جاڭ ۋېىگو: ئوبامانىڭ بېرما رانگون ئۇنىۋېرسىتېتىدا سۆزلىگەن نۇتقى جۇڭگوغا بېرىلگەن سىگنال

ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما دۈشەنبە كۈنى بېرمېنى زىيارەت قىلىپ، رانگون ئۇنىۋېرسىتېتىدا نۇتۇق سۆزلىدى. ئۇ بېرمىنى زىيارەت قىلغان تۇنجى ئامېرىكا پرېزىدېنتى. ئوباما، نۇتقىدا بېرمىنى داۋاملىق دېموكراتىك ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشقا چاقىرىپ، ئۇنىڭ تۇتقان يولى ئاسىيا ۋە دۇنياغا ئۈلگە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مۇخبىرىمىز ئەركىن
2012.11.19
obama-angsang-su-ki-305.jpg ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما بېرما زىيارىتىدە دېموكراتىك لىدېرى ئاڭ سان سۇ كىي بىلەن نۇتۇق سۆزلىدى. 2012-يىلى 19-نويابىر، بېرما.
AFP

بەزى ئانالىزچىلار، ئوبامانىڭ رانگون ئۇنىۋېرسىتېتىدا سۆزلىگەن نۇتقىنىڭ ئوخشاشلا خىتايغا بېرىلگەن بىز خىل سىگنال ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

بۇنىڭدىن بىر قانچە يىل ئاۋۋال، ئامېرىكا پرېزىدېنتىنىڭ ئۇزۇن يىل ھەربىي دىكتاتورىلىق ئاستىدا ياشاپ كەلگەن بېرمىنى زىيارەت قىلىشى، كىشىلەر تەسەۋۋۇر قىلالمايدىغان بىر ۋەقە ئىدى. بىراق ئىككى يىلدىن بۇيان بېرمىدا يۈز بەرگەن دېموكراتىك ئىسلاھات ئامېرىكا پرېزىدېنتىنىڭ مەزكۇر ئەلنى زىيارەت قىلىپ، بېرما رانگون ئۇنىۋېرسىتېتىدا بېرما دېموكراتىيە ھەرىكىتى رەھبىرى ئاڭسەن سۇ كىي قاتارلىق سابىق سىياسىي مەھبۇسلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن بېرمىلىقلارغا نۇتۇق سۆزلىشىگە ئىمكانىيەت تۇغۇلدى.

ئوباما، بېرما خەلقىنى دېموكراتىك ئىسلاھات يولىدا داۋاملىق ئىلگىرىلەشكە چاقىرىپ، ئىككى يىلدىن بۇيان بېرمىدا مەيدانغا كەلگەن ئۆزگىرىش پەقەت دېموكراتىك ئىسلاھات مۇساپىسىنىڭ بىر باشلىنىشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ ئەسكەرتىپ: دىققەت قوزغىغان بۇ يول پەقەت ئەمدى باشلاندى. يەنە نۇرغۇن مۇساپىنى بېسىش كېرەك. جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىن باشلانغان ئىسلاھات، ئۇنىڭ ئاساسىنى تەشكىل قىلىدىغان ئاۋام خەلقنىڭ ئارزۇسىنى ئەكس-ئەتتۈرۈشى زۆرۈر. بىز كۆرۈۋاتقان ئىلگىرىلەش يالقۇنى ئۆچۈپ قالماسلىقى، بەلكى داۋاملىق ئۇلغىيىپ، بۇ دۆلەتنىڭ بارلىق پۇقرالىرىغا تەڭ يورۇقلۇق بېرىدىغان قۇتۇپ يۇلتۇزىغا ئايلىنىشى كېرەك، دەپ كۆرسەتتى.

ئوباما، بېرما ھۆكۈمىتىنىڭ بىر قىسىم سىياسىي مەھبۇسلارنى ئازاد قىلىش، يېڭى ئىقتىسادى قانۇن چىقىرىش، دېموكراتىك كۈچلەرنىڭ 2010‏-يىلدىكى سايلامدا بېرما پارلامېنتىغا كىرىشى، ھاشارنىڭ بىكار قىلىنغانلىقى، كاچېن قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەر بىلەن دەسلەپكى قەدەمدە ئۇرۇش توختىتىلغانلىق قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئىلگىرىلەشكە دىققەت قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، بىراق ئۇ يەنە بېرما خەلقىنىڭ يىغىلىش، ئىبادەت، ئىپادە ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلىشنى، ئاخبارات كونتروللۇقىنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

ئوبامانىڭ بېرما زىيارىتى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان بېرما ھەربىي دىكتاتورىلىق ھۆكۈمىتى قوللاپ، ئۇنىڭغا ياردەم بېرىپ كەلگەن ئاساسلىق دۆلەت خىتاينىڭ يېقىندىن دىققىتىنى قوزغىغان. خىتاي ھۆكۈمەت ئانالىزچىلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئوبامانىڭ بېرما زىيارىتى ئامېرىكىنىڭ خىتاينى قورشاۋغا ئېلىش ئىستراتېگىيىسىنىڭ بىر ھالقىسىدۇر. بىراق چەتئەلدىكى بەزى خىتاي ۋەزىيەت ئانالىزچىنىڭ قارىشىچە، ئوبامانىڭ بېرما زىيارىتى خىتاي كومپارتىيە 18-قۇرۇلتىيى ئەمدىلا ئاخىرلىشىپ، كىشىلەرنىڭ سىياسىي ئىسلاھات ئۈمىدى سۇغا چىلاشقان پەيتكە توغرا كەلگەن. ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق خىتاي ۋەزىيەت ئانالىزچىسى جاڭ ۋېيگو ئەپەندى، ئوبامانىڭ رانگون ئۇنىۋېرسىتېتىدا سۆزلىگەن نۇتقى ئەمەلىيەتتە، جۇڭگوغا بېرىلگەن سىگنال.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ:  سىز دېگەندەك ئۇنىڭ رانگون ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى نۇتقى 18‏-قۇرۇلتايغا بېرىلگەن باھا. ئۇ ئەمەلىيەتتە، 18‏-قۇرۇلتاينى باھا بەرگەن. بۇ نوقۇل جۇغراپىيىلىك ئورۇن ياكى ۋاقىتنىڭ تاسادىپىي توغرا كېلىپ قېلىش مەسىلىسى ئەمەس. ئۇلار ئارىسىدىكى بۇ ئىختىلاپ ئەڭ مۇھىمى ئامېرىكا-جوڭگو ئىككى ئەلنىڭ قىممەت قارىشى، بىخەتەرلىك ئىستراتېگىيىسى پەيدا قىلغان قارمۇ-قارشىلىقنىڭ مەھسۇلى. ئامېرىكا 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن قۇرۇلغان خەلقئارا تەرتىپنى قوغداپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلىشى كېرەك. جۇڭگو ئىزچىل بۇ سىستېمىغا تايىنىپ نەپ ئېلىپ كەلگەن بولسىمۇ، بىراق ئۇ يەنە، بۇ سىستېمىنى قوغداش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشنى خالىماي كەلدى. ئۇ مەزكۇر سىستېما ئىچىدە تۇرۇپ، ھەر خىل ئويۇنلار ئارقىلىق تەپرىقىچىلىك پەيدا قىلىپ، بۇ تەرتىپنى ئاغدۇرۇپ تاشلاشنىڭ پېشىدىكى دۆلەت. بىراق بەزىدە ئۇ، ئۆزىنىڭ ھەرىكىتىنىڭ ئۆزىگە زىيانلىق ئىكەنلىكىنى ئويلىماي قالىدۇ. يالمايدۇ. ئۇ مەۋجۇت خەلقئارا سىستېمىدىكى ئەڭ كۆپ مەنپەئەت ئېلىۋاتقان دۆلەت. بۇ نۇقتىدىن ئالغاندا جۇڭگو ھاكىم مۇتلەقلىقتىن ۋاز كېچىپ، زامانىۋى دېموكراتىك بىر دۆلەتكە ئۆزگەرمىگەچكە، ئۇنىڭ ئىدىيىۋى ئېڭى ۋە قارار چىقىرىش ئۇسۇلى كونا يولدا قېلىپ قالدى.

ئوباما، رانگون ئۇنىۋېرسىتېتىدا سۆزلىگەن نۇتقىدا يەنە، بېرمىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئېتنىك مىللەتلەر بىلەن ياراشماي تۇرۇپ، ئىسلاھات مۇۋەپپەقىيەتلىك بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ يىل 6-ئايدىن باشلاپ، راكخېن شتاتىدا ئولتۇرۇشلۇق مۇسۇلمانلار بىلەن بېرمىلىق بۇددىستلار ئارىسىدا توقۇنۇش پارتلاپ، 160 دىن ئارتۇق ئادەم ئۆلگەن. نۇرغۇن مۇسۇلمانلار يۇرت-ماكانلىرىدىن قوغلاپ چىقىرىلغان. كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بېرما ھۆكۈمىتى بۇددىستلارغا يان بېسىپ، مۇسۇلمانلارنىڭ بېنگالغا قوغلاپ چىقىلىشىنى قوللىغان.

بېرما ھۆكۈمىتى روخېڭيالارنىڭ بېنگالدىن كۆچۈپ كېلىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان بېنگاللىق مۇسۇلمانلار ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇلارنىڭ بېرما پۇقراسى ئىكەنلىكىنى رەت قىلىپ كەلگەن ئىدى. پرېزىدېنت ئوباما بېرمىنىڭ راكخىن شتاتىدىكى بۇ مۇسۇلمانلىرىغا قارىتىلغان زوراۋانلىققا خاتىمە بېرىشنى تەلەپ قىلىپ: بۇ شتاتتىكى ئېتنىك راكخېنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلقلەر ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئېغىر نامراتلىق  ۋە باستۇرۇشقا ئۇچراپ كەلدى. بىراق ھېچ قانداق باھانە، بىگۇناھ  خەلققە قارىتىلغان زوراۋانلىققا سەۋەب بولالمايدۇ. سىز ۋە مەن ئېرىشكەن ئىززەت-ھۆرمەتكە روخېنيالىقلارمۇ سازاۋەر بولۇشى كېرەك، دەپ كۆرسەتتى.

پرېزىدېنت ئوباما، شۇ كۈنى بېرما پرېزىدېنتى تيېن سېين بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەن ۋە بېرما دېموكراتىيە ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى ئاڭسەن سۇ كىي بىلەن كۆرۈشۈپ،بېرمىنىڭ ئىجتىمائىي قۇرۇلۇشىغا ياردەم بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ بېرما پرېزىدېنتى تيېنسېينغا «ئۆز خەلقىنىڭ ھوقۇقى ۋە خەلقئارا قانۇنغا ھۆرمەت قىلغان ھەر قانداق دۆلەت» ئامېرىكىنىڭ دوستى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

جاڭ ۋېىگو ئەپەندىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئامېرىكا سىياسىتى ھەربىيلەر دىكتاتورىلىقىدىكى بېرمىنى دېموكراتىيىلەشتۈرۈپ، خىتايغا ئۈلگە قىلىپ تىكلەشنى ئويلىغان بولۇشى مۇمكىن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: ئوباما بىر قاتار ئۇچرىشىشلارنى ئېلىپ بارغاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ ئاسىيا ئىستراتېگىيىسىدە بېرما بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ئۆزگەرتتى. بۇنىڭغا نىسبەتەن مېنىڭ قارىشىمچە، ئۇ ھېچ قانداق يۈز خاتىرە قىلماي، جۇڭگونى خەلقئارا كېسىم چىقىرىش ئورگانلىرىغا ئەرز قىلىپ، ئۇنىڭغا خەلقئارا قائىدە-تۈزۈملەرنىڭ چەك-چېگرىسىنى كۆرسىتىپ قويغاندىن سىرت، جۇڭگونىڭ يېنىدا بېرمىغا ئوخشاش بىر ئۆلگىنى تىكلەپ، ئۇنىڭغا كۆرسىتىپ قويماقچى. بۇ ۋيېتنامنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئېلىشى مۇمكىن. بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ بىرى، ھەربىيلەر ھۆكۈمرانلىقىدىكى دىكتاتور. يەنە بىر ، كوممۇنىستىك پارتىيىنىڭ ھاكىم مۇتلەقلىقىدىكى جەمئىيەت. ئۇلار قانداق قىلىپ ئۆزىنىڭ ئۆتمۈشىدىن قۇتۇلۇپ، ئۆزگىرىش ياسىغانلىقىنى كۆرسىتىپ قويالىسا، بۇ جوڭنەنخەي ئۈچۈنمۇ، جۇڭگو پۇقرالىرى ئۈچۈنمۇ ناھايىتى زور ساۋاق بولىدۇ. جۇڭگو بىر تەرەپتىن، يۈز خاتىرىگە ناھايىتى ئەھمىيەت بېرىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن ، ئۇ دۇنيادىكى 2‏-چوڭ ئىقتىسادى دۆلەت. ئۇنىڭ ناھايىتى زور ئىقتىسادى كۈچى بار. شۇڭا ئۇنى بىۋاسىتە تەنقىد قىلسىڭىز ئۇ خۇيلۇنۇپ ئەسكىلىك قىلىشى مۇمكىن. ئەگەر بىر ئۆلگىنى تىكلەپ، ئۇنىڭغا كۆرسىتىپ قويسىڭىز، ئېھتىمال ئۇنىڭ تەسىرى جۇڭگونى تەنقىد قىلىشقا ياكى نەسىھەت قىلىشقا قارىغاندا تېخىمۇ ئۈنۈملۈك تەسىر قىلىشى مۇمكىن.

بېرما، ئوبامانىڭ شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيا زىيارىتىنىڭ ئاخىرقى بېكىتى ئەمەس. ئۇ ، دۈشەنبە كۈنى بېرما زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، كامبودژاغا يېتىپ بارغان. ئوباما بۇ يەردە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ باشلىقلار  يىغىنىغا قاتنىشىدۇ. ئوباما رانگوندا قىلغان سۆزىدە يەنە: بىزنىڭ كىم ئىكەنلىكىمىزنى ئۆتمۈشنىڭ زىندانلىرى بەلگىلىمەسلىكى كېرەك. بىز ئۈمىدىمىزنى كېلەچەككە باغلىشىمىز لازىم، دېگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.