مەسىلەن، 5 - ئىيۇل ۋەقەسى سەۋەبلىك پەرزەنتى ئۆلۈم جازاسىغا بۇيرۇلغان ياكى تۈرمىگە تاشلانغان بىر ئائىلىنىڭ بۈگۈنكى كەيپىياتى بىلەن، بىر ئەرزدارنىڭ بۈگۈنكى بايرىمى تامامەن پەرقلىقتۇر.
ھېيتنى نىسبەتەن كۆڭۈللۈك ئۆتكۈزگەن
[ ئەرزدارلارمۇ Opens in new window ]
بولسىمۇ، ئەمما، يەنە بىر قىسىم ئەرزدارلار باركى، ئۇلارنىڭ بۇ بايرام كۈنى ئادەتتىكى كۈنلەردىنمۇ بەكرەك پەرىشان ۋە ئەندىشە ئىچىدە ئۆتمەكتە.
بېيجىڭدىكى ئۇيغۇر ئەرزدارلارنىڭ بۇ بايرىمى، بىر شائىرنىڭ، "ئۇيغۇرۇم" ناملىق شىئېرىدىكى:
ئاھ بەئەينى سەن يېتىم قوزا بۈگۈن،
يوق قولۇڭدا بىر پۇچۇق كوزا بۈگۈن،
باشقىلارغا ھېيت ساڭا روزا بۈگۈن،
قالدىمۇ بۇ دەرتكە بەرداش ئۇيغۇرۇم ....
دېگەن مىسرالارنى ئەسلىتىپ ئۆتمەكتە.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بېيجىڭدا سەرسان بولۇپ يۈرگەن ئۇيغۇر ئەرزدارلارنىڭ روزا ھېيتنى قانداق ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقى ھەققىدىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.