بېيجىڭدىكى يەكلەنگەن ئۇيغۇرلار خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا

مۇخبىر سىلكە بالۋەگ تەرىپىدىن ئىشلەنگەن بۇ خەۋەردە، ھازىر بېيجىڭدا ياشاۋاتقان 200 ئائىلىلىك ئۇيغۇرنىڭ تۇرمۇشتا يولۇقۇۋاتقان قىيىنچىلىقلىرى ئىپادىلەنگەن. ئۇلار خىتاي پايتەختى بېيجىڭغا ياخشى كۈن كۆرەرمىزمىكىن، دېگەن ئۈمىدتە كەلگەن بولسىمۇ، خىتايلارنىڭ يەكلىشى سەۋەبلىك خىزمەت تاپالماي تۇرمۇشتا ئېغىر ئەھۋالدا قالغانلىقى، ھەرخىل قانۇنسىز يوللار بىلەن تىرىكچىلىك قىلىشقا مەجبۇر بولغانلىقى بايان قىلىنغان.
خەۋەردە، ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىي مىللەتلەرنىڭ بىر تۈركۈمى ئىكەنلىكى، ئۇلارنىڭ تۇرمۇش ئادەتلىرىنىڭ تۈركلەرگە ئوخشايدىغانلىقى، ھازىر بېيجىڭدا ياشاۋاتقان بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئارىسىدا زەھەرلىك چېكىملىك ۋە قالايمىقان ئالاقىلەر سەۋەبىدىن ئەيدىز كېسىلىنىڭ كۆپەيگەنلىكى، خىتاي ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ بۇلارغا يېتەرلىك دەرىجىدە كۆڭۈل بۆلمىگەنلىكى ئاشكارىلانغان.
"خىتايدىكى ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلار توسالغۇلار ئىچىدە زورايماقتا" ناملىق خەۋەرنىڭ مەركىزى ئىدىيىسى خىتايدىكى ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلارنىڭ زور دەرىجىدە كۆپەيگەنلىكىدىن ئىبارەت بولۇپ، ھازىر ئەنگە ئېلىنغان ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلارنىڭ سانى 430 مىڭغا يەتكەن. تېخى ئەنگە ئېلىنمىغان تەشكىلاتلارنىڭ سانى 2-3 مىليون ئارىسىدا ئىكەن. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ خىل ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلارنىڭ كۆپىيىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ۋە ئۇلارنى ئۈنۈملۈك تىزگىنلەشكە تېرىشىۋاتقان بولسىمۇ، بۇ خىل تەشكىلاتلارنىڭ بارغانسېرى كۆپىيىشىنى چەكلەشكە قادىر بولالمىغان.
خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، ئەي جىشىڭ ناملىق ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان تەشكىلاتمۇ ئەسلىدە ھۆكۈمەتسىز تەشكىلات ئىكەن. بۇ تەشكىلاتنىڭ خادىملىرى ئاساسلىق ھالدا بېيجىڭدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەيدىز كېسىلىنى داۋالاش ۋە ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا تېرىشىپ كەلگەن. ئۇلارنىڭ سىياسىي بىلەن ئالاقىسى بولمىسىمۇ، دائىم دېگۈدەك خىتاي ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ توسالغۇسىغا ئۇچرىغان ھەمدە نازارەت ئاستىدا پائالىيەت قىلىشقا مەجبۇر بولغان.
خىتاي تەۋەسىدە نېمىلا بولمىسۇن 430 مىڭ ھۆكۈمەتسىز تەشكىلات پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋېتىپتۇ. ئۇلارنىڭ بىر قىسمى ئۆكتىچى كۈچلەر ئىكەن. ئۇنداقتا، ئۇيغۇر ۋەتىنىدە قانچىلىك ھۆكۈمەتسىز تەشكىلات بولۇشى مۇمكىن؟
ئۇيغۇر زىيالىيسى راھىلە خانىم پىكىر بايان قىلىپ، شەرقىي تۈركىستان تەۋەسىدە ھۆكۈمەتسىز تەشكىلات قۇرۇش تۈگۈل، ئاممىۋى يىغىلىشلارنىڭمۇ چەكلىمىگە ئۇچرايدىغانلىقىنى، 5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى مىللىي پائالىيىتى بولغان مەشرەپ ئەھلىنى تۇتقۇن قىلىشى سەۋەبىدىن پارتلىغانلىقىنى، بولۇپمۇ 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن، شەرقىي تۈركىستاندا ھەرقانداق شەكىلدىكى ئىجتىمائىي، مەدەنىي تەشكىلاتنىڭ قۇرۇلۇشىنىڭمۇ مەنئى قىلىنىپ كېلىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى.
ئۇيغۇر زىيالىيسى چۇغلۇق خانىم بولسا، شەرقىي تۈركىستاندا ئۆكتىچى بىر تەشكىلات قۇرۇشنىڭ ئەسلا مۇمكىن ئەمەسلىكىنى، تۆت ئۇيغۇرنىڭ بىر يەرگە جەم بولۇپ پائالىيەت قىلىشىنىڭ چەكلىنىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە، 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن ئۇيغۇرلارنىڭ بارلىق ئىجتىمائىي، سىياسىي، مەدەنىي پائالىيەتلىرى ئېغىر تەقىب ئاستىغا ئېلىنغان. دىنىي يىغىلىشلار مۇتلەق چەكلەنگەن. ئۇيغۇرلار خىتاي كومپارتىيىسىگە سادىقلىقىنى بىلدۈرىدىغان تۈرلۈك پائالىيەتلەرگە مەجبۇرىي قاتنىشىشقا ۋە ئىپادە بىلدۈرۈشكە قىستالغان. ئالاقە ئەركىنلىكى ۋە ئۇيغۇر تورلىرىدا پىكىر بايان قىلىش ئەركىنلىكىمۇ نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان.