ئامېرىكا-بىرما ھەربىي دىئالوگى خىتاينى بىئارام قىلماقتا

يېقىندا ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوبامانىڭ ئاسىياغا قاراتقان دۆلەت زىيارىتى شۇنداقلا بۇ جەرياندا بىرمىدا توختاپ، بىرما يانگون ئۇنىۋېرسىتېتىدا نۇتۇق سۆزلەپ بىرما خەلقىنى دېموكراتىيىلىشىشكە چاقىرىشى، بىرما ھەربىي ھاكىمىيىتى بىلەن قويۇق مۇناسىۋەت ئورناتقان خىتاينى قاتتىق بىئارام قىلغان.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز گۈلشەن ئابدۇقادىر
2012.12.11
obama-angsang-su-ki-305.jpg ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما بېرما زىيارىتىدە دېموكراتىك لىدېرى ئاڭ سان سۇ كىي بىلەن نۇتۇق سۆزلىدى. 2012-يىلى 19-نويابىر، بېرما.
AFP

بېرما خىتاي ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ئىستراتېگىيىلىك ئورۇنغا ئىگە بولۇپ، بېيجىڭنىڭ يۈكسەك دەرىجىدە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقىنى ئالدى بىلەن، خىتاي-بىرما ئوتتۇرىسىدىكى 2192 كىلومېتىر كېلىدىغان ئورتاق چېگرا بەلۋىغىدىن ئىبارەت. بۇ رايوندا يۈز بەرگەن ھەرقانداق بىر قالايمىقانچىلىق خىتاينىڭ بىرما بىلەن قوشنا بولغان يۈننەن قاتارلىق ئۆلكىلىرىنىڭ مۇقىملىقىغا تەسىر يەتكۈزگەندىن باشقا، بۇ رايون ئىقتىسادى تەرەققىياتىغىمۇ زور تەسىر يەتكۈزىدۇ. 2009-يىلى بۇ رايوندا يۈز بەرگەن قوراللىق توقۇنۇش خىتاي -ۋيېتنام ئۇرۇشىدىن كېيىن يۈز بەرگەن ئەڭ زور توقۇنۇشلارنىڭ بىرى بولۇپ،بۇ توقۇنۇش خىتاي چېگراسىدا زور كۆلەملىك مۇساپىرلار مەسىلىسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىدى.

بېرما يەنە خىتاينىڭ ھىندى ئوكيانغا بولغان تەسىر دائىرىسىنى كېڭەيتىشىدىكى كارىدور بولۇپ، خىتاي بېرما ئارقىلىق ھىندى ئوكيانغا قول سوزالايدۇ. خىتاينىڭ يەنە بىرمىدا بەرپا قىلغان بورۋايلىرى، نېفىت تۇرۇبا لىنىيىلىرى بار، خىتاي بۇلار ئارقىلىق بېرمىنىڭ يەر ئاستى نېفىت بايلىقلىرىنى، باشقا جەنۇبىي ئاسىيا ۋە شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا دۆلەتلىرىگە شۇنداقلا خىتاينىڭ ھەرقايسى سانائەتلەشكەن چوڭ شەھەرلىرىگە توشۇيدۇ.

خىتاي 2010-يىلىدىن ئېتىبارەن بېرمىنىڭ ئىستراتېگىيىلىك ئورنىنى قايتا مۇستەھكەملەشكە تىرىشقان بولۇپ، 2010-يىلى بىر يىل ئىچىدە بېرمىغا 10 مىليارد دوللار مەبلەغ سالغان شۇنداقلا بېرمىنى 7 مىليارد دوللار قەرز پۇل بىلەن تەمىنلىگەن. نۆۋەتتە بېيجىڭ بېرمىنىڭ ئەڭ چوڭ قەرز پۇل بىلەن تەمىنلىگۈچىسى. 2011-يىلى بىر ئىچىدە خىتاينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى ۋە ھەربىي ئەمەلدارلىرى بېرمىنى ئۇدا 3 قېتىم زىيارەت قىلغان.

خىتاي ئۆزىنىڭ يىلدىن -يىلغا ئېشىپ بېرىۋاتقان ئېنېرگىيىگە بولغان ئېھتىياجىنى قامداش ئۈچۈن بېرمىنىڭ نېفىت،تەبىئىي گاز، سۇ ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى ۋە كانچىلىق ئىشلىرىغا كۆز تىكمەكتە. مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ مەبلەغ سېلىش باھانىسى بىلەن بىرمىغا چوڭقۇرلاپ كىرىشى، بېرمىنى خۇددى خىتاينىڭ بىر ئاپتونوم ئۆلكىسىگە ئوخشىتىپ قويغان ۋە بېرمىدا خىتايغا قارشى گۇرۇھلارنىڭ پەيدا بولۇشىغا يول ئاچقان.

باراك ئوبامانىڭ بېرما زىيارىتى ھەققىدە توختالغان خىتاي مۇلاھىزىچىسى جېسىن ما مۇنداق دەيدۇ:
-گەرچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بېرما دىكتاتور ھەربىي ھۆكۈمىتى بىلەن ئىنتايىن يېقىن مۇناسىۋەتتە بولسىمۇ، ئەمما خەلق رايىدىن قارىغاندا، ئۇلار خىتاينىڭ نېفىت، تەبىئىي گاز ۋە كان ئېچىش باھانىسىدە بېرمىغا سىڭىپ كىرىشىنى خالىمايدۇ. ئۇندىن باشقا، يېقىندىن بۇيان بېرمىدا دېموكراتىيىلىشىش دولقۇنى كۆتۈرۈلۈۋاتقان بولۇپ، بۇ كېلەچەكتە بېرمىدا بىر دېموكراتىك سىستېمىنىڭ بەرپا بولىدىغانلىقىنىڭ بېشارىتى. شۇڭا ئوباما بېرمىنى زىيارەت قىلغاندا خەلق كوچىلارغا چىقىپ ئوبامانى ئىنتايىن قىزغىن قارشى ئالدى. بۇ ھەقىقەتەن بېرما خەلقىنىڭ دېموكراتىك ئېقىمغا ئېھتىياجلىق بولغانلىقىنىڭ بەلگىسى. بۇندىن ئىلگىرى بېرما خەلقى خىتاي رەھبەرلىرىدىن خۇ جىنتاۋ ۋە ۋىن جياباۋلارنى بۇنداق قىزغىن قارشى ئېلىپ باقمىغان ئىدى.

خىتاي مۇلاھىزىچىسى جېسون ما يەنە مۇلاھىزە يۈرگۈزۈپ مۇنداق دەيدۇ:
‏-كېيىنكى 10 يىلدا خىتاي جەنۇبىي ئاسىيا ۋە شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا رايونلىرىدا بىردىن-بىر زور كۈچ سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىدى. خىتاينىڭ بۇ رايونلارغا بولغان تەسىر دائىرىسىنى بارغانچە زورايتىشىغا ئەگىشىپ، بۇ رايونلاردىكى كىچىك دۆلەتلەر بۇنىڭدىن ئۆزلىرىنى ئەندىشە ئىچىدە ھېس قىلىشقا باشلىدى. خىتاي بۇ رايونلاردىكى يەر ئاستى بايلىقلىرىغا كۆز قىزارتقاندىن باشقا،جەنۇبىي دېڭىزدىكى ئاراللار مەسىلىسىدىمۇ زومىگەرلىك قىلىشقا باشلىدى. شۇ سەۋەبتىن خىتاينىڭ ئەتراپىدىكى جەنۇبىي ئاسىيا ۋە شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا دۆلەتلىرى خىتاينىڭ بۇ رايوندىكى بىردىن-بىر كۈچ بولۇپ قېلىشىنى خالىمايدىغان بولدى. دەل مۇشۇنداق بىر پەيتتە، ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوبامانىڭ بۇ رايونلارغا ئاياق بېسىشى، بۇ رايون خەلقلىرىنى ئۈمىدلەندۈردى ۋە خۇشال قىلدى.

ئوبامانىڭ بېرما زىيارىتىدىن كېيىنلا، ئامېرىكا تىنچ ئوكيان ئارمىيىسىنىڭ كوماندىرى فرانكىس ۋېرسىنىسكى بىلەن ۋىكرام سىڭ شۇنداقلا جەنۇبىي ۋە شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىر ياردەمچىلىرىدىن تەركىب تاپقان بىر ھەيئەت بېرمىغا يېتىپ كېلىپ، بېرما رەھبەرلىرى بىلەن ئەسكىرى دىئالوگ باشلىغان. بۇ ھەقتە چەتئەل مەتبۇئاتلىرىدا مۇلاھىزە يۈرگۈزگەن مۇلاھىزىچىلەر مۇنداق دەپ قارىماقتا:
-گەرچە، خىتاي ئامېرىكىنىڭ ئاسىيا تىنچ ئوكيان ئىستراتېگىيىسىگە، بولۇپمۇ بېرمىغا ئاياق بېسىشىغا تەمكىن مۇئامىلە قىلىۋاتقاندەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمما بۇ ۋەزىيەتنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقانلىقى مەلۇم.

مۇلاھىزىچىلەر يەنە مۇنداق دەپ قاراشماقتا:
‏-خىتاي ئۆزىنىڭ ئېنېرگىيە ئېھتىياجىنى بىمالال قامداپ كېلىۋاتقان بۇ كىچىك دۆلەتتە، ئۆزىدىن باشقا 2-بىر دۆلەتنى كۆرۈشنى خالىمايدۇ. بولۇپمۇ ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ بېرما بىلەن دىئالوگ ئۆتكۈزۈشى ئاسىيانىڭ نوچىسى بولۇۋالغان خىتاينىڭ ئاخىرقى نۇقتىغا كېلىپ قالغانلىقىنىڭ بېشارىتى.

يەنە بەزى مۇلاھىزىچىلەر، ئەلۋەتتە خىتاي دۇنيادىكى 2-چوڭ ئىقتىسادى گەۋدە بولۇش سۈپىتى بىلەن قوشنىلىرىنىڭ ئىقتىسادى تەرەققىياتى ۋە مۇقىملىقىغا ئارىلىشىشى شۇنداقلا ئۇلارنىڭ مەنپەئەتلىرىنى چىقىش قىلىش مەجبۇرىيىتى بار. ئەگەر خىتاي بۇ مەسىلىلەرنى قوشنىلىرىنى مەمنۇن قىلغان ئاساستا ھەل قىلماي تۇرۇپ، بۇ كىچىك دۆلەتلەردىن ئۆز ئېھتىياجلىرىنى تەلەپ قىلىشقا قادىر ئەمەس. نۆۋەتتىكى مەسىلە ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ بېرمىدا خىتاي ھەل قىلالمىغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن دىئالوگغا ئۆتۈشى بولۇپ، خىتاي ئۆز چېگرا رايونىدا ئامېرىكا ئارمىيىسىنى كۆرۈشتىن قاتتىق بىئارام بولماقتا.

يەنە بەزى مۇلاھىزىچىلەر، بۇندىن كېيىن بېرما، خىتاينىڭ ئۆزىدىن پايدىلىنىپ كۈچلۈك بولۇش ئارزۇسىنى كۆپۈككە ئايلاندۇرۇپ قويۇشى مۇمكىن دەپ قارىماقتا.

نۆۋەتتە بېرمىدىكى ئوخشىمىغان ئېتنىك گۇرۇپپىلار ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشلار ۋە سىياسىي جىنايەتچىلەر مەسىلىسى بېرما ئىقتىسادىنى ئۈزلۈكسىز ئارقىغا چېكىندۈرگەندىن باشقا، خىتاينىڭ ئۈزلۈكسىز سىڭىپ كىرىشى نەتىجىسىدە خىتاينىڭ ئارقا ھويلىسىغا ئوخشاپ قالغانلىقى مەلۇم.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن بۇ پروگراممىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.