانسىيە، تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان قاتارلىق دۆلەتلەرگە قارىتىپ، بۇ دۆلەتلەرنى سۈرىيىدىكى تېررورچىلارنى قوللاش بىلەن ئەيىبلىدى. خەۋەرلەردىن قارىغاندا، سۈرىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋالىد مۇئەللەم نۇتقى جەريانىدا «تېررورچىلار»، «تېررورىزم» دېگەن سۆزنى 24 قېتىم تىلغا ئالغان.

بىر ھەپتە داۋام قىلغان يىغىن جەريانىدا گەرچە ھەممە دۆلەتلەر سۈرىيىدىكى كرىزىسىنى ھەل قىلىشنى بىر ئېغىزدىن تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن بولسىمۇ، ئەمما يىغىن ئاخىرىدا يەنىلا قولغا ئالغۇدەك بىر نەتىجە چىقمىدى. بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان مۇلاھىزىلەردىن قارىغاندا، سۈرىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇئەللەمنىڭ يىغىندىكى سۆزى سۈرىيىنىڭ بۇ مەسىلىدىكى پوزىتسىيىسىنىڭ ئۆزگەرمەيدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان بولۇپ، بۇ قېتىملىق يىغىندىمۇ بىر نەتىجىنىڭ چىقماسلىقى كرىزىسنىڭ ھەل قىلىنىش ئۈمىدىنى تېخىمۇ سۇسلاشتۇرغان. ھازىر ئەسەد ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆكتىچىلەرگە قارشى خىمىيىلىك قوراللارنى ئىشقا سېلىش خەۋپى تۇغۇلغان بولۇپ، بان كىمۇن يىغىن ئاياغلاشقاندىن كېيىن سۈرىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن ئايرىم ئۇچرىشىپ، بۇ ھەقتە ئۇنى ئاگاھلاندۇرغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.