پاش قىلىنغانلار ئىچىدە يېڭىشەھەر ناھىيە تۈرمىسىنىڭ مەھبۇسلارغا قاراتقان «ئالتىنى قىلىش، ئالتىنى قىلماسلىق» تۈزۈمى، نۆۋەتتە نورۋېگىيىدە ياشاۋاتقان سابىق ئادۋوكات بەختىيار ئۆمەر ئەپەندىنىڭ دىققىتىنى تارتتى. بەختىيار ئەپەندى، مەزكۇر تۈزۈمنىڭ خىتاينىڭ ئۆزىنىڭ تۈرمە قانۇنىغىمۇ خىلاپ ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ، ئۇيغۇر مەھبۇسلارنىڭ ئەڭ ئەقەللىي ھوقۇقلىرىنىڭمۇ دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدىكى تۈرمە ۋە قاماقخانىلاردا، مەھبۇسلارنىڭ يېمەك-ئىچمەك شارائىتىنىڭ ئىنتايىن ناچارلىقى، يۇيۇنۇش قاتارلىق تازىلىق ئىمكانلىرىنىڭ يوق دەرىجىدە ئىكەنلىكى، بۇنىڭ ئۈستىگە، مەھبۇسلارنىڭ جىسمانىي جەھەتتىن راھەت نەپەسلىنىشلا ئەمەس، مەنىۋى جەھەتتىن ئەركىن نەپەس ئېلىش پۇرسىتى يوقلۇقى، سىرتقا چىققان مەھبۇسلار تەرىپىدىن پاكىتلىرى بىلەن ئاشكارىلانماقتا. سابىق ئادۋوكات بەختىيار ئەپەندى قاماقخانىدىكى بۇ ئەھۋاللار ھەققىدە توختالدى.
تۆۋەندىكىلەر بىر مەھبۇسنىڭ تۈرمىدىكى چېغىدا يادلىۋالغان 6 نى قىلىش 6 نى قىلماسلىق قائىدىسى:
6 نى قىلىش:
- ساقچىلارنىڭ باشقۇرۇشىغا بويسۇنۇش.
- گۇماندارلار ئۆزىدىكى جىنايەتنى تولۇق تونۇپ، بۇنىڭ بىلەن بىللە باشقىلارنىڭ جىنايىتىنى بىلسە تاپشۇرۇش.
- پارتىيە، دۆلەتنىڭ قانۇن سىياسەتلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، جىنايەت مەنبەسىنى چوڭقۇر قېزىش؛ دۇنيا قارىشىنى تىرىشىپ ئۆزگەرتىش.
- شەخسىي تازىلىق، مۇھىت تازىلىقنى ياخشىلاش، ئۆزى ياتقان كامېر ئىچى پاكىز بولۇش، رەتلىك بولۇش.
- مەشغۇلاتقا ئۆز ۋاقتىدا قاتنىشىش، ئەمگەككە، ئۆگىنىشكە ئەھمىيەت بېرىش.
- ئۆز-ئارا نازارەت قىلىش، مەسىلە بولسا ئىنكاس قىلىش، كامېر ئىچىدە قانۇنغا خىلاپ ئىشلار بايقالسا، باشقۇرغۇچىغا ئۆز ۋاقتىدا ئىنكاس قىلىش.
6 نى قىلماسلىق:
- دېلو توغرىسىدا سۆزلەشمەسلىك، سوراققا، ئەيىبلەشكە قارشى پىلان تۈزمەسلىك.
- ئەكسىيەتچىل ۋە لۈكچەكلىككە ئائىت گەپ-سۆزلەرنى تارقاتماسلىق.
- زومىگەر بولۇۋالماسلىق، ئويۇن قويماسلىق، ناخشا ئېيتماسلىق، ئۇسۇل ئوينىماسلىق، ھاراق-تاماكا ئىستېمال قىلماسلىق، قىمار ئوينىماسلىق.
- يۇقىرى ئاۋازدا گەپ قىلماسلىق، باشقىلارنىڭ مال-مۈلكىنى ئىگىلىۋالماسلىق، يېمەكلىرىنى يەۋالماسلىق.
- ئومۇمنىڭ مال مۈلكى بولغان كىتاب، ژۇرناللارنى يىرتىپ تاشلىماسلىق، تامغا خەت يازماسلىق.
- خەتەرلىك، چەكلەنگەن بۇيۇملارنى يوشۇرماسلىق، ئېلىپ يۈرمەسلىك، ياسىماسلىق.
يۇقىرىقى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپ قىلغۇچىلارنىڭ قىلمىشى قانۇن بويىچە سۈرۈشتە قىلىنىدۇ؛ ئېھتىيات قوراللىرى ئىشلىتىلىپ نەزەربەند قىلىنىدۇ.
يۇقىرىدا، يېڭىشەھەر ناھىيىلىك تۈرمىنىڭ ئالتىنى قىلىش، ئالتىنى قىلماسلىق تۈزۈمى ھەققىدە، سابىق ئادۋوكات بەختىيار ئۆمەر بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەت خاتىرىسى ھەققىدە مەلۇمات بەردۇق.
تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىلەر.