1776-يىلى 7-ئاينىڭ 4-كۈنى، ئەنگلىيىنىڭ شىمالىي ئامېرىكىدىكى 13 مۇستەملىكىسىدىن كەلگەن 53 نەپەر خەلق ۋەكىلى فىلادېلفىيە شەھىرىدە، «مۇستەقىللىق خىتابنامىسى» غا ئىمزا قويغان ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن، بۇ مۇستەملىكىلەر ئەنگلىيىدىن بۆلۈنۈپ چىقىپ، مۇستەقىل دۆلەت قۇرغان، كېيىن بۇ مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلىشىپ ئامېرىكىنى قۇرغاندا يەنە، ئەينى ۋاقىتتا ئىمزالانغان «مۇستەقىللىق خىتابنامىسى» نى دۆلەت قۇرۇش پرىنسىپى قىلغان ئىدى.
بۇ خىتابنامە، بىز ھەممىمىز شۇنداق بىر ھەقىقەتتە چىڭ تۇرىمىزكى دەپ باشلىنىپ، «خۇدا ھەممە ئادەمنى تەڭ-باراۋەر دەپ ياراتقان. ھەممە ئادەم يارالغاندىلا ھېچكىم تارتىۋالالمايدىغان ھوقۇقى بىلەن بىللە يارالغان. بۇ ھوقۇقلار ياشاش ھوقۇقى، ئەركىنلىك ھوقۇقى ۋە بەختكە ئېرىشىش ھوقۇقىدىن ئىبارەت. ئادەملەر ئۆزىنىڭ بۇ ھوقۇقلىرىنى قوغداش ئۈچۈن ھۆكۈمەت قۇرىدۇ. ھۆكۈمەتنىڭ ھوقۇقىنى خەلق بېرىدۇ» دەپ جاكارلىغان. دۇنيا تارىخىنى ئۆزگەرتكەن بۇ قۇدرەتلىك بەش جۈملە سۆز، ئەنگلىيىنىڭ ئامېرىكىدىكى مۇستەملىكىلىرى مۇستەقىل دۆلەت قۇرغاندا چېلىنغان چوڭ قوڭغۇراققا ئويۇپ قويۇلغان ئىدى.
خەۋەرلەردە بايان قىلىنىشىچە، ئەينى ۋاقىتتا «مۇستەقىللىق خىتابنامىسى» نى يېزىشقا قاتناشقان بەش كىشىنىڭ بىرى ۋېرجىنىيالىق توماس جېفىرسون بولۇپ، ئۇ، مۇستەقىللىق خىتابنامىسىنى چۈشەندۈرگەندە، ھېچكىم تارتىۋالالمايدىغان ھوقۇق دەل كىشىلىك ھوقۇق، بۇ ھوقۇقنى خۇدا ئۆزى بەرگەن دېگەن. شۇنداقلا ئۇ يەنە، ھەر بىر ئادەمنىڭ بەختكە ئېرىشىش ھوقۇقى خۇسۇسىي مۈلۈك ھوقۇقىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ دەپ قەيت قىلغان.
فرانكلىن قاتارلىق ئالىملارمۇ «مۇستەقىللىق خىتابنامىسى» ھەققىدىكى ھېسسىياتىنى بايان قىلغاندا، كىشىلىك ھوقۇق مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان ھوقۇق، كىشىلىك ھوقۇقنى خۇدا ھەممە ئادەمگە ياراتقاندىلا تەڭ بەرگەن، خۇدا بەرگەن بۇ ھوقۇقنى ھەممە ئادەم ئۆزى چىڭ تۇتالىسا، ئەڭ مۇھىمى، ھەر بىر ئادەم ئالدى بىلەن كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئۆزىدە بارلىقىنى ئۆزى ئېتىراپ قىلىپ ئۇنى قوللانسا، ئاندىن بۇ ھوقۇق مەۋجۇت دېگەن ئىدى.
خەۋەرلەردە بايان قىلىنىشىچە، ئامېرىكا 200 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ھالدا «مۇستەقىللىق خىتابنامىسى» دا بەلگىلەنگەن پرىنسىپلارغا ئاساسەن ئىش بېجىرىپ كېلىۋاتىدۇ. ئامېرىكىنىڭ ئاساسىي قانۇنىدا، ئامېرىكا خەلقى بەھرىمەن بولىدىغان ئەركىنلىك دەل خەلقنىڭ ئۆزىدە بار ھوقۇق، يەنى كىشىلىك ھوقۇق، بۇ، دۆلەت سىياسەتلىرىنىڭ جان تومۇرى دەپ تېخىمۇ ئېنىق بەلگىلەنگەن. ئامېرىكىنىڭ ئاساسىي قانۇنىدا يەنە، دۆلەتنىڭ ھوقۇقى ھەققىدە، ئەگەر خەلقنىڭ ھوقۇقى تاجاۋۇزغا ئۇچرىسا، ئۇنى ھۆكۈمەت قوغدىيالمىسا، بۇنداق ھۆكۈمەت مەۋجۇت بولالمايدۇ دەپ ناھايىتى ئېنىق بەلگىلەنگەن.
ئامېرىكىنىڭ مۇستەقىللىق بايرىمى مەزگىلىدە، فىلادېلفىيا شەھىرىدىكى بۇ مۇستەقىللىق ئابىدىسىنى زىيارەت قىلىدىغان كىشىلەر تېخىمۇ كۆپەيدى. بۇنىڭدىن باشقا يەنە باغ سەيلىسى ئەۋج ئالدى. ئامېرىكىدا تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلارمۇ ۋېرجىنىيا قاتارلىق شتاتلاردا، مەنزىرىلىك باغلارغا توپلىنىپ، بەزمە قۇرۇپ، كاۋاپ قېلىپ ئامېرىكىنىڭ مۇستەقىللىق بايرىمىنى قىزغىن تەبرىكلىدى شۇنداقلا ئۆزلىرىنىڭ خۇدا بەرگەن ھوقۇقىنى تولۇق قوللىنىش ئىشەنچىنى چىڭىتتى.