بىراق 20 - ئاۋغۇست كۈنى ئىستانسىمىزنىڭ مۇخبىرى بېيجىڭدىكى نامايىش ئېلىپ بېرىش مەيدانىدا بىر خىتاي ئايالنىڭ ئۇنىڭغا يىغلاپ تۇرۇپ ئېيتقان دەرتلىرىنى ئاڭلىدى.
خىتاي بىخەتەرلىك ئورگانلىرى ئولىمپىك مەزگىلىدە بېيجىڭ شەھەرلىك دۇنيا باغچىسى، بامبۇك باغچىسى ۋە رىتەن باغچىلىرىدا خەلقنىڭ نامايىش ئېلىپ بېرىشىغا يول قويىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان بولسىمۇ، بىراق ئولىمپىك تەنتەربىيە مۇراسىمى باشلىنىپ بۈگۈنگە قەدەر ھېچقانداق ئادەمنىڭ نامايىش ئۆتكۈزۈش تەلىپىنى قوبۇل قىلغان ئەمەس. شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، مۇناسىۋەتلىك تارماقلار، نامايىش رۇخسىتى ئېلىش ئۈچۈن سۇنۇلغان 77 دېلونى تاپشۇرۇپ ئالغان، بۇلارنىڭ ئىچىدە 74 دىلوغا ئائىت مەسىلە بىر تەرەپ قىلىنغانلىقتىن ئىلتىماسلار قايتۇرۇۋېلىنغان، 2 سى مەلۇماتلار تولۇق ئەمەس دەپ قارىلىپ قايتۇرۋىتىلگەن، 1 سى قانۇنسىز ھېسابلىنىپ ئىلتىماس قايتۇرۋىتىلگەن.
كۆزەتكۈچىلەر يۇقىرىقى ئۇچۇرلارنى دۇنيا مەتبۇئاتى ئۈچۈن بېرىلگەن ساختا خەۋەر دەپ قارىغان. بۇ ئارىدا بېيجىڭ ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ باياناتچىسى ۋاڭ ۋېي ": نامايىش ئۆتكۈزۈش مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ چارىسى ئەمەس، ياخشى ئىزدىنىش ئېلىپ بېرىش ۋە دىئالوگ قۇرۇش ئۇسۇللىرى بىلەن مەسىلىنى ھەل قىلىش، ھەقىقىي جۇڭگو مەدەنىيىتىگە باب كېلىدىغان چارە،" دېگەن.
ۋاڭ ۋېي سۆزىدە يەنە": مېنىڭچە، نامايىش قىلماقچى بولغان بۇ كىشىلەرنىڭ مەقسىتى مەسىلىنى ھەل قىلىش، مەسىلىنىڭ ھەل بولغىنى ئىشنىڭ پۈتكىنى، دېمەك مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ ئاساسلىق چارىسى قانۇن يوللىرىدىن پايدىلىنىش، ئۇ ھەرگىزمۇ نامايىش قىلىش ئەمەس " دېدى.
ۋاڭ ۋېي ": كىشىلەر سۆز قىلىش ئەركىنلىكىگە ئىگە، ئولىمپىك نامايىش مەيدانى تەسىس قىلىش بىلەن ماۋ زېدۇڭنىڭ بارچە گۈللەر تەڭ ئېچىلسۇن دېگەن ئەقلىيەسى بىر - بىرىگە ئوخشىمايدۇ " دەپ تەكىتلىگەن بولۇپ، چەتئەل مەتبۇئاتلىرىدا ئاشكارىلانغان ئىككى ياشانغان موماينىڭ نامايىش ئۆتكۈزۈش ئىلتىماسى تۈپەيلى بىر يىللىق ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش جازاسىغا تارتىلىش ئەھۋالى خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ باياناتچىسىغا ياخشى تەسىر كۆرسەتمىگەن.
نامايىش ئېلىپ بېرىشقا رۇخسەت بېرىلگەن رايوننىڭ ۋەزىيىتىنى كۆزىتىپ بېقىش ئۈچۈن، ئىستانسىمىزنىڭ بېيجىڭغا ئەۋەتكەن مۇخبىرى گۇ جىرۇ، 20 - ئاۋغۇست كۈنى چۈشتىن كېيىن بېيجىڭدىكى رىتەن باغچىسىغا زىيارەتكە بارغان.
مۇخبىر گۇ جىرۇ ئالدى بىلەن، مەزكۈر باغچىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىكى ھەربىي پوستتىن، بۇ جاي نامايىش ئۆتكۈزۈشكە رۇخسەت بېرىلگەن 3 جاينىڭ بىرسىمۇ؟ دەپ سورىغان.
ھەربىي پوست توغرا دەپ جاۋاب بېرىپ، بۇ جاينىڭ بىر قانچە كۈندىن بۇيان ناھايىتى تېنچ ئىكەنلىكىنى، بۇ جەمئىيەت مۇھىتىنىڭ ياخشىلىقىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
مۇخبىرىمىز ھەربىي پوستقا 77 قېتىملىق نامايىش ئىلتىماسىنىڭ رەت قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەندە، پوست " : بۇنىڭدىن خەۋىرىم يوق، مەن ۋەزىپە ئادا قىلىۋاتىمەن، زىيارەت قىلىشقا ئەپسىز " دەپ جاۋاب بەرگەن.
مۇخبىرىمىز باغچا ئىچىگە كىرىپ نەچچە قەدەم ماڭماي تۇرۇپلا، بىرەيلەننىڭ ئۇنىڭدىن سالاھىيەت كىنىشكىسىنى سورىغان ئاۋازى ئاڭلانغان، مۇخبىرىمىز "بۇ باغچىغۇ ؟ "دەپ مۇخبىرلىق كىنىشكىسىنى كۆرسەتكەن، باغچا باشقۇرغۇچىسى،" ئەگەر مۇخبىرلار زىيارەتكە كەلسە، بىز مۇخبىرلارنى بىردەك قوبۇل قىلىمىز" دېگەن، مۇخبىر دېگەن سۆزنى ئاڭلىغان بىر ئوتتۇرا ياشلىق ئايال، ئىستانسىمىز مۇخبىرى گۇ جىرۇنىڭ يېنىغا يۈگرەپ كېلىپ، " سىز مۇخبىرمۇ؟ مېنىڭ دەردىمنى ئاڭلاڭ، مەن لياۋنىڭلىق بولىمەن، مەن ئادىللىققا مۇھتاج، ئۇلار مېنىڭ يولدۇشۇمغا ئۇۋال قىلدى، ھېچقانداق گۇناھ قىلمىغان يولدۇشۇمنى 9 ئاي سولاپ قويدى، گەرچە قايتىپ چىققان بولسىمۇ، ئۇلار، ئۇنى مېيىپ ھالەتكە كەلتۈرۈپ قويغان. 3 يىل بولدى بۇ ئىشنى ھېچكىم سۈرۈشتە قىلغىنى يوق، بىزنىڭ يەرلىك ئەمەلدارلار بىزنى بەك قىيناپ كەتتى، پۈتۈن ئائىلىمىزنى 24 سائەت كۆزىتىدۇ، ئەرز قىلساڭ كۆرگىلىكىڭ بار دەپ تەھدىت سالىدۇ " دەپ يىغلاپ ئۆز دەردىنى بايان قىلغان.
بۇ چاغدا ئەتراپقا ئادەملەر توپلاشقان بولۇپ، كىشىلەر گاۋ ۋىنجۇەن ئىسىملىك ئايالغا ئۆزلىرىنىڭ ھەر خىل تەۋسىيىلىرىنى ئاڭلىتىپ، " سىز ئەڭ ياخشىسى، ئەرزىيەت ئىدارىسىغا بېرىڭ" دېيىشكەن، گاۋ ۋىنچۈەن " مېنىڭ بارمىغان يېرىم قالمىدى، بۇ دۆلەتتە ھەقىقەت يوق، كىشىلىك ھوقۇق يوق، مەن بىر ئادەتتىكى ئاددى پۇقرا، بۇ دۆلەتتە چوڭ ئادەملەرنىڭ، پۇلدار، ئەمەلدارلارنىڭ سورىقى بولىدۇ، بۇ يەردە ئېزىلىشتىن باشقا نەرسە يوق " دەپ ۋاقىراپ نالە قىلغان.
يەنە بىر كىشى، بۇ ئايالغا تەسەللى بېرىپ " لىياۋنىڭدا يۈز بەرگەن ۋەقەنى، بېيجىڭدا سورىشى ناتايىن، يەرلىك گېزىت - ژۇرناللارغا ۋەقەنى ئاشكارىلىمىدىڭىزمۇ " دەپ سورىغاندا، گاۋ يەنە " يەرلىك ھۆكۈمەت بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، مېنى كۆزىتىپ تۇرۇشنى بېكىتتى، مەن بېيجىڭغا ئوغۇرلۇقچە قېچىپ كەلدىم" دېگەن.
گاۋ ۋېنچۈەننىڭ يولدىشى لىياۋنىڭ ساقچى ئىدارىسىنىڭ ساقچىسى بولۇپ، ئۇنى سەۋەبسىزلا سولاپ قويغان، قويۇپ بېرىلگەن 3 يىلدىن بۇيان خىزمىتى ئەسلىگە كەلمىگەن شۇنىڭدەك بۇ ۋەقە ئەگەر ئاشكارىلانسا ئەر - خوتۇن ھەر ئىككىسىنىڭ قايتا تۈرمىگە تاشلىنىدىغانلىقى ھەققىدە تەھدىتكە ئۇچرىغان.
ئىستانسىمىز مۇخبىرى گاۋنىڭ بىخەتەرلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۇنىڭ دەرھال كېتىشنى تەۋسىيە قىلىپ، ئۇنىڭ قارىسى يوقىغىچە ئارقىسىدىن قاراپ تۇرغان. دەل شۇ پەيتتە، پۇقراچە كىيىنگەن بىر قانچە ئادەم بىلەن، ناھايىتى كىچىك ھەرىپتە " ساقچى " دەپ يېزىلغان كۆك رەڭلىك تەنتەربىيە كىيىمى كىيگەن بىر ئادەم ئۇنىڭ ئارقىسىدىن قوغلاپ يېتىپ بېرىپ، ئۇنى ئىككى قولىدىن تارتقان پېتى ئېلىپ كەتكەن.