خىتايدىكى يامغۇر ئاپىتىدىن كېيىنكى مۇلاھىزىلەر

خىتاي دائىرىلىرى 21 - ئىيۇل بېيجىڭدا يۈز بەرگەن قاتتىق يامغۇر ئاپىتىدە ئۆلگەنلەرنىڭ سانىنى 77 دەپ ئېلان قىلدى. ئەمما ھۆكۈمەتنىڭ راس گەپ قىلغانلىقىغا گۇمان بىلەن قارىغان تور ئابونتلىرى ئىنتېرنېت تور بەتلىرىدە مەخسۇس سەھىپە ئىچىپ، سۇ ئاپىتىدە بېيجىڭ ۋە باشقا شەھەرلەردە يوقاپ كەتكەنلەرنىڭ ئىسىم - فامىلىسىنى، رەسىمىنى ئېلان قىلىش ئارقىلىق، ھەقىقىي ساننى بىلىشكە تىرىشىۋاتقان ئىدى. لېكىن، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۈگۈن ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، يامغۇر ئاپىتىگە ئالاقىدار بارلىق مەزمۇنلارنى ئىنتېرنېتتتىن تازىلىشى - ھۆكۈمەتىنىڭ سەمىمىيىتىگە بولغان گۇماننى تېخىمۇ ئۇلغايتىۋەتتى.
مۇخبىرىمىز ئىرادە
2012-07-27
Share
beijing-kelkun-305.png بېيجىڭدىكى كەلكۈن ئاپىتىدىن بىر كۆرۈنۈش
AFP


ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، ئالدىنقى شەنبە كۈنى يۈز بەرگەن قاتتىق يامغۇر سەۋەبىدىن بېيجىڭدا ئەڭ ئاز دېگەندە 77 ئادەم ئۆلگەنلىكى ئېلان قىلىنغان ئىدى. ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى پەيدا قىلغان يامغۇر ئاپىتى كېيىن قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىنىڭ ۋاقتىدا ئىشلەنمىگەنلىكى ۋە بېيجىڭنىڭ يەر ئاستى سۇ يوللىرى قۇرۇلۇشى سۈپىتى ھەققىدە نۇرغۇن مۇنازىلەر پەيدا بولدى. ئىنتېرنېت تور بەتلىرىدىكى مۇنازىرە سەھىپىلىرىدە كىشىلەر، ئۆزىنى قۇدرەتلىك دۆلەت دەپ ئاتايدىغان خىتاينىڭ پايتەختى بېيجىڭ شەھىرىنىڭ ئاساسىي قۇرۇلۇشىنىڭ بىر قاتتىق يامغۇرغا بەرداشلىق بېرەلمىگەنلىكىنى قاتتىق تەنقىد قىلىپ، بۇنى خىتاي ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ئارىسىدىكى چىرىكلىك، پارىخورلۇق ۋە دۆلەتتە ئوچۇق - ئاشكارا تەنقىد سېستىمىسىنىڭ يوقلۇقىنىڭ بىۋاستە نەتىجىسى، دېيىشتى. ئۆلگۈچىلەرنىڭ سانى ھەققىدە ھۆكۈمەت ئېلان قىلغان رەقەمگىمۇ ئىشەنمىگەن تور ئابونتلىرى ئۆز ئالدىغا ئۆلگەنلەرنىڭ سانىنى ئىستاتېستىكا قىلىشقا تىرىشىتى.

ئەمما، جۈمە كۈنى تۇيۇقسىزلا بۇ ھەقتىكى تەنقىدىي خەۋەرلەرنى ئەڭ كۆپ ئىشلىگەن جەنۇبىي ھەپتىلىك گېزىتى ئاپەت ھەققىدە ئىشلىگەن بارلىق خەۋەرلىرىنى ئۆچۈرۈپ تاشلىدى. مۇلاھىزە بېتىدىكى مۇلاھىزىلەرنىمۇ قىسقارتىۋەتتى. بۇنىڭدىن سرت، جۈمە كۈنىدىن ئىتىبارەن سابىق بېيجىڭ شەھەر باشلىقى ھەققىدىكى ۋە بۇ قېتىملىق يامغۇر ئاپىتىدە ئەڭ ئېغىر زىيانغا ئۇچرىغان بېيجىڭ شەھىرى فاڭشەن رايونىغا ئالاقىدار ئۇچۇرلار ئىنتېرنېتتە توسۇۋېتىلدى. تور ئابونتلىرى سىنا ۋېيبو تور بېتىدە يۇقىرىدىكى ئىسىملارنى كىرگۈزۈپ، ھېچقانداق ئۇچۇرغا ئېرىشەلمىدى.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يىل سىنتەبىردە ئېچىلىشى پىلان قىلىنىۋاتقان 18 - قۇرۇلتاي سەۋەبىدىن ھازىر بېيجىڭدا بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئاللىقاچان چىڭىتىلغان بولۇپ، بۇ ھەقتىكى نارازىلىقلارنىڭ كۈچەيگەنلىكىنى كۆرگەن ھۆكۈمەت دائىرىلىرى قۇرۇلتاي ئالدىدا بىرەر ۋەقە چىقىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن مۇنازىلەرنى بېسىقتۇرۇۋەتمەكچى بولغان بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

خىتايدىكى ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر مۇخبىرنىڭ بىرلەشمە ئاگېنتلىقىغا ئېيتىپ بېرىشىچە، ئاخباراتتا يامغۇر ئاپىتى ھەققىدىكى ھۆكۈمەتكە ياقمايدىغان خەۋەرلەرنىڭ ئېلىپ تاشلىنىشىغا ئۆلكىلىك تەشۋىقات ۋە تەشكىلات بۆلۈمى بىۋاستە قول تىققان. بۇنىڭ بىلەن جەنۇبىي ھەپتىلىك گېزىتى يامغۇردا ئۆلگەن 25 كىشى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى، بېيجىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىنى سۇ ئەپ كېتىشىنىڭ سەۋەبى ۋە يەر ئاستى سۇ يولى قۇرۇلۇشى ھەققىدىكى ئانالىز ماقالىلىرىنى ئېلان قىلىشتىن توختىتىپ قويغان.

جەنۇبىي ھەپتىلىك گېزىتىنىڭ بۇ خەۋەرلەرنى ئېلان قىلماسلىققا مەجبۇرلىنىپ، ئىلگىرىكى خەۋەرلەرنىڭمۇ مەجبۇرىي ئۆچۈرۈۋېتىلگەنلىكى خىتايدىكى داڭلىق مۇنازىرە تور بەتلىرىدە كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىغان. نەتىجىدە، ھەپتىلىك گېزىت ئۆزىمۇ ئىنتېرنېتتا چىقمايدىغان بوپقالغان.

يۇقىرىدىكى ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان مۇخبىر يەنە، خىتاي تەشۋىقات ۋە تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ بېسىمى بىلەن بۇ گېزىتنىڭ ئۆز مۇخبىرلىرىغا، چەتئەل مۇخبىرلىرى بىلەن سۆزلەشمەسلىكنى بۇيرۇق قىلغانلىقىنى ئېيتىپ بەرگەن.

خىتاي ئىشلىرى تەتقىقاتچىسى، ئاپتور ئېلىزابىت ئېكونومىينىڭ دىپلومات ژۇرنىلىدا ئېلان قىلغان ماقالىسىدە ئېيتىشىچە، شۇ كۈنى بېيجىڭ شەھەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرى پۇقرالارغا ھېچقانداق بىر ئالدىن ئاگاھلاندۇرۇش بەرمىگەن. قاتناش ساقچىلىرى يولدا قەپقالغان ئاپتوموبىللارغا ياردەم قىلىشنىڭ ئورنىغا، ئۇلارغا جازا كەسكەن. يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيوللاردىكى پۇل تاپشۇرۇش ئورۇنلىرىدىكى خىزمەتچىلەر جېنىنى ئەپ قېچىشقا ئالدىراۋاتقان ئاپتوموبىل ھەيدىگۈچىلەرنى توختىتىپ، يەنە پۇل ئېلىشنى داۋام قىلغان. بېيجىڭ دائىرىلىرى ئېلان قىلغان ئىستاتېستىكىغا قارىغاندا، بۇ قېتىملىق يامغۇر ئاپىتى كەلتۈرۈپ چىقارغان ماددى زىيان بىر مىليارد 880 مىليون دوللارغا يەتكەن. 65 مىڭ كىشى ئۆيىدىن كۆچۈرۈلگەن. 77 ئادەم ئۆلگەن. خەلقنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ تەدبىرسىزلىكىگە بولغان نارازىلىقى كۈچلۈك.

ئەمما، ئېلىزابېت ئېكونومىي بۇ قېتىملىق ۋەقەدە دىققەت قوزغايدىغان شۇنداق بىر نۇقتىنىڭ بارلىقىنى تەكىتلەيدۇ. ئۇ بولسىمۇ، ئىنتېرنېتنىڭ كۈچى ۋە ئۇ يارىتىۋاتقان يېڭى بىر ئەۋلاد خىتاي پۇقرالىرى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ۋەقە كۈنى خىتايدىكى مۇنازىرە بەتلىرى ياردەم بېرىشنى خالايدىغان كىشىلەرنىڭ ئېلانلىرى بىلەن توشۇپ كەتكەن. كىشىلەر ئۆزلىكىدىن يولدا قالغان كىشىلەرگە ياردەم قىلغان. يۈزلىگەن كىشى ئۆزلىكىدىن بېيجىڭ ئايرودرومىغا ماشىنا ھەيدە بېرىپ، يولۇچىلارغا ياردەم قىلغان.

ئىلزابىت خانىم، بۇنى ئىنتېرنېت دەۋرىدىكى پۇقرالار كۈچىنىڭ ئوخشىمىغان شەكىلدە ئۆزىنى كۆرسىتىشى، دەيدۇ. ئۇ يەنە، ھازىر ئىنتېرنېتنىڭ ياردىمى بىلەن تەشكىللىنىپ، ئۆزىنى نامايەن قىلىشقا باشلىغان پۇقرالار كۈچى بىلەن قانداق ئېلىشىشنى بىلمەي قالغان ھۆكۈمەتنىڭ، ئىنتېرنېتنى كۈچىنىڭ يېتىشىچە چەكلەۋاتقانلىقىنى، ئەمما خىتاينىڭ يېڭى سىياسىي ئاكتىپلىرىنىڭ خىتاي پۇقرالىرى بولۇشقا قاراپ يۈزلەنگەنلىكىنى مۇلاھىزە قىلغان.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت