خىزمىتىگە ئالدىرىغان خىتاي يولۇچىلار شوپۇرغا نارازىلىق بىلدۈرگەن بولسىمۇ كارغا كەلمىگەن. ئاخىرى يولۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسى ئاپتوبۇسنىڭ دېرىزىسىدىن سەكرەپ چۈشۈپ كەتكەن. ئاپتوبۇسدا قېپقالغان 30 نەچچە يولۇچى ساقچى كەلگەنگە قەدەر بىر يېرىم سائەت قامىلىپ تۇرغان. ساقچى كەلگەندىن خىتاي شوپۇر بىلەن يولۇچىلار يولىنى داۋام قىلغان. ئاپتوبۇسدىن چۈشۈرۈۋېلىنغان 3 نەپەر ئۇيغۇر بىلەن خىتاي ساقچىلىرى ئارىسىدا يەنە 1 سائەت ئەتراپىدا غەۋغا يۈز بەرگەن.
تۆۋەندە بۇ ۋەقەنىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە مەلۇمات ئاڭلايسىلەر. بۇ پروگراممىنى مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر تەييارلىغان.
بىر يېرىم سائەتتىن كېيىن يېتىپ كەلگەن خىتاي ساقچىلىرى بۇ 3 نەپەر ئۇيغۇرنى ساقچىخانىغا ئېلىپ ماڭماقچى بولغان. ئۈچەيلەن ساقچىلاردىن دېلو مەلۇم قىلغان شوپۇرنىمۇ ئېلىپ تۇتۇپ قېلىشنى، ساقچىخانىغا بىرلىكتە ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان. 3 ئۇيغۇردىن بىرى ئاپتوبۇسنىڭ ئالدىنى توسۇپ تۇرغان، ئىككىسى ساقچىلار بىلەن تاكاللاشقان. ساقچىلار، ئاپتوبۇسدا يولۇچىلار بارلىقىنى بىلدۈرۈپ، شوپۇرنى يولىغا ماڭغۇزغان. بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرلارمۇ ساقچىخانىغا بېرىشنى رەت قىلغان. ئىككى تەرەپ ئارىسىدا يەنە 2 سائەتكە يېقىن تالاش - تارتىش يۈز بەرگەن. ئاخىرى ساقچىلار، ئاپتوبۇس شوپۇرلىرىغا ئەرزدارلارنى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئەرزدارلارنى توشۇماسلىق ھەققىدە ھۆججەت چۈشۈرۈلگەنلىكىنى ئاشكارىلىغان. ساقچىلار ھۆكۈمەتنىڭ بۇ قىلمىشىنىڭ خاتالىقىنى ۋاستىلىك ئېتىراپ قىلىپ، بۇ ئۈچ ئۇيغۇرغا بۇنىڭدىن كېيىن ئاپتوبۇسقا چىققاندا ئۆزلىرىنىڭ ئەرزدار ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىماسلىقىنى، بۇنىڭ ئورنىغا، ئۆزلىرىنى ساياھەتچى دەپ تونۇشتۇرۇشنى ئۆگەتكەن.
رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان بۇ ئۈچ ئۇيغۇر ئۆزلىرىنىڭ بۈگۈن 4 سائەت ۋاقتىنىڭ بۇ ئاۋارىچىلىق بىلەن ئىسراپ بولغانلىقىنى، مەيلى خىتاي ساقچى، مەيلى شوپۇر، مەيلى رەھبىرىي كادىر بولسۇن، ھەممىسىنىڭلا سۆز ۋە ھەرىكەتلىرىدىن مىللىي كەمسىتىش ۋە ئۈچمەنلىك پوزىتىسيىسىنى كۆرگەن ۋە ھېس قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.