شۇ كۈنى 60 تىن ئارتۇق خىتاي ئەرزدار بىلەن 12 ئۇيغۇر ئەرزدار ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن كۆرۈشۈشنى تەلەپ قىلغان. دەرۋازا ئالدىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ساقچىلار ئەرزدارلارنىڭ قورۇغا كىرىشىگە توسقۇنلۇق قىلغان؛ بۇ چاغدا ئۇيغۇر ئەرزدارلار قورۇنىڭ ئىچىگە ئېتىلىپ كىرگەن. قورۇدىكى 20 دىن ئارتۇق ساقچى 3 ئۇيغۇر ئەرزدارنى ئىشخانىسىغا سۆرەپ كىرىپ قاتتىق ئۇرغان ۋە ئېغىر دەرىجىدە يارىلاندۇرغان. ۋەقەنىڭ ئاقىۋىتىدە ئۇيغۇر ئەرزدارلار بېيجىڭدىكى بىر تۇتۇپ تۇرۇش مەركىزىگە قاماپ قويۇلغان. بۇ جايدا ئۇيغۇر ئەرزدارلارنىڭ ساقلىرى يارىدارلارنى دۈمبىسىدە يۈدۈپ قاماقخانىدىن قېچىپ كەتكەن.
خىتاينىڭ ھەر دەرىجىلىك ئورگانلىرىغا ئەرز سۇنۇپ ئاقتۇرالمىغان ئۇيغۇر ئەرزدارلار، ئاخىرى ئەرزىنى مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىغا يەتكۈزۈشنى توغرا تاپقان. بىراق كومىتېت خىزمەتچىلىرى ئەرزدارلارنى يەنىلا قۇرۇق سۆز بىلەن قايتۇرۇشقا ئۇرۇنغان. ئەرزدارلار، كومىتېتنىڭ مۇدىرى خې يۇڭ بىلەن كۆرۈشۈشنى تەلەپ قىلغان. بۇ تەلەپمۇ ئوخشاشلا رەت بولغان. نەتىجىدە بىرقانچە ئۇيغۇر ئەرزدار كومىتېت قورۇسىغا بېسىپ كىرگەن.
ئۇيغۇر ئەرزدارلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلارنىڭ ئەرزىنىڭ تا ھازىرغىچە ھەل بولماي كېلىشى، ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ چىرىكلىك ۋە خىيانەتچىلىكى سەۋەبىدىندۇر. شۇڭا ئۇلار رەھبىرى كادىرلارنى نازارەت قىلىدىغان ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىدىن چارە كۈتكەن. لېكىن ئۇلار بۇ جايدا دەردىگە داۋا ئەمەس، بەلكى جاراھەتلىرىنىڭ ئۈستىگە زەربە يېگەن.
شۇ كۈنى ئېغىر دەرىجىدە زەخىملەنگەن ئەرزدارلاردىن بىرى يەكەن ناھىيىسىنىڭ ئودانلىق يېزىسىدىن ياسىن سادىقتۇر. ياسىن سادىق شۇ كۈنىدىكى ۋەقەدە باش-كۆزى يېرىلغان. نۆۋەتتە بېيجىڭنى تاشلاپ تيەنجىندە مۆكۈنۈپ ياشاۋاتقان ياسىن سادىقنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇنىڭ سالامەتلىكى تېخىچە ئەسلىگە كەلمىگەن، ئۇ ئاڭلاش سېزىمىنى يوقىتىپ قويغان.
شۇ كۈنى ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، بېيجىڭ دائىرىلىرى ۋەقەدىن ئۇيغۇر رايونلۇق ھۆكۈمەتنى خەۋەردار قىلغان. رايونلۇق ھۆكۈمەت، بېيجىڭغا مەخسۇس خىزمەت گۇرۇپپىسى ئەۋەتىپ ۋەقەنى تەكشۈرگەن، لېكىن، بۇ گۇرۇپپا ئەرزدارلار ئۈچۈن ھېچبىر ئىش قىلىپ بېرەلمىگەن.
بېيجىڭ ساقچىلىرى، ئۇيغۇر ئەرزدارلارنى جامائەت تەرتىپىنى بۇزدى دەپ ئەيىبلەپ، ئۇلارغا 7 كۈنلۈكتىن تۇتۇپ تۇرۇش جازاسى بەرگەن ۋە بېيجىڭ شەھىرىدىكى بىر تۇتۇپ تۇرۇش مەركىزىگە قاماق قويغان ۋە جازا مۇددىتى توشقاندىن كېيىن، يۇرتلىرىغا قايتۇرۇۋېتىشنى قارار قىلغان. لېكىن ئۇيغۇر ئەرزدارلار، يۇرتلىرىغا قايتىپ بارسا يەنە جازالىنىدىغانلىقىنى بىلگەچكە، ئۆز-ئارا ھەمكارلىشىپ تۇتۇپ تۇرۇش مەركىزىدىن قېچىپ كەتكەن.
يۇقىرىدا، ئۇيغۇر ئەرزدارلارنىڭ خىتاي ساقچىلىرىدىن تاياق يېگەنلىكى ۋە قاماقخانىدىن بىرلىكتە قېچىپ كەتكەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات بەردۇق.