خىتاينىڭ كومپارتىيە بايرىمى ھارپىسىدا بېيجىڭ ۋەزىيىتى جىددىيلەشتى

بېيجىڭ ساقچى دائىرىلىرى باشقا جايلاردىن ئەرز قىلىش ئۈچۈن كەلگەن ئەرزدارلارنى تۇتقۇن قىلىش ھەم ئۇلارنى مەجبۇرى ھالدا ئۆز يۇرتلىرىغا قايتۇرۇش ئىشىنى جىددىيلەشتۈرمەكتە ئىكەن.

0:00 / 0:00

خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ بايرىمى ھارپىسىدا باشقا يۇرتلاردىن بېيجىڭغا كەلگەن ئەرزدارلارنىڭ بىر قەدەر كۆپەيگەنلىكى ۋە بۇنىڭ دائىرىلەرنى جىددىيلەشتۈرگەنلىكى مەلۇم.

رادىئومىز بېيجىڭ شەھىرىدىن ئىگىلىگەن ئىنكاسلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئەرزدارلار يېقىندىن بۇيان بېيجىڭ كوچىلىرىدا تەشۋىق ۋەرەقىلىرى تارقىتىش، چەتئەل ئەلچىخانىلىرى ئالدىغا ئەرزنامە تاختىلىرىنى كۆتۈرۈشۈپ كېلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈستىدىن مۇخبىرلارغا ئەرز قىلىش، شوئار توۋلاش، بېيجىڭ ئاھالىسى توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان مەھەللىلەرگە كېلىپ، پارىخور ئەمەلدارلار ئۈستىدىن شىكايەت قىلىش، ئېتىلداق ئېتىش قاتارلىق پائالىيەتلەردە بولغان.

بېيجىڭ شەھەر ئاھالىسىدىمۇ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، باشقا ئۆلكىلەردىن بېيجىڭغا ئەرز ئۈچۈن كەلگەن ئەرزدارلارغا نىسبەتەن، ھېسداشلىق قىلىدىغانلار ھەم ئەرزدارلارنى قوللاپ ئۇلارغا ياردەم قىلغۇچىلار بارغانچە كۆپەيمەكتە ئىكەن.

ئۆزىنىڭ ئەرز ئۈچۈن ئەمدىلا بېيجىڭ شەھىرىگە يېتىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن جاۋ خانىم، بۇ قېتىم بېيجىڭدا كۆرگەن ئەرزدارلارنىڭ ئىلگىرىكى ھەرقانداق ۋاقىتتىكىدىن جىقلىقىنى، ئەرزىيەت ئىدارىسى ئەتراپىدىكى قوراللىق ساقچىلارنىڭمۇ ئىلگىرىكى چاغلاردىكىدىن نەچچە ھەسسە كۆپەيتىلگەنلىكىنى بايان قىلدى.

جاۋ خانىم مۇنداق دېدى: مەن بۇ قېتىم بېيجىڭدا كۆرگەن ئەرزدارلار ئىلگىرى مەن بېيجىڭغا ئەرز ئۈچۈن كەلگەن ھەرقانداق چاغدىكىدىن كۆپ ئىكەن. چۈنكى بۇ قېتىم ئەرزىيەت ئىدارىسىنىڭ ئالدىغا يىغىلغان ئەرزدارلار پۈتۈن بىر كوچىغا پاتماي قېلىپتۇ. مېنىڭچە ئەرزدارلارنىڭ بۇ مەزگىلدە بېيجىڭغا بۇنداق كۆپ توپلىنىشى، خۇددى ماڭا ئوخشاش جۇڭگو كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ 90-يىللىقى مەزگىلىدە تېخىمۇ كۆپ چەتئەل مەتبۇئاتلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتىش ھەم شۇ ئارقىلىق ئۆز ئىشىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن بولسا كېرەك.

بېيجىڭ شەھىرىدىن رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان جۇ فامىلىلىك بىر ئەرزدار ئۆزلىرى خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ ئەرزىيەت ئىدارىسىگە ئەرز ئۈچۈن بارغىنىدا، بىر توپ خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ ئەرزىيەت ئىدارىسىگە كىرىپ كەتكەنلىكىنى كۆرگەن ئەرزدارلارنىڭ، ئەمەلدارلارنىڭ ئارقىسىدىن«پارىخور ئەمەلدارلاردىن ئۆگىنەيلى، پارىخور ئەمەلدارلارغا ھۆرمەت بىلدۈرەيلى!» دەپ شوئار توۋلىغانلىقىنى، ھەم ئارقىدىنلا نۇرغۇنلىغان ساقچىلارنىڭ ئەرزدارلارنى قوشۇۋېلىپ، ئۇلارنى ساقچى ئاپتوموبىللىرىغا بېسىپ ئەكەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

خىتاي ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، يېقىنقى بىرنەچچە ئايدىن بۇيان بېيجىڭغا كەلگەن ئەرزدارلارنىڭ بارغانچە كۆپىيىشى، ئىچكى موڭغۇل، گۇاڭدۇڭ، خۇبېي قاتارلىق جايلاردا يۈز بەرگەن بىر قاتار نارازىلىق نامايىشلىرى قاتارلىقلار خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى جايلاشقان بېيجىڭ شەھىرىنىڭ ۋەزىيىتىنى جىددىيلەشتۈرۈۋەتكەن ئاساسى سەۋەبلەر ئىكەن.

«بېيجىڭ باھارى» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى خۇپىڭ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاي ۋەزىيىتىدىكى جىددىيلىك بۇ يىل ئەتىياز پەسلىدىن باشلانغان بولۇپ، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ 90-يىللىقى مەزگىلىدىكى بېيجىڭ ۋەزىيىتىنى ئەڭ جىددىي ھالەتكە يەتتى، دەپ قاراشقا بولىدىكەن.

خۇ پىڭ ئەپەندى ئۆز قارىشىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: بۇ يىل خىتاينىڭ خەلقئارادىكى كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى ئەڭ ناچارلاشقان ھەم خىتاي ۋەزىيىتى نىسبەتەن جىددىيلەشكەن بىر يىل بولدى. ئالايلۇق بۇ يىل ئەتىياز مەزگىلىدە خىتايدا باشلانغان «ياسىمەن گۈلى نامايىشى»، 5-ئاينىڭ ئاخىرى ئىچكى موڭغۇلدا يۈز بەرگەن موڭغۇللارنىڭ مىللىي كەمسىتىشكە قارشى نامايىشى، گۇاڭدۇڭ ۋە خۇبېي ئۆلكىلىرىدە يۈز بەرگەن ياقا يۇرتلۇق ئىشلەمچىلەرنىڭ نارازىلىق نامايىشلىرى، شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتىڭنىڭ ئەي ۋېيۋېي قاتارلىق كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرىنى تۇتقۇن قىلىش ۋەقەسىگە نىسبەتەن چەتئەللەردىكى خىتاي دېموكراتلىرى ھەم خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ خىتاينى ئەيىبلىشى قاتارلىقلار بېيجىڭ ھۆكۈمىتىگە زور بېسىم ئېلىپ كېلىۋاتىدۇ. بولۇپمۇ، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ 90-يىللىق ھارپىسى يېتىپ كېلىشكە ئاز قالغان كۈنلەردە، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى پايتەخت بېيجىڭدا زور كۆلەملىك نارازىلىق نامايىشى يۈز بېرىپ، كوممۇنىست پارتىيە ھۆكۈمىتىنىڭ يۈزىنىڭ يەنىمۇ چۈشۈپ كېتىشىدىن ئەنسىرىمەكتە. شۇڭا بېيجىڭ دائىرىلىرى زور مىقداردا ساقچىلارنى ئاجرىتىپ بېيجىڭ شەھىرىنىڭ مۇقىم ۋەزىيىتىگە كاپالەتلىك قىلىشقا تىرىشماقتا.

رادىئومىز ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە ئۈرۈمچى ۋەزىيىتىمۇ ناھايىتى جىددىي ھالەتتە ئىكەن. ئۆتكەن ھەپتە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت دائىرىلىرى جايلارغا ئۇقتۇرۇش چۈشۈرۈپ، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ 90 يىللىقى مەزگىلىدە رايوننىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلغان.

ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ پارتىيە بايرىمى «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» نىڭ ئىككى يىللىقى خاتىرە مەزگىلىگە توغرا كەلگەن بولۇپ، بۇ خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنى ئەڭ ئەنسىرىتىدىغان مەسىلىلەرنىڭ بىرى ئىكەن.