خەلقئارا خەۋەرلەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئەلقائىدە تەشكىلاتى بىلەن مۇناسىۋىتى يوقلۇقىنى ھەتتا ئەلقائىدە ۋە بىن لادىن دېگەن نامنى گۈەنتاناموغا كەلگەندىن كېيىن ئاڭلىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇلار سۆزىدە خىتاينىڭ تېررورچى دېگەن ئەيىبلىمىسىنىمۇ كەسكىن رەت قىلغان. 4 نەپەر ئۇيغۇردىن ئىككى نەپىرى تۈرمىدىكى چېغىدا ئاز - تولا ئىنگىلىزچە ئۆگەنگەن، بۇلاردىن خېلىل مامۇت مۇخبىرغا ئىنگىلىزچە سۆز قىلىپ مۇنداق دېگەن: " مەن تېررورچى ئەمەس، تېررورچى بولغانمۇ ئەمەس ھەم ھەرگىز تېررورچىمۇ بولمايمەن."
بېرمۇدادىكى 4 نەپەر ئۇيغۇر مۇخبىرلارغا قىلغان سۆزلىرىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي زۇلمىدا كۆرۈۋاتقان كۈنلىرىنى؛ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئومۇميۈزلۈك يوقىتىش سىياسىتىنى قوللىنىۋاتقانلىقىنى، ھەتتا ئۇيغۇرلارنىڭ تۇغۇلمىغان بوۋاقلىرىنىڭمۇ ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىنىۋاتقانلىقىنى، شۇڭا ئۇيغۇرلارنىڭ پەقەت بىرلا دۈشمىنى بارلىقىنى، ئۇ بولسىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن؛ 4 ئۇيغۇرنىڭ بىرى ئابدۇللا ئابدۇقادىر مۇخبىرغا مۇنداق دېگەن: " بەزى كىشىلەر بىزنى خەتەرلىك كىشىلەر دەپ قارىشىدۇ ۋە ئامېرىكىغا نەپرىتى بار دەپ قارايدۇ؛ ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس، بىزنىڭ ئامېرىكىغا قارىتا ھېچقانداق نارازىلىق ۋە ئاغرىنىشىمىز يوق."
ئۇلار يەنە، سۆزلىرىدە بېرمۇدانىڭ گۈزەللىكىگە مەپتۇن بولغانلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىللە، بېرمۇدا ھۆكۈمىتىنىڭ جاسارەتلىك قارارىغا - خىتاينىڭ تەھدىتلىرىگە پىسەنت قىلمىغانلىقىغا ئاپىرىن ئوقۇغان. ئۇلار سۆزلىرىدە، ئۆزلىرىنىڭ بۈگۈنگە قەدەر ئەركىنلىك ۋە تېنچلىق ئىزدەپ ياشىغانلىقىنى، بۇندىن كېيىنكى ھاياتىدىمۇ بۇ نۇقتىنى ئىسپاتلايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە شارائىتلىرى ھازىرلانغاندا، بېرمۇدادا بىر ئۇيغۇر ئاشخانىسى ئېچىش پىلانىنى ئاشكارىلىغان. ئۇلار يەنە ئۆزلىرىنى بېرمۇدادا بىخەتەر ھېس قىلىۋاتقانلىقىنى، چۈنكى بېرمۇدانىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىن يۈكسەلگەن بولۇش بىلەن بىللە، ئەنگىلىيە بىلەن ھىمايىچىلىك مۇناسىۋىتى بارلىقىنى ۋە ئەنگىلىيىنىڭ خىتايغا تاقابىل تۇرالىغىدەك كۈچلۈك دۆلەت ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن.
نۆۋەتتە ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتى بۇ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشى ئېلىپ بارماقتا. بېرمۇدادىكى ئۆكتىچى پارتىيىمۇ، بېرمۇدانىڭ باش مىنىستىرى برۋاننى باش - باشتاقلىق بىلەن ئەيىبلىمەكتە.
4 نەپەر ئۇيغۇر بولسا، كىشىلەرنىڭ ھەر خىل ئەندىشە ۋە گۇمانلىرىغا بۇندىن كېيىنكى ھاياتى ئارقىلىق يەنى ئىشچانلىقى ۋە تېنچلىقسۆيەرلىكى بىلەن جاۋاب قايتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
تۈنۈگۈن ۋە بۈگۈنكى خەلقئارا خەۋەرلەردە، بۇ تۆت نەپەر ئۇيغۇرنىڭ دېڭىز بويىدا دەم ئېلىۋاتقان، بېلىق تۇتۇۋاتقان ۋە چاخچاقلىشىۋاتقان كۆرۈنۈشلىرى بېرىلگەن بولۇپ، بۇلارنىڭ نۆۋەتتە بېرمۇداغا تېزلا ماسلىشىپ كېتەلەيدىغانلىقى تەخمىن قىلىنماقتا. بېرمۇدادىكى 4 نەپەر ئۇيغۇر بېرمۇداغا كەلگەن بىر قانچە كۈنلۈك ھاياتىدا مۇخبىرلارغا قىلغان سۆزلىرى ۋە ئۆزلىرىنىڭ يۈرۈش - تۇرۇشلىرى بىلەن ئەتراپتىكى كىشىلەرنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشكەن.
لوندوندا چىقىدىغان ۋاقىت گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇلارغا 3 كۈن ئىچىدە 5 ئورۇندىن ئىشقا قوبۇل قىلىش ھەققىدە تەكلىپ كەلگەن.
بېرمۇدانىڭ 4 نەپەر ئۇيغۇرنى قوبۇل قىلغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، دۇنيا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى جۈمە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، بۇ 4 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ بېرمۇداغا يەرلىشىشى، گۈەنتانامونى تاقاشتىكى ئىجابىي بىر قەدەم دەپ مەدھىيىلىدى.
مەزكۇر تەشكىلات باياناتىدا، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئامېرىكا ۋە ياۋروپانىڭ مۇۋاپىق جاي ئىكەنلىكىنى، ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن پۇختا تەييارلىق قىلغانلىقىنى، شۇڭا قالغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئامېرىكا ۋە ياۋروپاغا ئورۇنلىشىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.
بېرمۇدادىكى 4 نەپەر ئۇيغۇر ھەققىدىكى خەۋەرلەر كۈنتەرتىپتىن چۈشمەيۋاتقان بۇ كۈنلەردە يەنى دۈشەنبە كۈنى ياۋروپا ئىتتىپاقى گۈەنتانامودىكى مەھبۇسلارنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.