بېلگىيىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ ئولتۇرۇم مەسىلىسى

بېلگىيە غەربىي ياۋروپاغا جايلاشقان كىچىك بىر دۆلەت. بېلگىيىنىڭ يەر مەيدانى 30 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، نوپۇسى 10 مىليوندىن ئاشىدۇ.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز قۇتلان
2012-10-30
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
بېلگىيىدىكى ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى تۈرك تەشكىلاتلىرى بىلەن بىرلىكتە بريۇسسېلدا جەم بولۇپ رابىيە قادىر خانىمنى كۈتۈۋېلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزمەكتە. 2012-يىلى ئۆكتەبىر.
بېلگىيىدىكى ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى تۈرك تەشكىلاتلىرى بىلەن بىرلىكتە بريۇسسېلدا جەم بولۇپ رابىيە قادىر خانىمنى كۈتۈۋېلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزمەكتە. 2012-يىلى ئۆكتەبىر.
RFA/Qutlan

بېلگىيىنىڭ پايتەختى بريۇسسېلدا ياۋروپا پارلامېنتى ۋە باشقا بەزى خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنىڭ باش ئورگانلىرى تەسىس قىلىنغان.

1990-يىللاردىن تارتىپ ئۇيغۇرلار بېلگىيىگە كېلىپ ئولتۇراقلىشىشقا باشلىغان. بېلگىيىدە ئولتۇراقلاشقان ئۇيغۇرلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئورتا ئاسىيادىكى قازاقىستان، قىرغىزىستان ۋە ئۆزبېكىستان قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەنلەر بولۇپ، ئاز ساندا ئۇيغۇر ئېلىدىن كەلگەن ئۇيغۇرلارمۇ يەرلەشكەن. مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ھازىر بېلگىيىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى ئىككى مىڭغا يەتكەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە 90 ياشتىن ئاشقان ياشانغانلارمۇ ھەمدە بېلگىيىدە تۇغۇلغان بالىلارمۇ بار ئىكەن. بېلگىيىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپ قىسمىنى تەشكىل قىلىدىغان ئورتا ئاسىيا ئۇيغۇرلىرى 1960-يىللارنىڭ باشلىرىدا ئۇيغۇرلار ۋەتىنىدىن سابىق سوۋېتلار ئىتتىپاقىغا كۆچكەن بىرىنچى ئەۋلاد ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرىنىڭ ئەۋلادلىرى بولۇپ، ئۇلارنى ھازىر ئىككىنچى ئەۋلاد كۆچمەنلەر دېيىشكە بولىدىكەن. بۇ ھەقتە ھازىر بېلگىيە زىيارىتىدە بولۇۋاتقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم مۇنداق دېدى:
مەلۇمكى، 1991-يىلى سابىق سوۋېتلار ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىن، يېڭىدىن مۇستەقىللىققا ئېرىشكەن ئورتا ئاسىيا دۆلەتلىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئارىسىدىمۇ ۋەتەن دەۋاسى كۈچىيىشكە باشلىغان. ئەمما شۇ يىللاردىكى سىياسىي ۋە ئىقتىسادى كرىزىس ھەمدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى» ئارقىلىق ئېلىپ بېرىۋاتقان تۈرلۈك بېسىملىرى تۈپەيلىدىن بىر قىسىم ئورتا ئاسىيا ئۇيغۇرلىرى ياۋروپا ئەللىرىگە كۆچمەن بولۇپ كېلىشكە باشلىغان.

سابىق سوۋېتلار ئىتتىپاقى دەۋرىدە ئورتا ئاسىيا ئۇيغۇرلىرىمۇ باشقا مىللەتلەرگە ئوخشاشلا رۇس تىلى ۋە مەدەنىيىتىنىڭ كۈچلۈك تەسىرىگە ئۇچرىغان، بولۇپمۇ ياش ئەۋلادلار كوممۇنىزم ئىدىيىسى ۋە رۇس مىللەتچىلىكىنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ، ئانا تىلىنى يوقىتىش، مىللىي ئۆرپ-ئادەتلەرنى ئۇنتۇش ۋە دىنىي ئېتىقاد جەھەتتىن سۇسلىشىشتەك بىر قاتار قىسمەتلەرگە دۇچ كەلگەن. ئەمما بېلگىيىگە كېلىپ ئولتۇراقلاشقان ئۇيغۇرلار باشقا دۆلەتلەردىكى مۇھاجىر ئۇيغۇرلارغا ئوخشاشلا يېڭى شارائىتتا ئۆزلىرىنىڭ مىللىي كىملىكى مەسىلىسىدە قايتا ئويلىنىشقا باشلىغان ھەمدە بىر قاتار تىرىشچانلىقلار ئارقىلىق مەلۇم نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن.

يېقىنقى ئەھۋاللاردىن قارىغاندا، بېلگىيىدە ئولتۇراقلاشقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئولتۇرۇمغا ئېرىشىش مەسىلىسى يىلدىن-يىلغا قىيىنلاشقان، بولۇپمۇ ئورتا ئاسىيادىن كەلگەن ئۇيغۇرلار بۇ جەھەتتە كۆپ قىيىنچىلىقلارغا يولۇقماقتا ئىكەن. بېلگىيە ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسى بېلگىيە پارلامېنتىدىكى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە ھېسداشلىق قىلغۇچى پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن كۆپ قېتىم ئۇچرىشىپ، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى تەپسىلىي تونۇشتۇرغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە، بېلگىيىدىكى قېرىنداش تۈرك تەشكىلاتلىرى بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىپ، ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدىكى بىر قىسىم قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىشقا تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن.

10-ئاينىڭ 27-كۈنىدىن ئېتىبارەن بېلگىيىدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان رابىيە قادىر خانىم بۇ قېتىمقى مەخسۇس سەپىرىدە بېلگىيە كۆچمەنلەر ئىدارىسى، بېلگىيە پارلامېنتى ھەمدە ياۋروپا پارلامېنتىدىكى مۇناسىۋەتلىك كىشىلەر بىلەن ئۇچرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ بۇ ئۇچرىشىشلار جەريانىدا بېلگىيىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئولتۇرۇمغا ئېرىشىش مەسىلىسى ۋە ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان باشقا تۈرلۈك مەسىلىلەر ھەققىدە سۆزلىشىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىز.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت