ئۆتكەن دۈشەنبە كۈنى ساقچىلار بېيجىڭدىكى غوللۇق ئەرزدارلاردىن تۇرسۇن غوپۇر بىلەن ئايگۈل توختىنى تۇتقۇن قىلىپ، ئۈرۈمچىدە 3 كۈن سوراق قىلغان. سوراق داۋامىدا ئۇلار ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلماسلىق ھەققىدە ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇلغان. بۇ ئىككى نەپەر ئەرزدار بۈگۈن يەنە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئەرزلىرى ھەل بولغانغا قەدەر ھەرقانداق بىر مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىشتىن ئۆزلىرىنى قاچۇرمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئەرزدار تۇرسۇن غوپۇر بۇ يىل 32 ياش، 1993-يىلى قەشقەردە يۈز بەرگەن بىر قېتىملىق پارتلاش ۋەقەسىدە بىر ئىنىسى ھاياتىدىن ئايرىلغان، ئۆزى ۋە يەنە بىر ئىنىسى شۇ قېتىمقى پارتلاشتا يارىلىنىپ مېيىپ بولغان. پارتلاش ۋەقەسى قەشقەردە ئېلىپ بېرىلغان بىر قېتىملىق ھەربىي مەشىقتە پارتلىماي قالغان بومبىنىڭ كېچىكىپ پارتلىشى بىلەن كېلىپ چىققان. تۇرسۇن غوپۇر 18 يىلدىن بېرى، قەشقەردىكى ھەربىي رايون ئۇستىدىن ئەرز قىلىپ كەلمەكتە. ئەمما ھازىرغىچە ئۇنىڭ ئەرزىگە قۇلاق سالغۇچىلار چىقمىغان. بۇ قېتىم تۇتۇپ كېتىلگەندە رادىئويىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلماسلىق ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇلغان.
ئەرزدار ئايگۈل توختى، 2004-يىلى قەشقەردە ئېلىپ بېرىلغان يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆي سېلىش قۇرۇلۇشىدا ئۆيى چېقىلىپ كېتىپ، ئۆيسىز قالغان. ئۇ بۇ ھەقسىزلىققا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، ئەرز قىلغانلىقى ئۈچۈن، بورتالادا 10 كۈن تۈرمىگە سولانغان. بۇ قېتىم، ئۈرۈمچىگە ئېلىپ بېرىلغاندا ئۇ ساقچىلارنىڭ يولسىز ئاگاھلاندۇرۇشلىرىغا باشتىن ئاخىر قارشى تۇرغان.
يۇقىرىدا ئىككى نەپەر ئۇيغۇر ئەرزدارنىڭ سوراق جەريانى ۋە تەسىراتى ھەققىدە مەلۇمات بەردۇق.