ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 4-نۆۋەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر مۇنبىرى يىغىنىنىڭ 2-كۈنى، يەنى 11-ئاينىڭ 30-كۈنىدىكى ئومۇمى يىغىندا د ئۇ ق ۋەكىلى ئالىم سېيىتوف ئەپەندى د ئۇ ق نامىدىن 3 مىنۇت سۆز قىلىپ، ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ مەسىلىلىرى بىلەن بىرلىكتە 2009-يىلى 7-ئاينىڭ 7-كۈنى تىنچ نامايىش قىلغان ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كېتىش ئەھۋالى، ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ ئۆلۈمگە ۋە مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ئۇچراش ئەھۋاللىرى...ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

يىغىن باشقۇرغۇچى د ئۇ ق ۋەكىلىنى سۆزگە تەكلىپ قىلىشى بىلەن، ئالىم سېيىتوف ئەپەندى سەھنىگە چىقىپ سۆزىنى «شەرقىي تۈركىستاندىكى ئاياللارنىڭ ئەھۋالىنى ئاڭلىتىش ئۈچۈن ب د ت دا سۆز قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەنلىكى ئۈچۈن يىغىن رىياسەتچىسىگە رەھمەت ئېيتىش...» بىلەن باشلىدى. ئالىم سېيىتوفنىڭ سۆزى باشلىنىش بىلەن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ب د ت دىكى ۋەكىلى سۆز قىلىش ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ، يىغىن رەئىسىدىن سۆز تەلەپ قىلدى ۋە د ئۇ ق ۋەكىلىنىڭ سۆز قىلىش ھوقۇقىنى ئېلىپ تاشلاشنى، چۈنكى ئۇنىڭ سۆزىدە ب د ت پرىنسىپلىرىغا خىلاپ سۆزلەر ئىشلىتىلگەنلىكىنى... ئوتتۇرىغا قويدى. خىتاي ۋەكىلىنىڭ سۆزىدىن كېيىن كۇبا ۋەكىلى سۆز قىلىپ، خىتاي ۋەكىلىنىڭ سۆزىنى قوللايدىغانلىقىنى، شۇڭا د ئۇ ق ۋەكىلىنىڭ سۆزلەش ھوقۇقىنى ئېلىپ تاشلاشنى تەلەپ قىلدى. كۇبا ۋەكىلىنىڭ سۆزىدىن كېيىن ئامېرىكىنىڭ ب د ت دىكى ۋەكىلى سۆز قىلىش ھوقۇقىنى ئىشلىتىپ سۆز قىلدى ۋە د ئۇ ق ۋەكىلىنىڭ سۆزىدە ب د ت نىزامنامىسىگە خىلاپ سۆز-ئىبارىلەرنىڭ يوقلۇقىنى، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ پىكىر ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلىش كېرەكلىكىنى، شۇڭا د ئۇ ق ۋەكىلىنىڭ داۋاملىق سۆز قىلىشىغا رۇخسەت قىلىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئامېرىكا ۋەكىلىنىڭ سۆزى تۈگىشى بىلەن تەڭ بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ ۋە نۇرغۇن خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى قىزغىن چاۋاك چېلىپ، زالدا ئىنتايىن قىزغىن كەيپىيات پەيدا بولدى. ئامېرىكا ۋەكىلىنىڭ سۆزىدىن كىيىن پاكىستاننىڭ ب د ت دىكى ۋەكىلى سۆز قىلىش ھەققىنى ئىشلىتىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پوزىتسىيىسىنى قوللايدىغانلىقىنى، شۇڭا د ئۇ ق ۋەكىلىنىڭ سۆز قىلىشىنى توختىتىشنى تەلەپ قىلدى. شۇنداق قىلىپ يىغىن زالىدا ئۇيغۇر ۋەكىلىنىڭ سۆز قىلىش-قىلماسلىقى مەسىلىسى ھەققىدە كەسكىن مۇنازىرە بولدى. ئاخىرىدا يىغىن رەئىسى د ئۇ ق ۋەكىلىگە سۆزىنى داۋام قىلىش ھوقۇقىنى بېرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىپ، قايتا سۆزگە تەكلىپ قىلدى. خىتاي ۋەكىلى ئىنتايىن ئوسال بىر ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدى.

بۇ يىغىنغا ب د ت غا ئەزا 190 دىن ئارتۇق دۆلەتنىڭ ب د ت دىكى رەسمىي ۋەكىللىرى ۋە بىر قانچە يۈزلىگەن كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى قاتنىشىۋاتقان بولۇپ، ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ يەنە بىر قېتىم ب د ت يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى، بولۇپمۇ كەسكىن مۇنازىرە تېمىسى بولۇشى پۈتۈن يىغىن ئەھلىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بولغان قىزىقىشىنى قوزغىدى.
بۇندىن بۇرۇنقى بىر قانچە قېتىملىق ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ يىغىنلىرىدىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتى، بۈگۈنكىگە ئوخشاشلا د ئۇ ق ۋەكىلىنىڭ سۆز قىلىش ھوقۇقىغا ئارىلىشىپ، سۆز قىلىش ھوقۇقىنى ئېلىپ تاشلاشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، ئوخشاشلا مەغلۇپ بولغان ئىدى.
30-نويابىر چۈشتىن كىيىن سائەت 13:00 دىن 15:00 گىچە يەنە ب د ت زالىدا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش تەشكىلاتى ۋە ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى تەرىپىدىن پاراللېل يىغىن ئۆتكۈزۈلدى. بۇ يىغىندا دۇنيادىكى بىر قىسىم مەشھۇر ئايال پائالىيەتچىلەر سۆز قىلدى. رابىيە خانىم ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن سۆز قىلىپ، ئۇيغۇر ئاياللىرى دۇچار بولۇۋاتقان ئېچىنىشلىق ۋەزىيەت ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بېرىپ ئۆتتى. رابىيە خانىمنىڭ سۆزى يىغىنغا قاتناشقان دىپلوماتلار ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلار ۋەكىللىرىنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى. يىغىن جەريانىدا ئۇيغۇرلار، جۈملىدىن ئۇيغۇر ئاياللىرى ھەققىدە سوئال-جاۋابلار بولدى.
بىز بۇ ھەقتە يىغىن مەيدانىغا تېلېفون قىلىپ نەق مەيداندىن مەلۇمات ئىگىلىدۇق.