خۇ جىنتاۋ ۋاشىنگتونغا يېتىپ كەلگەن كۈنى پرېزىدېنت ئوباما تەرىپىدىن كەچلىك تاماققا تەكلىپ قىلىنغان. ئامېرىكا مەتبۇئاتلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئوباما ئاقسارايدىكى كەچلىك تاماقتا خۇ جىنتاۋنى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئەگەر خىتاي شىمالىي كورىيىنى تىزگىنلىمىسە، ئامېرىكىنىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدا ھەربىي ئورۇنلاشتۇرۇش ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. خۇ جىنتاۋنىڭ بۇنىڭغا قانداق ئىنكاس قايتۇرغانلىقى مەلۇم ئەمەس. لېكىن، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تۈنۈگۈن، ئامېرىكىنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك پىلانىدا ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ھەربىي ئورۇنلاشتۇرۇشىنىڭ كۈچەيتىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى-بەش بۇرجەكلىك بىنا چارشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىستراتېگىيىلىك پىلانىدا ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ھەربىي ئورۇنلاشتۇرۇشىنى كۈچەيتىشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى جاكارلىدى. بەش بۇرجەكلىك بىنانىڭ مەزكۇر باياناتى خۇ جىنتاۋنىڭ ئامېرىكا زىيارىتىنى تاماملاپ، سەپەر ھاردۇقى چىقىرىۋاتقان بىر مەزگىلدە ئېلان قىلىندى. ئۇنىڭ سىرتىدا يەنە، بەش بۇرجەكلىك بىنانىڭ باياناتى، خىتاينىڭ ئاۋىئاماتكا ياساۋاتقانلىقى، يېقىندا كۆلەڭگە ئۇرۇش ئايروپىلانىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ياساپ چىققانلىقىغا دائىر خەۋەرلەر دىققەت قوزغاپ، ئامېرىكا مەتبۇئاتلىرىدا غۇلغۇلا قوزغىغان بىر مەزگىلگە توغرا كەلگەن. ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى باياناتچىسى جېوف موررېل چارشەنبە كۈنى ئاخبارات ساھەسىگە مەلۇمات بېرىپ، خىتاينىڭ ئىقتىدارى ۋە شىمالىي كورىيىنىڭ يېقىنقى ئىغۋاگەرچىلىك ھەرىكىتى ئامېرىكىنىڭ ئاسىيا- تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ھەربىي مەۋجۇتلۇقنىڭ مۇھىملىقىنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي شىمالىي كورىيىنىڭ يېقىندا سېئولغا قارشى ئېلىپ بارغان بىر قاتار ئىغۋاگەرچىلىك ھەرىكەتلىرىنى تەنقىد قىلىشنى رەت قىلىپ، ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ياپونىيە قاتارلىق رايوندىكى ئىتتىپاقداشلىرىدا جىددىي ئەنسىزلىك ياراتقان. بۇ مەسىلە خۇ جىنتاۋنىڭ بۇ قېتىمقى ئامېرىكا زىيارىتىدە ئامېرىكا-خىتاي ئارىسىدىكى نۇقتىلىق مۇزاكىرە قىلىنغان مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالغان ئىدى. "نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى" نىڭ بۇ ھەقتىكى بىر خەۋىرىدە، پرېزىدېنت ئوبامانىڭ خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋنى ئاقسارايغا كەچلىك تاماققا تەكلىپ قىلىپ، ئۇنى ئاگاھلاندۇرغانلىقى، ئەگەر خىتاي شىمالىي كورىيىنىڭ ئىغۋاگەرچىلىك ھەرىكىتىگە ھاي بەرمىسە، ئامېرىكىنىڭ ئاسىيادا ھەربىي ئورۇنلاشتۇرۇش ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
جېئوفف موررېل چارشەنبە كۈنىدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئامېرىكىنىڭ شىمالىي كورىيىدىن كېلىدىغان تەھدىتكە قارشى كېرەكلىك زۆرۈر تەدبىرلەرنى ئالىدىغانلىقىنى ۋە شۇنداقلا ئىتتىپاقداشلىرىنى قوغدايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئامېرىكىنىڭ ھازىر جەنۇبىي كورىيىدە 25 مىڭ كىشىلىك قوشۇنى بار. ئۇنىڭ ياپونىيىدىكى قىسىملىرىنىڭ سانى 50 مىڭ. دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ئامېرىكىنىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك ئىستراتېگىيىلىك پىلانىدا رايوندىكى ئامېرىكا قىسىملىرىنىڭ كۆپەيتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ "ئۇزۇن مەزگىلدىن ئېيتقاندا، بىز تىنچ ئوكيان رايونىدىكى قىسىملىرىمىزنى قانداق كۆپەيتىش مەسىلىسىنى ئويلىشىۋاتىمىز. بۇ پەقەت كورىيە ۋە ياپونىيىدىكى قىسىملىرىمىزنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ. بۇ پۈتۈن تىنچ ئوكيان رايونىنى، بولۇپمۇ شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا رايونىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ" دېگەن.
جېئوفف موررېل، ئامېرىكىنىڭ ئاۋسترالىيە بىلەن ئۇنىڭ ھەربىي ئەسلىھەلىرىنى ئىشلىتىش ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ بارغانلىقى، سىنگاپور بىلەن بۇ ساھەدە زىچ ھەمكارلىقىنىڭ بارلىقى، زۆرۈر تېپىلسا سىنگاپورنىڭ ھەربىي ئەسلىھەلىرىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىغا ئىگىلىكىنى ئەسكەرتتى. ئۇ، "گۇئام ئامېرىكا تىنچ ئوكيان رايونىدا قوشۇن كۆپەيتىپ، شەرقىي جەنۇبى ئاسىيادىكى ھەربىي مەۋجۇتلۇقىمىزنى ساقلاپ تۇرۇشىمىزغا ئەڭ ياخشى مىسال بولالايدىغان يەر" دەيدۇ.
گەرچە، جېئوفف موررېل ئامېرىكىنىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى قوشۇن ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانى شىمالىي كورىيىگە قارىتىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن بەزى ئانالىزچىلار، ئامېرىكىنىڭ ئەمەلىيەتتىكى نىشانى خىتايغا قارىتىلغانلىقىنى، خىتاي شىمالىي كورىيىنىڭ ئارقىسىدىكى كۈچ بولۇپ، شىمالىي كورىيە خىتاينىڭ رۇخسىتىسىز ھەرىكەت قىلالمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. بۇ قاراشتىكى كىشىلەرنىڭ بىرى، ئامېرىكىدا ياشايدىغان خىتاي ئانالىزچى چېن كۇيدې ئەپەندى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: "خىتاي شىمالىي كورىيىنى ئاشلىق، نېفىت قاتارلىق ئاساسلىق ئەشيالار بىلەن تەمىنلىگۈچى دۆلەت. شۇڭا شىمالىي كورىيە خىتاينىڭ سۆزىنى يىرمايدۇ. شىمالىي كورىيە يېقىندا ئىككى قېتىم جەنۇبىي كورىيىگە ئىغۋاگەرچىلىك قىلغاندىن كېيىن، يەنە جەنۇبىي كورىيىگە يادرو ئۇرۇشى قوزغاش بىلەن تەھدىت سالغان ئىدى. لېكىن، يېقىندىن بېرى تۇيۇقسىزلا يۇمشاپ كەتتى. مېنىڭچە، ئامېرىكا ۋە جەنۇبىي كورىيىنىڭ بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرى ئۇنى قورقۇتقان بولۇشى مۇمكىن. لېكىن ئەڭ مۇھىمى، خىتاينىڭ ئۇنىڭغا تەنبىھ بېرىپ، ئەگەر ئۇرۇش قوزغالسا بۇرۇنقىدەك قوللىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكىدۇر".
نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، پرېزىدېنت ئوباما ئۆتكەن سەيشەنبە كۈنى خۇ جىنتاۋنى ئاقسارايدا كەچلىك تاماققا تەكلىپ قىلىپ، ئىككى كۈندىن كېيىن شىمالىي كورىيە جەنۇبىي كورىيە بىلەن شەرتلىك سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە قوشۇلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. بۇنىڭدىن بۇرۇن شىمالىي كورىيە جەنۇب بىلەن شەرتسىز سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن جەنۇبىي كورىيە شىمالنىڭ تەكلىپىنى رەت قىلىپ، شەرتلىك سۆھبەت ئۆتكۈزۈش پىكرىدە چىڭ تۇرغان ئىدى. شىمالىي كورىيىنىڭ يۇمشاپ كېتىشى دەل خۇ جىنتاۋنىڭ ئامېرىكا زىيارىتىنىڭ ئاخىرقى كۈنىگە توغرا كەلگەن. چېن كۇيدې "نۆۋەتتىكى دىپلوماتىك ۋەزىيەتنىڭ تەرەققىياتىدىن قارىغاندا، پيوڭياڭ بۇرۇنقىغا پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغان بىر يولنى تۇتۇۋاتىدۇ. بۇ شۇنى ئىسپاتلايدۇكى، ئىغۋاگەرچىلىك خاراكتېرىگە ئىگە بىر ئادەم ئىشىنىدىغان بىردىن-بىر نەرسە كۈچ. بۇنداق ئادەمگە ئۇ چۈشىنىدىغان تىل بىلەن قارشى تۇرۇش كېرەك. بولمىسا ئىنسانپەرۋەرلىك، تىنچ دىپلوماتىيە دېگەندەك ۋاسىتىلەر ئەسقاتمايدۇ. ئۇ پەقەت بىر كۈچنىڭ ھەقىقىي تەھدىتىگە يولۇققاندىلا مەسىلىلەرگە رېئال مۇئامىلە قىلىدۇ" دەپ كۆرسەتتى.
جېئوفف موررېل چارشەنبە كۈنىدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا يەنە، خىتاينىڭ يېقىندا مۇۋەپپەقىيەتلىك ياساپ چىققان ج-20 بەلگىلىك رادارغا چۈشمەيدىغان كۆلەڭگە ئۇرۇش ئايروپىلانىغا دائىر سوئاللارغا جاۋاب بەردى. ئۇ، ج-20 بەلگىلىك خىتاي كۆلەڭگە ئۇرۇش ئايروپىلانىنىڭ ئىقتىدارىغا دائىر تېخنىكىلىق ئالاھىدىلىكىنىڭ ئۆزلىرىگە مەلۇم ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتىپ، لېكىن ئامېرىكىنىڭ ھازىرقى ۋە تەتقىقات باسقۇچىدىكى ھاۋا كۈچى خىتاينىڭ بۇ ساھەدىكى ھەرقانداق رىقابىتىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.