تۈرك دۇنياسىنىڭ بۈيۈك شائىرى بەختىيار ۋاھاپزادەنىڭ ۋاپاتىنىڭ بىر يىللىقى خاتىرىلەندى
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺗﺎﺭﯨﻢ
2010.03.16
2010.03.16

Photo: RFA
3 - ئاينىڭ 16 - كۈنى گازى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ يىغىنغا خەلقئارا تۈركىي مىللەتلەر مەدەنىيەتلەر بىرلىكى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى دۈسەن كەسەئىنوۋ، ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ مۇدىرى پروف. در. رىزا ئايخان، تۈركىيە مەدەنىيەت مىنىستىرى مۇئاۋىنى قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى.
كېيىن ئازەربايجانلىق بۈيۈك شائىر بەختىيار ۋاھاپزادەنىڭ ھاياتىنى ئاڭلىتىلغان ھۆججەتلىك فىلىم كۆرسىتىلدى. بەختىيار ۋاخاپزادەنىڭ ئايىلى دىلارا ۋاھاپزادە ۋە نەۋرىسى ماھمۇت ۋاھاپزادە بۈيۈك شائىر بەختىيار ۋاھاپزادەنىڭ ھاياتىنى ئاڭلاتتى. ئاقشامغىچە داۋام قىلغان بۇ خاتىرىلەش يىغىنىدا بەختىيار ۋاخاپزادەنىڭ كۆز قاراشلىرى، ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ۋە ئۇنىڭ ئازەربايجان ئازادلىق كۈرىشىدىكى ئورنى، تۈرك دۇنياسىغا قوشقان تۆھپىلىرى ھەققىدە كۆپ ساندا ئەدەبىياتچى ۋە ئىلىم ئادەملىرى ئۆز كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى.
بەختىيار ۋاخاپزادە 1925 - يىلى 8 - ئاينىڭ 16 - كۈنى ئازەربايجاننىڭ شەكى دېگەن يېرىدە تۇغۇلغان. 9 ياش ۋاقتىدا ئائىلىسى بىلەن بىرلىكتە باكۇغا كۆچۈپ كەلگەن. 1947 - يىلى باكۇ دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتى ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەن بەختىيار ۋاخاپزادە، شۇ ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇتقۇچى بولۇپ خىزمەت باشلىغان.
1980 - يىلى ئازەربايجان پەنلەر ئاكېدېمىيىسىگە ئەزا بولۇپ سايلانغان. ئۇ 2001 - يىلى پېنسىيىگە چىققان. بۈيۈك خەلق شائىرى بەختىيار ۋاخاپزادە 1960 - يىلىدىن تارتىپ ئازەربايجان مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنىڭ يول باشچىلىقىنى قىلغان. 1959 - يىلى يازغان "گۈلىستان" ناملىق شېئىرىدا رۇسلار بىلەن ئىرانلىقلار بېسىۋالغان ئازەربايجان خەلقىنىڭ تراگىدېيىسىنى ئاڭلاتقان. سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى مەزگىلىدە "بۆلگۈنچى " دەپ ئەيىبلىنىپ تۈرمىگە قامالغان بەختىيار ۋاخاپزادە ئەسەرلىرىنىڭ كۆپ قىسىمىنى چەتئەلدە نەشىر قىلدۇرغان.
پۈتۈن ئەسەرلىرىدە ۋەتەن سۆيگۈسىنى، مۇستەقىللىق ۋە ئانا تىل سۆيگۈسىنى بايان قىلغان بەختىيار ۋاخاپزادە 1995 - يىلى ئازەربايجان ئازادلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ئۇلۇغ شائىر بەختىيار ۋاخاپزادە 1980 - يىلىدىن 2000 - يىلىغىچە 5 قېتىم پارلامېنت ئەزاسى بولۇپ سايلانغان. ئۇ 2009 - يىلى 3 - ئاينىڭ 13 - كۈنى ئازەربايجاننىڭ پايتەختى باكۇدا ۋاپات بولغان. بەختىيار ۋاخاپزادەنىڭ تۈركىيىدە 15 كىتابى، رۇس تىلىدا 14 كىتابى، ئىراندا 5 كىتابى، ئۆزبەكچە 2، نېمىسچە 2، ئىنگىلىزچە 2، تۈركمەنچە 1 كىتابى بولۇپ جەمئىي 40 ئەتراپىدا شېئىر كىتابى، 11 ئىلمىي ئەسەرى، يۈز پارچىدىن ئارتۇق ماقالە ۋە تىياتېر ئەسەرلىرى ئېلان قىلىنغان.
ئۇزۇن يىل بەختىيار ۋاخاپزادە بىلەن بىر كافېدرادا خىزمەت قىلغان، باكۇ دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتى تىل ئەدەبىيات فاكۇلتېتى مۇدىرى پروف. در. قارا نامازوۋ ئەپەندى ئۇنىڭ كىشىلىكى ۋە ئەسەرلىرى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:
"مەن بەختىيار ۋاخاپزادە بىلەن 30 يىل بىر كافېدرادا ئىشلىدىم. ئۇ مېنىڭ مۇئەلىمىم بولغان، مەن ئۇنىۋېرسىتېتنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن 1956 - يىلىدىن 1990 - يىلىغىچە ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىشلىدىم. ئۇ، مىللى ئازادلىقنى، مۇستەقىللىقنى سۆيىدىغان، ئۆز ۋەتىنىنى، ئۆز مىللىتىنى سۆيىدىغان بىر كىشى ئىدى. پۈتۈن شېئىرلىرىنى ئازەربايجاننىڭ مۇستەقىللىقى، تۈرك دۇنياسىنىڭ مۇستەقىللىقىغە ئاتاپ يازغان بۈيۈك بىر شائىر ئىدى".
پروف. در. قارا نامازوۋ بۈيۈك شائىر بەختىيار ۋاخاپزادەنىڭ بىردىن بىر ئارزۇسىنىڭ تۈرك دۇنياسىنىڭ ئىتتىپاقلىقى ۋە پۈتۈن تۈركىي مىللەتلەرنىڭ مۇستەقىللىقى ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: "بەختىيار ۋاخاپزادە پۈتۈن تۈرك دۇنياسىدىكى خەلقلەرنى ياخشى بىلەتتى. ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي مىللەتلەر بولسۇن، ئاناتولىيىدىكى تۈركلەر بولسۇن، ۋولگا بويىدىكى تۈركىي خەلقلەر بولسۇن ۋە تاتارلار بولسۇن ھەممىسىنى تۈرك دەيتتى. ئۇلارنىڭ بىرلىكى ئۈچۈن تىرىشاتتى. پۈتۈن ئەسەرلىرىدە بۇلارنى يازدى".
پروف. در. قارا نامازوۋ ئەپەندى تۈرك دۇنياسىنىڭ بۈيۈك شائىرى بەختىيار ۋاخاپزادەنى مەڭگۇ ياشىتىش ئۈچۈن ئۇنى ياخشى چۈشىنىش كېرەكلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: "ئۇنى ياشىتىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئۇنى ياخشى چۈشىنىشىمىز كېرەك. ئۇنىڭ ئۈچۈن بولسا ئەسەرلىرىنىڭ ھەممىسىنى نەشىر قىلىش كېرەك. ئازەربايجاندا ئۇنىڭ ئەسەرلىرى 20 توم قىلىپ نەشىرگە تەييارلاندى، 12 تومى نەشىردىن چىقتى. بىز ئۇنىڭ يۇرتى شەكىگە ئۇنىڭ ھەيكىلىنى تۇرغۇزدۇق، مۇزېي قۇردۇق. ۋەتەنپەرۋەر بۈيۈك شائىرىمىز بەختىيار ۋاخاپزادەنىڭ ئەسەرلىرىنى پۈتۈن تۈركىي تىللاردا نەشىر قىلىشىمىز كېرەك. شۇنداق قىلغاندا بىز ئۇنى قەلبىمىزدە ياشىتالايمىز. ئۇ 84 يىللىق ئۆمرىنى ئازەربايجاننىڭ مۇستەقىللىقىغە ئاتىغان بۈيۈك شائىر".
ئۆمۈر بويى ئازەربايجاننىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن كۈرەش قىلغان بەختىيار ۋاخاپزادەنىڭ 1956 - يىلى يازغان "ئانا تىل" ناملىق شېئىرى پۈتۈن تۈرك دۇنياسىدا ياخشى بىلىنىدۇ. بىز پروگرامىمىزنى ئۇنىڭ ئانا تىل دېگەن شېئىرىدىن بىر كۇبلىت بىلەن ئاخىرلاشتۇرىمىز.
بۇ دىل - بىزىم رۇھۇمۇز، ئەشگىمىز، جانىمىزدىر.
بۇ دىل - بىربىرىمىزلە ئەھدى - پەيمانىمىزدىر.
بۇ دىل - تانىتمىش بىزە بۇ دۈنيادا ھەر شەيى.
بۇ دىل - ئەجدادىمىزىن بىزە قويۇپ گەتدىيى،
ئەن قىيمەتلى مىراسدىر. ئونۇ گۆزلەرىمىزدەك
قورۇيۇپ، نەسىللەرە بىزمۇ ھەدىيە ۋەرەك.
شېئىرنىڭ ئۇيغۇرچە يەشمىسى:
بۇ تىل - بىزنىڭ روھىمىز، ئىشقىمىز، جېنىمىزدۇر
بۇ تىل بىر بىمىز بىلەن ئەھدى پەيمانىمىزدۇر
بۇ تىل - دۇنيادىكى ھەممە نەرسىنى بىزگە تونۇتتى
بۇ تىل - ئاتىلىرىمىز بىزگە قويۇپ كەتكەن ئەڭ قىممەتلىك مىراس
ئۇنى كۆزىمىزدەك قوغداپ ئەۋلادلىرىمىزغا بىزمۇ سوۋغات قىلايلى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.