بېيجىڭدىن بۇيرۇق تاپشۇرۇۋالغان ئاغۇ يېزا رەھبەرلىرى ئەرزدارلارغا بېسىم ئىشلەتمەكتە

كۇچا ناھىيىسىنىڭ ئاغۇ يېزىسىدىكى دېھقانلاردىن 3 نەپىرى ئۆتكەن ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى بېيجىڭغا يېتىپ كېلىپ، ئاغۇدىكى دېھقانلارنىڭ تۆمۈر يول قۇرۇلۇشىغا توغرا كەلگەن يەرلىرىنىڭ تۆلەم پۇلى مەسىلىسى ئۈستىدە مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا ئەرز قىلىۋاتقان ئىدى.

0:00 / 0:00

مەلۇم بولۇشىچە، بېيجىڭدىكى دۆلەتلىك ئەرزىيەت ئىدارىسى يېقىندا ئاغۇ يېزىسىغا ئۇقتۇرۇش چۈشۈرۈپ، مەزكۇر مەسىلىنى تىزدىن بىر تەرەپ قىلىشنى ۋە نەتىجىسى ھەققىدە بېيجىڭغا دوكلات يوللاشنى بۇيرۇغان. مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە مەزكۇر يېزا ۋە ناھىيە رەھبەرلىرى، دۆلەتكە ھېساب بېرىشتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئەرزدارلارنى ئەرزىدىن ۋاز كېچىشكە قىستىماقتا.

خىتاي دۆلەتلىك ئەرزىيەت ئىدارىسى ئۆتكەن ئاينىڭ 17 ‏-كۈنى ئاغۇ يېزىسىغا مەخسۇس ھۆججەت چۈشۈرۈپ، مەزكۇر يەر ۋە تۆلەم مەسىلىسىنى 1 ‏-ئاينىڭ 16 ‏-كۈنىگىچە ھەل قىلىشنى بۇيرۇغان. ئۇقتۇرۇشتا يەنە، ھەل قىلىنىش نەتىجىسى ھەققىدە دوكلات بېرىش تەلەپ قىلىنغان.

يېزا رەھبەرلىرى 2 ھەپتىدىن بېرى بېيجىڭدىكى 3 نەپەر ئەرزدارنىڭ ئائىلە تاۋاباتى ۋە ئۇلارنى قوللىغۇچىلاردىن بولۇپ 7 كىشىنى كەنتكە يىغىۋېلىپ تەھدىت سالماقتا.

ئىگىلىشىمىزچە، يېزا رەھبەرلىرىنىڭ بۇ تۈر زوراۋانلىقىدا ناھىيە رەھبەرلىرىنىڭ پەردە ئارقىسىدىن قوماندانلىق قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم. بۈگۈن ئاغۇ يېزا ۋە ناھىيىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلاردىن 7 كىشىلىك بىر گۇرۇپپا بېيجىڭغا يېتىپ كېلىپ، مەزكۇر 3 نەپەر ئەرزدار بىلەن كۆرۈشكەن ۋە ئۇلارنى يۇرتىغا قايتىپ كېتىش ئۈچۈن ئىدىيىۋى خىزمەت ئىشلىگەن. ئۇلار بۇ جەرياندا ئەگەر ئەرزدارلار يۇرتىغا قايتسا، ناھىيە رەھبەرلىرىنىڭ بۇ مەسىلىنى ئادىل بىر تەرەپ قىلىپ بېرىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەرگەن. بۇنىڭ بىلەن بۇ ۋەدىنىڭ راست ياكى يالغانلىقىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن، بېيجىڭدىكى ئەرزدارلار، ئۆزلىرىنىڭ ئاغۇ يېزىسىدىكى ۋەكىللىرىنى كۇچا ناھىيىسىنىڭ ھاكىمى يۈسۈپجان بىلەن كۆرۈشۈشكە ئەۋەتكەن. ئىككى نەپەر ۋەكىل بۈگۈن كۇچا ناھىيىلىك ھۆكۈمەتكە كېلىپ ھاكىم يۈسۈپجان بىلەن كۆرۈشكەن، ئەمما ھاكىم، ئەرزدارلار بېيجىڭدىن قايتىپ كەلمەي تۇرۇپ ئۇلار بىلەن سۆزلەشمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. نەتىجىدە بېيجىڭدىكى ئۈچ نەپەر ئەرزدار، يۇرتىغا قايتىشنى قەتئىي رەت قىلغان.