ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ بېرما شۆبىسى ئېنىقلىغان ئۇچۇرلاردىن قارىغاندا، بىر نەچچە كۈندىن بۇيان بېرمىدىكى كاچىن ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتىدە، بېرما دۆلەت ئارمىيىسى بىلەن كاچىن مۇستەقىللىق ئارمىيىسى ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش بولۇۋاتىدۇ. بېرما بولسا كاچىنلارنىڭ مۇستەقىللىق ئېلان قىلىشىدىن ئەنسىرەيدۇ. خىتاي بولسا بېرمىدا قۇرۇۋاتقان چوڭ ئېلېكتر ئىستانسىسىنىڭ ۋەيران قىلىنىشىدىن ئەنسىرەيدۇ. ھىندىستانمۇ بېرمىنىڭ بۇ ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتىدىكى ئۇرۇشنىڭ ئۆزىنىڭ ئارۇناچال رايونىدا ئەنسىزلىك پەيدا قىلىشىدىن ئەنسىرەيدۇ.
بىرنەچچە كۈندىن بۇيان، بۇ ئۇرۇشتا خانىۋەيران بولۇپ، خىتاي تەرەپتىكى مىللەتداشلىرىنى پاناھ تارتىپ يولغا چىققان مۇساپىرلارنىڭ سانى سانى 10 مىڭدىن ئاشتى. خىتاي بۇ مۇساپىرلارغا پاناھلىق بەرمىدى. ئۇلار ھازىر بېرما-خىتاي چېگراسىدىكى تاغ-ئورمانلىقلاردا ئازاب چېكىۋاتىدۇ.
گېرمانىيە ئاۋازىنىڭ بايان قىلىشىچە، بېرما ھۆكۈمىتىنىڭ قوراللىق كۈچلىرى بىلەن كاچىن مۇستەقىلچىلىرىنىڭ ھەربىي قىسىملىرى بېرما-خىتاي چېگراسىدىكى تاپىڭ دەرياسى رايونىدا ئۇرۇشۇۋاتقىلى بىر نەچچە كۈن بولدى. ئىككى تەرەپتىن كۈپ ئەسكەر يارىلاندى. كاچىن تەرەپ 3 ئەسكەر ئۆلدى، بېرما تەرەپ 4 ئەسكەر ئۆلدى دەپ مەلۇم قىلدى.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاي بېرمىدا قۇرۇۋاتقان چوڭ ئېلېكتر ئىستانسىسى بۇلتۇر كاچىنلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغاندا، خىتاينىڭ قۇرۇلۇش خادىملىرىدىن بىر قىسىم ئادەم ئىز-دېرەكسىز يوقالغان ئىكەن. خىتاي ھازىرغا قەدەر كاچىن قوراللىق كۈچلىرىدىن بۇ خىتايلارنى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىۋاتىدۇ. گەرچە كاچىنلار بۇنى تۆھمەت دەپ كېلىۋاتسىمۇ، ئەمما خىتاي يەنىلا ئەگەر قايتۇرۇپ بەرمىسە، ئەسكەر ئەۋەتىپ قۇتقۇزۇپ كېلىدىغانلىقىنى جاكارلاۋاتىدۇ.
كاچىنلارنىڭ تايلاندتىكى ئۇچۇر ئورگىنىنىڭ بايان قىلىشىچە، تۈنۈگۈن كاچىنلارنىڭ ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتىدىن ئۇرۇش ئوتىدا ۋەيران بولغان 3 مىڭدىن ئارتۇق مۇساپىر چېگراغا كەلگەندە، خىتاي قوراللىق قىسىملىرى ئۇلارنىڭ تېلېفونلىرىنى تارتىۋېلىپ قوغلىغان.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى تۈنۈگۈن، خىتاي ھازىر بېرمىدىن كەلگەن مۇساپىرلارغا پاناھلىق بەرمەيۋاتقانلىقىنى ئىقرار قىلمىدى.
ۋىكى ئىنىسكلوپېدىيىسىگە قارىغاندا، بېرمىدىكى كاچىن ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتى خىتاينىڭ يۈننەن ئۆلكىسى، ھىندىستاننىڭ ئارۇناچال شتاتى بىلەن چېگرىلىنىدۇ. خىتايلار «كاچىن» دېگەن قەدىمى مىللەت نامىنى «جىنپو مىللىتى» دەپ ئۆزگەرتىپ ئاتاپ كەلگەچكە، ئەنگىلىيىلىكلەرمۇ كاچىنلارنى «سىنپولار» دەپ خاتىرىلىۋالغان.
بېرمىدىكى كاچىنلارنىڭ سانى بىر مىليون. خىتاينىڭ يۈننەن ئۆلكىسىدىكى كاچىنلارنىڭ سانى 130 مىڭ. خىتايدا يەنە كاچىن تىلىنىڭ ئوخشىمىغان شىۋىلىرىدە سۆزلىشىدىغان جىنپو، ۋا دەپ ئاتىلىدىغان بىرنەچچە مىللەت بار. ھىندىستاننىڭ ئارۇناچال شتاتىدىمۇ كاچىنلار بار. 2000-يىلىدىكى مەلۇماتقا قارىغاندا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ياشاۋاتقان كاچىنلارنىڭ سانى 27.
بېرمىدىكى كاچىن جۇمھۇرىيىتى 1947-يىلى ئەنگلىيىدىن مۇستەقىل بولغان. ھازىر خىتاي ئۆزىنى توك بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن چوڭ ئېلېكتر ئىستانسىسى قۇرۇۋاتقان تاپىڭ دەريا ۋادىسىدىكى جايلار كاچىنلار ياشاۋاتقان زېمىندىكى ئەڭ چوڭ تۈزلەڭلىك، بۇ كاچىنلارنىڭ ئاشلىق ۋە مېۋە ماكانى.
كاچىنلار ئۆزىنى قوغداش ئۈچۈن 1961-يىلى ئەسلىدىكى تاغلىق پالۋانلار ئاساسىدا كاچىن مۇستەقىللىق ئارمىيىسنى قۇرۇپ چىققاندىن كېيىن، بۇ قوشۇننى ئەنگلىيە يېتىشتۈرۈپ بەرگەن. بۇ قوشۇن 1991-يىلىدىن باشلاپ، يىللاردىن بېرى زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى ئەۋج ئالغان بۇ جايدا، زەھەرلىك چېكىملىكنى چەكلەشكە ۋە چەككۈچىلەرگە ئۆلۈم جازاسى بېرىشكە باشلىغان. بۇ قوشۇننى ۋە ئۇنىڭ ئاپتونومىيىسىنى بېرما 1994-يىلى ئېتىراپ قىلغاندىن كېيىن، ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ئىمزالانغان.
يېقىنقى بىر نەچچە يىلدا، خىتاي ئۆزىنىڭ تول مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، بېرمىنىڭ كاچىن ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتىدىكى تاپىڭ دەرياسىدا چوڭ ئېلېكتر ئىستانسىسى قۇرۇلۇشىنى باشلىغاندىن كېيىن، بېرما ھۆكۈمىتى خىتاينى خاتىرجەم قىلىش ئۈچۈن، كاچىنلارنىڭ مۇستەقىللىق خاھىشىنى قورال كۈچى بىلەن چەكلەشكە باشلىغان ئىدى.