يەنە كېلىپ، بۇ پىكىرلەر ھامان ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ خىتاي ئۈچۈن زور تەھلىكە پەيدا قىلىۋاتقانلىقىغا مەركەزلەشتى.
چەكتىن ئاشقان بەدەل
دۇنيا گېزىتىنىڭ 22 - ئىيۇلدىكى "ئەنسىزچىلىككە پاتقان بېيجىڭ" ناملىق خەۋىرى مۇنداق باشلانغان: "بېيجىڭ ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ليۇ چى بولسا ماۋ زېدۇڭ ئۈزۈندىلىرىدىكى 'ئاممىنى ھەرىكەتلەندۈرۈش' چاقىرىقىنى جېنىنىڭ بېرىچە توۋلاۋاتىدۇ. لېكىن ھەرىكەتلەندۈرۈلىدىغان ئاممىنىڭ قىزغىنلىقىنىڭمۇ چېكى بار. ئۇلار تۇرمۇشتا ئاۋارىچىلىققا ئۇچرىدى. ئولىمپىكنىڭ سەلبىي تەسىرىگە قاتتىق يولۇقتى. يوللاردا، ۋاگزاللاردا سومكىلىرى ئاختۇرۇلىۋاتىدۇ. ئىجارىگە ئېلىنغان ئۆيلەر ئارقىمۇ - ئارقا تەكشۈرۈلىۋاتىدۇ. نوپۇسسىزلار پايتەخىتتىن ھەيدىلىۋاتىدۇ. بىر مىليوندىن ئارتۇق ئىشلەمچى بۇ سەۋەبلىك پۇل تېپىش پۇرسىتىدىن ئايرىلىپ قېلىۋاتىدۇ. ئۇلار ئىككى ئاي قەھەتچىلىكنىڭ دەردىنى تارتىدۇ. ھۆكۈمەت بولسا، بۇ ئاشۇرۇۋەتكەنلىك ئەمەس، ھەر بىر پۇقرا دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشلىرى ئۈچۈن ئاز - تولا بەدەل تۆلىشى كېرەك، دەۋاتىدۇ. پۇقرالار بولسا بۇنداق بەدەل تۆلەشنىڭ ھېچ ھاجىتى يوق ئىدى دەۋاتىدۇ."
ئۇيغۇرلار ئاساسى خەۋپ
"ئەنسىزچىلىككە پاتقان بېيجىڭ" ناملىق خەۋەردە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستان تېررورچىلىرىدىن قاتتىق ئەنسىرەۋاتقانلىقىنى مۇنداق بايان قىلغان: "خىتاي ھۆكۈمىتى تېررورچىلار، بۆلگۈنچىلەر ۋە رادىكال دىنىي ئۇنسۇرلارغا قارشى كۈرەشنى يۇقىرى پەللىگە كۆتەردى. ئۇيغۇر ئىسلام رادىكال كۈچلىرىنىڭ ئىنتېرنېتتىكى تېررور تەھدىتلىرىنى جىددىي دىققىتىگە ئالدى. ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ كۈچلەر ئاللا بۇرۇن شەرقىي تۈركىستانغا تېررورلۇق ھۇجۇملىرى ئېلىپ بارىدىغان قاتىللارنى كىرگۈزۈپ بولغان. بۇ يىل 1 - ئايدىن 6 - ئايغىچە، خىتاي ساقچى دائىرىلىرى 41 جايدىكى جىھاتچىلارنى تەربىيىلەش بازىلىرىنى تار - مار قىلغان. لېكىن خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خىتاينىڭ بۇ تەدبىرلىرىگە سىياسىي مۇددىئا يوشۇرۇنغانلىقىنى، خىتاينىڭ تېررورغا قارشى تۇرۇش باھانىسىدا، ھۆكۈمەتكە قارشى كۈچلەرنى قاتتىق باستۇرۇۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالماقتا.
" ئۇيغۇرلارنىڭ جاسارىتى "
باش شىتابى بېرلىندىكى بىخەتەرلىك ۋە كۆزىتىش مەركىزىنىڭ ميۇنخېندىكى خادىمى مەنتور ئەپەندى، شەرقىي تۈركىستاندا بۇ يىل 1 - ئايدىن 7 - ئايغىچە بولغان ئارىلىقتا يۈز بەرگەن قانلىق قىرغىنچىلىقلار، خىتاينىڭ تېررور تۆھمىتى نىقابىدا ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن دەھشەتلىك باستۇرۇش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىق مەسىلىسىگە خەلقئارانىڭ جىددىي نەزىرى ئاغدۇرۇلىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئېلىپ " مەن شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىلچى كۈچلىرىنى خىتايدىن باشقا ھېچ بىر دۆلەت ۋە خەلقنىڭ تېررورچى، دەپ قارىمايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. ئۆز مۇستەقىللىقى ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان مىللەت ھەرگىزمۇ تېررورچى بولمايدۇ. ئەگەر ئۇيغۇرلار بۈگۈن بېيجىڭنىڭ يۈرىكىنى ئەنسىزچىلىككە پاتۇرالىغان بولسا، بېيجىڭنى بۇ قەدەر ساراسىمىگە سالالىغان بولسا، ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق كۈرىشىنى غەلىبىگە قاراپ يۈزلىنىپتۇ، دېيىشكە بولىدۇ. خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىلچىلىرىگە قارشى بۇنچىلىك زور تەدبىرلەرنى قوللىنىشقا مەجبۇر بولۇشى، دېمەككى، ئۇيغۇرلاردا خىتاينى تىترەتكىدەك بىر جاسارەتنىڭ مەۋجۇتلىقىدىن بىشارەت بېرىدۇ."
مىللىي توقۇنۇش كۈچەيمەكتە
كۆلىن يېتەكچى گېزىتىنىڭ 24 - ئىيۇلدىكى " خىتاي پاراكەندە بىر يىلغا يۈزلىنىۋاتامدۇ؟" ناملىق خەۋىرىدە، 7 - ئاينىڭ 21 - كۈنى يۈز بەرگەن كۈنمىڭدىكى ئاپتوبۇس پارتلاش ۋەقەسىنى تىلغا ئالغاندا، خىتايدا ھېچ بىر ھەپتىنىڭ قارشىلىقسىز ئۆتمەيۋاتقانلىقى، خىتاي پۇقرالىرى بىلەن ساقچىلار ئارىسىدا ھەر خىل قانلىق ۋەقەلەرنىڭ ئۈزلۈكسىز يۈز بېرىپ كېلىۋاتقانلىقى تەكىتلىنىپ، بولۇپمۇ مىللىي توقۇنۇشلارنىڭ بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقانلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىقلىرىنىڭ يۇقىرى بىر سەۋىيىگە كۆتۈرۈلۈۋاتقانلىقى بايان قىلىنغان. خەۋەردە مۇنداق دېيىلگەن: خىتايدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر مەدەنىيىتى خىتاي مەدەنىيىتىنىڭ بېسىمىغا دۇچ كەلدى. ئۇيغۇرلار ئەسلىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ھەر خىل قارشىلىق ۋە تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە مۇراجىئەت قىلماقتا. بېيجىڭنىڭ ئۇلارنىڭ دەردىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە راھى يوق."
"قۇللارچە ياشىغاندىن، ئىنسانچە ئۆلۈشنىڭ شەرەپلىك ئىكەنلىكىنى كىم بىلمەيدۇ؟"
بېيجىڭ ھامان بىر كۈنى مۇسۇلمان ئۇيغۇرلارغا قوللىنىۋاتقان زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرى ئۈچۈن ھېساب بېرىشكە مەجبۇر بولىدۇ، - دەيدۇ، بىخەتەرلىك ۋە كۆزىتىش مەركىزىنىڭ ميۇنخېندىكى خادىمى مەنتور ئەپەندى، شەرقىي تۈركىستاندا 8 - ۋە 9 - ئىيۇل كۈنلىرى يۈز بەرگەن قانلىق باستۇرۇش ۋەقەسىدىن غەزەپلەنگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ. ئۇ سۆزىدە يەنە مۇنداق دېدى، - قايسى بىر دېموكراتىك دۆلەت ۋە مىللەت ئۆزلىرىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئورنىغا قويۇپ ئويلىنىپ بېقىشنى خالىسا ۋە بېشىغا كەلگەن بۇ مىسلىسىز ئېغىر زۇلۇملاردىن قۇتۇلۇشنىڭ ئۈنۈملۈك بىر چارىسىنى تاپالمايدىغانلىقىنى ھېس قىلسا، ھېچ ئىككىلەنمەي قوراللىق باستۇرۇشقا قارشى قوراللىق تاقابىل تۇرۇش يولىنى تاللايدىغانلىقىدىن گۇمانلانمىغان بولاتتى. شەخسەن مەن، ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى تاللىۋالغان ئەمەس، مەجبۇرلانغان يولىنى چۈشىنىمەن. ئەگەر مەن بىر ئۇيغۇر بولغان بولسام، ئەسلا ئىككىلەنمەي بۇ سەپكە قوشۇلۇپ كەتكەن بولاتتىم. ھاياتلىق ھەقلىرىدىن مەھرۇم بولۇپ قۇللارچە ياشىغاندىن، ئىنسانچە ئۆلۈشنىڭ شەرەپلىك ئىكەنلىكىنى كىم بىلمەيدۇ؟
خىتاي پۇقرالىرىنىڭ قارشىلىقى تېخىمۇ زور
" خىتاي پاراكەندە بىر يىلغا يۈزلىنىۋاتامدۇ؟" ناملىق خەۋەردە، گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى بېيجىڭ ئولىمپىكى ئۈچۈن ئۇيغۇر تېررورچىلىرىنىڭ ئەڭ زور تەھدىت ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئۈزلۈكسىز جەزىملەشتۈرىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە خىتاي پۇقرالىرىنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭمۇ يۇقىرى بىر دولقۇن ھاسىل قىلغانلىقى، بۇ قارشىلىقنىڭ پۈتۈن خىتاي مىقياسىغا يېيىلغانلىقى، بەلكى خىتايلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلاردىن ئۆتە زور پاراكەندىچىلىك پەيدا قىلىشى مۇمكىنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.