بېرلىندا كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئېلىپ بېرىلدى

8 - ئاينىڭ 7 - كۈنى گېرمانىيە پايتەختى بېرلىندىكى خىتاي باش ئەلچىخانىسى ئالدىدا 2008 - يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىكىگە قارشى كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئېلىپ بېرىلدى. بۇ نامايىشنىڭ نەق مەيدان خەۋىرى سەھەر سائەت يەتتىدىن باشلاپ گېرمانىيە دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە قانىلى بولغان A R D دا كۆرسىتىلىشكە باشلىدى.

0:00 / 0:00

نامايىشنى د ۇ ق، خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەرنى قوغداش تەشكىلاتى، تىبەت تەشكىلاتلىرى، ئىچكى موڭغۇل تەشكىلاتلىرى ۋە فالۇنگۇڭچىلار ئۇيۇشتۇرغان. بىز نەق مەيداندىن مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن، بېرلىندىكى د ۇ ق رەھبەرلىرىگە تېلېفون ئېچىپ، نامايىش توغرىسىدىكى تەپسىلى ئۇچۇرلارغا ئىگە بولدۇق.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەمنىڭ بۇ قېتىمقى نامايىش توغرىسىدىكى مەلۇماتىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.