بېشكەكتىكى ئۇيغۇرلار ۋاشىنگتوندىكى يىغىن ھەققىدە باش قوشتى

بەشكەكتىكى ئۇيغۇرلار ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا ئۇيغۇر ئالىي كېڭىشى يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزۈش پائالىيىتى داۋامىدا ئۇيغۇرلارنىڭ كەلگۈسىگە دائىر مەسىلىلەر بويىچە مۇھاكىمە قىلدى.

1011-يىلى 2-مايدىن 8-مايغىچە ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇر كېڭىشىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدىن كۆرۈنۈش.
1011-يىلى 2-مايدىن 8-مايغىچە ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇر كېڭىشىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدىن كۆرۈنۈش. (RFA)

0:00 / 0:00

19-ماي كۈنى بېشكەك شەھىرىدە بىر يەرگە جەم بولغان ئۇيغۇرلار قىرغىزىستان ئۇيغۇرلار ئىتتىپاقى جەمئىيىتىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن تەرتىپلەنگەن، ئاينىڭ بېشىدا ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا ئۇيغۇر ئالىي كېڭىشى يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزۈش پائالىيىتى داۋامىدا ئۇيغۇرلارنىڭ كەلگۈسىگە دائىر مەسىلىلەر بويىچە مۇھاكىمە قىلدى.