بېرمۇداغا ئورۇنلاشقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇيغۇر داۋاسىغا بولغان تەسىرى

گۈەنتانامودىن 4 نەپەر ئۇيغۇر 11 - ئىيۇن ئەركىنلىكىگە ئېرىشكەندىن بېرى، ئۇلار ھەققىدە دۇنيادىكى داڭلىق خەۋەر ئاگېنتلىقلىرى ۋە تېلېۋىزىيەلەردە خەۋەرلەر بېرىلدى ۋە ئۇلارنىڭ كىملىكى ۋە سەرگۈزەشتىلىرى ھەققىدە مەتبۇئاتلاردا ئوبزورلار ۋە ئانالىزلارمۇ داۋاملىق ھالدا بېرىلىپ تۇرماقتا.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯩﺮﺍﺩﻩ
2009.06.26
Bermuda-Bash-minister-Uyghur-305 ﺑﯧﺮﻣﯘﺩﺍﻏﺎ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺷﻘﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺑﯧﺮﻣﯘﺩﺍ ﺑﺎﺵ ﻣﯩﻨﯩﺴﺘﯧﺮﯨﻨﯩﯔ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻐﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺳﯜﺭﻩﺕ، 4 ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺧﯧﻠﯩﻞ ﻣﺎﻧﺎﺕ، ﺑﺎﺵ ﻣﯩﻨﯩﺴﺘﯧﺮ ﺋﯧﺪﯞﺍﺭﺩ ﺑﺮﻭﯞﻭﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯚﺭﯛﺷﯜﭖ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
www.bermudasun.bm ﺩﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ. ﻧﻪﺷﯩﺮ ﻫﻮﻗﯘﻗﻰ www.bermudasun.bm ﻧﯩﯔ.

ئۇنداقتا بۇ مەتبۇئاتلاردا 4 نەپەر ئۇيغۇرغا قانداق باھالار بېرىلدى، ئۇلارنىڭ ئاساسىي پوزىتسىيىسى نېمە بولدى؟

قەدىرلىك ئوقۇرمەنلەر، ھازىر ئامېرىكىدىكى داڭلىق ئاخبارات ۋاستىلىرىدا ئۈزلۈكسىز ھالدا بېرمۇدا تاقىم ئارىلىغا يەرلەشتۈرۈلگەن ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئوبزورلار، ئانالىزلار چىقىۋاتقان بولۇپ، بۇ 4 ئۇيغۇرنىڭ كىم ئىكەنلىكى، نېمە دەپ گۈەنتاناموغا بېرىپ قالغانلىقى، 7 يېللىق تۈرمە ھاياتى ۋە ئۇلارنىڭ بۇندىن كېيىنكى ھاياتى دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ قىزىقىشىنى قوزغاۋاتقان مەسىلە بولۇپ قالدى.

گۈەنتانامودىن قويۇپ بېرىلگەن بۇ ئۇيغۇرلار ھەققىدە دۇنيادىكى پۈتۈن خەۋەر ئاگېنتلىقلىرى خەۋەر بېرىش بىلەن بىرلىكتە نيۇيورك ۋاقىت گېزىتى، ۋاشىنگتون پوچتىسى، ئىقتسىاد ۋاقتى، بوستون شارى قاتارلىق نۇرغۇن گېزىتلەردىمۇ ئارقا - ئارقىدىن ماقالە، ئوبزورلار ئېلان قىلىندى. "ئۆزى كىچىك، ئەمما يۈرەكلىك ئارالدا ئەركىنلىككە ئېرىشىش"، " نېمىشقا ئۇيغۇرلار بېرمۇداغا يەرلەشتۈرۈلدى"، " ئۇيغۇرلار گۈەنتانامودىن كېيىن ھاياتنىڭ پەيزىنى سۈرمەكتە"، " 12 مىليون دوللارلىق ئۇيغۇرنىڭ ئەپسانىسى" قاتارلىق ئوبزور، ماقالىلەر، مانا بۇلارنىڭ پەقەتلا بىر قانچىسى.

بوستون شارى گېزىتىدە سەبىن ۋىللېت تەرىپىدىن يېزىلغان "ئۆزى كىچىك، ئەمما يۈرەكلىك ئارالدا ئەركىنلىككە ئېرىشىش" ماۋزۇلۇق ماقالىدە ئاپتور دەسلەپتە 4 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ گۈەنتاناموغا قانداق قامىلىپ قالغانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ ئامېرىكا سوتى تەرىپىدىن ئاقلىنىش جەريانلىرى ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بېرىپ ئۆتكەندىن كېيىن ماقالىسىنى مۇنداق داۋام قىلىدۇ: " بېرمۇدا 4 نەپەر ئۇيغۇرنى مېھمان ئىشچى قاتارىدا قوبۇل قىلىشقا قارار قىلغاندىن كېيىن، ئۇلار 6 - ئاينىڭ 11 - كۈنى ئەتىگەن سائەت 3 تە قويۇپ بېرىلدى. ئۇلار ئايرۇپىلان بىلەن كۈن چىققاندا بېرمۇدانىڭ ئەركىن تۇپراقلىرىغا قەدەم باستى. ئۇلار تەبەسسۇم قىلىۋاتاتتى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن بىرى 'بۇ بىر كىچىك ئارال بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار تولىمۇ يۈرەكلىك ئىكەن' دېدى. ئەمدى باشقىلار ئامېرىكىنىڭ يۈرىكىنى دەڭسەپ باقسۇن...."

ئوبزور يەنە مۇنداق دەپ داۋام قىلىدۇ: "بۈگۈن ئۇلار بىر دۇكانغا ئۆزلىرىگە ئىشتان سېتىۋالغىلى كىردى. دۇكان ئىگىسى ئۇلارغا قاراپ قېتىپلا قالغان ئىدى. دۇكان ئىگىسى بىر ئۇلارغا، بىر رادىئوغا قارايتتى. رادىئودا بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ بېرمۇداغا خاس بولغان قىسقا ئىشتان كىيىشى ھەققىدە قىزىقچىلىق قىلىۋاتاتتى. بۇ 4 نەپەر ئۇيغۇر بۇ قىزىقچىلىققا كۈلۈپ كەتكەندىن كېيېن، بەلكى ئۇلاردا ئۇزۇن ئىشتانمۇ باردۇ؟ دېدى. بۇنىڭ بىلەن ھەممەيلەن كۈلۈشۈپ كەتتۇق. دۇكان ئىگىسمۇ كۈلۈپ تۇرۇپ كارىڭلار بولمىسۇن ئۇلارنىڭ گېپى بىلەن، 'بىزنىڭ ئارىلىمىزغا خوش كەپسىلەر،' دېدى."

قەدىرلىك ئوقۇرمەنلەر، خاففىڭتون پوچتىسىدا چىققان يەنە بىر ماقالىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ مۇخبىرغا دېگەن سۆزلىرىگە يەر بەرگەن بولۇپ، ئۇلار گۈەنتانامو تۈرمىسىدە خىتاينىڭ ئادەملىرىنىڭ ئۆزلىرىنى قانداق سوراق قىلغانلىقىنى مۇنداق بايان قىلىپ بەرگەن: " خىتاينىڭ خادىملىرى كەلگەندە بىز ئۇلار بىلەن كۆرۈشۈشنى خالىمىغان ۋە ئۇلارنىڭ سۇئاللىرىغا جاۋاب بېرىشنى خالىمىغان ئىدۇق. ئۇلار بىزگە تەھدىت قىلدى، سوراق ئۆيىنىڭ تېمپراتۇرىسىنى تۆۋەنلىتىپ ئۆينى ئىنتايىن سوغۇق قىلىۋەتتى. ئىشقىلىپ ئۇلار بىزگە نۇرغۇن تەھدىتلەرنى قىلدى، ھەتتا بىزنىڭ ئائىلىرىمىزگىمۇ تەھدىت قىلدى، تېخى بىزگە: بىز سېنى بەرىبىر ئەكتىمىز، ياكى سەن بۇ يەردىن چىقالماي مەڭگۈ تۈرمىدە قالىسەن، مەڭگۈ ئازادلىققا چىقالمايسەن، دەپ تەھدىت قىلدى."

ماقالە ئاپتورىنىڭ يېزىشىچە، خىتايدىن كەلگەن 5 نەپەر سوراقچى گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارنى 18 سائەت بويىچە سوغۇق ئۆيدە تاماقسىز ۋە ئۇيقۇسىىز قويغان. ئۇلارنى سوراق قىلغان ھەتتا بۇ ئۇيغۇرلارغا تەھدىت قىلىپ، ' سەنلەر بۇ يەردە گەپ قىلماي تۇرۇۋالغىنىڭ بىلەن، بىز سىلەرنى قايتۇرۇپ ئەكەتكەندە قانداق گەپ قىلدۇرۇشنى بىلىمىز' دېگەن.

ماقالىنىڭ ئاخىرىدا بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلماي بىر قىسمىنىڭ بېرمۇداغا ئېلىپ كېلىنگەنلىكى ۋە قالغانلىرىنىمۇ ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن پالاۋ بىلەن سۆھبەتلەرنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقى بايان قىلىنغان.

قەدىرلىك ئوقۇرمەنلەر، بىز بېرمۇداغا ئورۇنلاشقان بۇ ئۇيغۇرلار توغرىلىق چىقىۋاتقان خەۋەرلەر ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇر داۋاسىغا بولغان تەسىرى ھەققىدە ئۇيغۇر ئامېرىكا بىرلەشمىسىنىڭ باش كاتىبى ئالىمجان سېيىتوف ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ سۆھبەت خاتىرىسىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.


پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.